يەنە ‹‹زەرەپشان ›› ئاتالغۇسى ھەققىدە
ئاپتۇرى : سۇلتان مامۇت ئىبراھىم
(يەكەن ناھىيلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىيىنسىيۇنىرى )
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى تەرپىدىن بىرىلىۋاتقان << مەشرەپ >> پروگىراممىسىنىڭ <<سۇلتان >> شىركىتى تەرپىدىن ئككىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن << سۇلتان مەشرىپى >> گەرچە ياخشى مەزمۇنلىرى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە ئىرىشكەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدا ئوقۇلغان << زەرەپشان مارشى >> دىكى << ئەي زەرەپشان ، سۈيى شەربەت مۇقەددەس دەريا >> دىگەندەك مىسرالار كىشىلەرنى يەنە بىر قىتىم گاڭگىرتىپ قويدى . چۈنكى 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى دىيارىمىزدا ئىشلەنگەن << تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن >> تېلۋىزىيە فىلىمىدە بىر بوۋاي بىر دەريانىڭ بويدا ئولتۇرۇپ << زەرەپشان دەرياسى بە ھەيۋەت دەريا >> دەپ باشلىندىغان بىر ناخشىنى ئىيتقاندا كۆرۈرمەنلەر << بۇ قايسى دەريا بولغىيتى ؟ >> دەپ ھەيران قىلىشقان ھەم شۇنىڭدىن كىيىن سورۇنلاردا بۇ يىڭى نامنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقى توغۇرسىدا غۇلغۇلە قىلشقان ئىدى . ھازىر كۆپچىلىك << زەرەپشاننىڭ چەتئەلدىكى >> بىر دەريا ئىسمى ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە ، بۇ قىتىم بۇ ھەقتىكى غۇلغۇلە تىخىمۇ كۈچلۈك بولدى . ئىلگىرىمۇ بىر قىسىم تەتقىقاتچىلىرىمىز مەتبۇئاتلاردا ماقالە ئېلان قىلىپ رايۇنىمىز تەۋەسىدە << زەرەپشان دەرياسى>> دىگەن نامنى قوللىنىشنىڭ ماھىيەتلىك خاتالىقىنى ھەر تەرپتىن ئىنىق كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى . ئەپسۇسكى، بەزى كىشىلىرىمىز نىمە ئۈچۈندۇر بۇ ھەقتە ئوتتۇرغا قويغان ۋە قويلىۋاتقان پاكىتلارغا كۆز يۇمۇپ ، يەر جاي ناملىرى جەھەتتە كىشلەرنىڭ چۈشەنچىسىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمەيۋاتىدۇ . شۇڭا تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلمىي ھۆكۈملىرىنى كىشلەرنىڭ سەمىگە يەنە بىر قىتىم سىلىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قاردىم .
ئابدىسايىت ھوشۇر ئەپەندىنىڭ << تىل ۋە تەرجىمە >> ژورنىلنىڭ 1994- يىللىق 1- ساندا ئىلغان قىلنغان << زەرەپشان >> بىلەن << 叶尔羌>> نىڭ كىلىپ چىقىشى دىگەن ماقالىسىدە :<< زەرەپشان >> دىگەن نام خەنزۇچىدا<< 叶尔羌>> دەپ تەرجىمە قىلنماقتا ئەملىيەتتە << زەرەپشان >> بىلەن << 叶尔羌>> ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى نام . خەنزۇچىدىكى << 叶尔羌>> دىگەن نام ئەسلىدە يەكەن ناھىيسىنىڭ قەدىمكى نامى < ياركەند > نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت دەپ ئوتتۇرغا قويغان .
مىنىڭ << قەشقەر گېزىتى >> نىڭ 2000- يىلى 1- مارت سانى بىلەن << ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >> نىڭ 2000- يىلى 12 ئۆكتەبىر ساندا ۋە شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى ژورنىلىنىڭ 2001- يىللىق 6- ساندا ئىلغان قىلىنغان << زەرەپشان دەرياسى دىگەن ناما توغۇرسىدا >> دىگەن ماقالەمدە << بىر نەچچە يىلدىن بىرى زەرەپشان دەرياسى دىگەن نام پەيدا بولۇپ قالدى . شائىرلار ، ئەدىبلەر بۇ نامنىڭ نېرى- بىرسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا زوق - شوق بىلەن قەلەمگە ئىلىشتى . شۇنىڭ بىلەن ۋىۋىسكىلار ۋە تاۋار ماركىلىرىدا << زەرەپشان >> دىگەن سۆز بەس- بەستە ئىشلىتىلدى . ئەدەبى ئەسەرلەر ۋە گېزىت سەھىپىلىرىدە << زەرەپشان ناۋاسى >>، << زەرەپشان ناخشىسى >>، << زەرەپشان سۆيگۈسى >> ،<< زەرەپشان چىچەكلىرى >>، << زەرەپشان گۈلزارى >> دىگەندەك دەبدەبلىك سۆزلەر قايناپ كەتتى ..... شۇنى بىلىش كىرەككى ، نۇرغۇن يەر جاي ۋە دەريا نامى خاتىرلەنگەن << تۈركىي تىللار دىۋانى >> دەك نۇپۇزلۇق ئەسەردە يۇرتىمىزدىكى ھەر قانداق بىر دەريانىڭ << زەرەپشان>> نامى بىلەن ئاتالغانلىقىغا دائىر ھىچقانداق مەلۇمات يوق . بۇنىڭدىن باشقا ، ھەر قايسى دەۋىرلەردە ئۇيغۇر ئالىم، ئەدىپلىرى تەرپىدىن يىزىلغان << تارىخىي مۇسقۇيۇن >>، << تارىخىي رەشىد >>، << سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر ماتىرياللار >> ، چىڭگىزخان نامە >> ، تارىخىي ھەمدى >> قاتارلىق تارىخى كىتابلاردىمۇ يەكەن دەرياسىنىڭ << زەرەپشان دەرياسى >> دەپ ئاتالغانلىقىغا دائىر ھىچقانداق مەلۇمات يوق . ئۇنىڭدىن باشقا سوۋېىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە نەشىر قىلنغان خەرىتىلەردىمۇ پۈتۈنلەي << ياركەند دەرياسى >> دەپ ئىلىنغان . ئىلىمىزدە نەشىر قىلىنىۋاتقان خەرىتىلەردىمۇ ئوخشاشلا بۇ دەريانىڭ بىشىدىن ئايغىغىچە << يەكەن دەرياسى >> دەپ ئىلنىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان دىگەن پاكىتلارنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم .
ئابدىقادىر ئىممەت ئەپەندىنىڭ << ئۈرۈمچى كەچلىك گېىزىتى >> نىڭ 2002- يىلى 19- ئۆكتەبىر سانىدا ئىلغان قىلىنغان << زەرەپشان ئاتالغۇسى توغۇرسىدا >> دىگەن ماقالىسىدە كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى << زەرەپشان دەرياسى بىلەن << يەكەن دەرياسى >> جۇغراپىيلىك ئورۇن جەھەتتىن ئالدىنقىسى كۈن پىتىشتا ، كىيىنكىسى كۈن چىقىشتا بولۇپ ، ئىككىسىنىڭ ئارلىقى تۈز سىزىق بويچە 850 كىلومىتىردىن ئارتۇق . تەۋەلىك جەھەتتىن ئالدىنقىسى ھازىرقى ئۆزبىكىستان تىرتورىيسىدە ، كىيىنكىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇن رايۇنى تەۋەسىدا . مۇشۇنداق ئەمەلىي پاكىتقا كۆز يۇمۇپ ، يەكەن دەرياسىنى زورمۇ - زور << زەرەپشان دەرياسى>> دىگەن سۆزنى دىيىش بىمەنىلىك . شۇڭا << زەرەپشان >> دىگەن سۆزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋە ئۇنى << يەكەن >> بىلەن بىر مەندە ئىشلىتىۋاتقانلارغا ( ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە ) دىگەن ئەقلىيەنى تەقدىم قىلىمەن ،دەپ ئوتتۇرغا قويۇلغان .
سەمەت دۇگايلى ئەپەندىنىڭ << ئۈن- سىن گۈلزارى >> ژورنىلىنىڭ 2004- يىللىق 2- ساندا ئېلان قىلنغان << ئاخپارات تىلدىكى بەزى مەسىللەر توغۇرسىدا >> ناملىق ماقالىسىنىڭ << قانۇنغا تاقىشىدىغان سۆزلەر >> دىگەن قىسمىدا : << بىزدە جىددى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ ، تۇزتۇلمەيۋاتقان بىر ئاتالغۇر بار . بۇ بولسىمۇ << يەكەن دەرياسى >> نى << زەرەپشان دەرياىسى >> دەۋىلىش . << زەرەپشان >> نى << يەكەن دەرياسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدۇ . ئەگەر شۇنداق قىلىنسا قانۇنغا خىلاپ بولدۇ دەپ ئوتتۇرغا قويۇلغان .
تۇختى مۇھەممەت ئارىش ئەپەندىنىڭ << ئاسىيا كندىكى >> گېزىنىڭ 2007- يىلى 15- يانۋاردىكى سانى بىلەن<< ئۈرۈمچى كەچىلىك گېزىتى>> نىڭ 2007- يىلى 26- مايدىكى ساندا ۋە << قەشقەر >> ژورنىلنىڭ 2007- يىللىق 6- ساندا ئېلان قىلنغان << زەرەپشان دەرياسى خۇرمارلىرىغا بىر قانچە سۆز>> دىگەن ماقالىسىدە << بەزلەرنىڭ زەرەپشاننىڭ ئەسلى مەنىسنى چۈشەنمەي ، خاتا ئىستىمال قىلىشى بىمەنە تۇيۇلمىسمۇ، بىلىم ساپاسى يۇقىرى ، ئاق - قارنى پەرىق ئىتەلەيدىغان ، ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلىرمىزنىڭ بۇ ئاتالغۇنى زورمۇ- زور ئىستىمال قىلىشى تولىمۇ بىمەنىلىك >> دەپ ئوتتۇرغا قويۇلغان .
تولىمۇ ئەپسۇس ! يۇقۇرقىدەك پاكىتلارغا ، ئەنە شۇنداق ھەقلىق مۇلاھىزىلەرگە پىسەنىت قىلماي ، ئۆزنىڭ خاھىشى بويچە << زەرەپشان >> ئاتالغۇسىغا يىپىشىۋالغان بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىزگە نىمە دىگۈلۈك ؟ بۇ مەسىلىدە شۇنى كۆرسۈتۈپ ئۆتۈش كىرەككى ،1964-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن قاتناش نازارىتى تەرپىدىن ياركەند دەرياسىغا سىلىنغان كۆۋرۈكنىڭ نام تىشىغا ئۇيغۇرچە << ياركەند دەريا چوڭ كۆۋرۈكى>> ، خەنزۇچە <<叶尔羌河大桥叶尔羌河大桥>> دىگەن خەتلەر ئويۇلغان بولۇپ ئۇلار ھازىرمۇ ئۆز پىتىچە ساقلانماقتا . ئەسلىدە تارىختىن بۇيان قولىنىلغان ۋە ھۆكۈمەت تەرپىدىن شۇ بويچە بىكىتىلگەن يەر جاي ناملىرىنى ھىچكىمنىڭ خالغانچە ئۆزگەرتىۋىتىشىگە ھەققى يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەقتە ھەر دەرجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئاللىقاچان ئىنىق بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان بولۇپ ، ئۇلاردا ھەممەيلەننىڭ بۇ بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنۇشى تەلەپ قىلىنغان . ئالايلۇق ، گۇۋۇيۈەن 1986- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى ئېلان قىلىنغان << يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى >> نىڭ 3- ماددىسىدا : << يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشتا چوقۇم مەملىكىتىمىز يەر ناملىرىنىڭ تارىختىكىسى بىلەن ھازىرقىسىنى ئاساس قىلىپ ، ئۇنىڭ نىسپى تۇراقلىقىنى ساقلاش كىرەك >> دەپ بەلگىلەنگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 1989- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى ئېلان قىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى چارىسى >> نىڭ 4- ماددىسىدا << ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ ئۆزئالدىغا نام بىرىشكە ۋە يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ>> دەپ ، 6- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدا << نامى ئاز سانلىق مىللەت تىلدا قويۇلغان يەر ناملىرىنى خالىغانچە قىسقارتىشقا ، شۇ جايدىكى ئامما قوللۇنۇپ ئادەتلەنگەن يەر ناملىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتشكە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ >> دەپ ، 12- ماددىسىدا : << ھۆججەت - ئالاقە ، خەرىتە ، ئوقۇش ماتىريالى ، گېزىت - ژورنال ، رادىئو ، كىنو - تىياتىرلاردا ئىشلىتىلگەن يەر ناملىرى توغرا ھەم قىلىپلاشقان بولۇش لازىم >> دەپ بەلگىلەنگەن .
خوش ، << زەرەپشان >> خۇمارلىرى يۇقارقىدەك پاكىتلارغا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا يەنە نىمە دەيدىكىن ؟
بۇ ماقالە شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2008- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈندىكى ساندا ئېلان قىلىنغان