خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئالتۇنتاغ تېخنىكا شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان بىخەتەر، تېز سۈرئەتلىك دەپ تەرىپلىنىپ كىلىۋاتقان قاپلان تور كۆرگۈچىسى بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ، بېلەت تالىشىپ سېتىۋىلىش ئىقتىدارى مۇجەسسەملەنگەن باھار بايرىمىلىق نۇسخىسىغا قارىتا يېڭىلاش ئىلىپ بارغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قىسىم يوچۇقلارنى ياماپ، ئەلالاشتۇرۇش ئىلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىغان. تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، بۇ تور كۆرگۈچنى ئىشلەتكەندە 12306 تور بېكىتىدىكى پويېز بېلىتىنى ئاپتوماتىك ھالدا تالىشىپ سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.
بۇندىن ئىلگىرىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۆمۈر يول مىنىستېرلىقى يىقىندا ئالتۇنتاغ شىركىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، شىركەتنىڭ دەرھال بۇ خىل بېلەت تالىشىش ئىقتىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانىدى، ئۇندىن باشقا، تېخى نەچچە سائەت بۇرۇن تۆمۈر يول مىنىستېرلىقى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى توركۆرگۈچ ئېچىش شىركەتلىرىدىن بېلەت تالىشىش ئىقتىدارىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
بىراق، مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، نۆۋەتتە بىر نەچچە تور كۆرگۈچنىڭ يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان پويېز بېلىتىنى تالىشىپ سېتىۋىلىش ئىقتىدارىنىڭ تېخىچە نورمال ئىشلەۋاتقانلىقى ئايان بولغان. قاپلان تور كۆرگۈچىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق نۇسخىسىنىڭ يېڭىلانغانلىقى بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.
تورداشلار ئەگەر قاپلان تور كۆرگۈچىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق نۇسخىسنى چۈشۈرۈشنى خالىسا، ئۇ ھالدا تۆۋەندىكى تور ئادرىسىنى بېسىپ مەشغۇلات قىلسا بولىدۇ:
12306 ئالاھىدە نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش:
http://dl.liebao.cn/coop/KSBrowser_12306.exe
تېز ۋە بىخەتەر نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش:
http://d.union.ijinshan.com/liebao/link/ksbinstaller_66_18599.exe