توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا
توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا ،ھەر بىر قاراپ ئەتراپقا مەن ، تولغىنىپ كەتتىم يىلان چاققان كەبى ئازاپتا مەن.
نىمە بۇ،چۈشمۇ يا دەھشەت<<قىيامەت>>بولدىمۇ، ياكى ئەلنىڭ ئەجىلى-پەيمانىسى لىق تولدىمۇ؟
ئاندا قىيقاس، مۇندا ئۇر-چاپ،قول سۇنۇق،باش-كۆز يارا، نى يىگىت-قىزلار باتۇر جان تالىشىپ مەيدان ئارا.
تۈنۈگۈن<<يولداش>>دىيىشكەن جان بۇرادەرلەر بۈگۈن، بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشتە بەسلىشەرلەر كۈن ۋە تۇن.
بولدى مەكتەپ زاللىرى قىرغىنچىلىق قورغانلىرى، تەجىربە ئەسۋاپلىرى-بومبا ياساش سايمانلىرى.
كارخانا نەيزە ياسار،ئورغاق سوقۇشنى توختىتىپ، كىيدى قالپاق بەزىلەر گىتلىر ساراڭغا ئوخشىتىپ.
ئاقتى قانلار كوچىلاردا،ئاقتى زاۋۇت سېخىدا، ئىلىنىپ قالدى جەسەتلەر گاھ دەرەخلەر شېخىدا.
ئاقتى قان،ئاقتى قىرىنداش ھەم بۇرادەرلەر قىنى، نېمىدەپ يەكۈن ياساركىن بۇڭا تارىخ بىر كۈنى!
توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا،ھەر كۈنلۈكى قانغا قاراپ، شۇنچە قانغا كىم خەلىقنىڭ ئالدىدا ئېيتار جاۋاپ؟
مەنبە: ئا.ئۆتكۈر ئۆمۈر مەنزىللىرى ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دۈشمەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-22 03:27 PM
|