2012-6-4 22:53:31 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (93.41 KB)
ياسىنجان سادىق چوغلان 1966- يىلى 3- ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئالى مەكتەپ تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە. ھازىرشىنجاڭ تارىم دەريا ئىقىمى قەشقەر باشقۇرۇش ئىدارىسى(سابىق يەكەن دەريا باشقۇرۇش ئىدارىسى )نىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدۇ. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى. قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ توختاملىق يازغۇچىسى، <<قەشقەر>> ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى.
ياسىنجان سادىق چوغلان 1988- يىلى 4- ئايدا سابىق <<يەكەن گېزىتى>>دە ئېلان قىلغان <<ئاددى- ساددا باشلىق>> ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سىپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىجادىيەت ئىلىپ بىرىپ رايۇنىمىز ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشۇپ كەلدى، ئۇنىڭ بىر قىسىم ھىكايە-پوۋېستلىرى، شۇنداقلا «جاللات خىنىم»، «نازىنىن قىزلار»، «شەرەنداز ئايال»، « باھادىرنامە » قاتارلىق تارىخى ۋە رىئال تىمىدىكى رومانلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى، بىر قىسىم ئەسەرلىرىگە مەخسۇس تىمىدا ئەدەبىي ئوبزورلار يىزىلدى. رومانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى پەيدا قىلدى.
«قۇرۇپ كەتكەن دەريا>>، «قۇملۇق»، «كالا»، «تاۋۇس ئەللەيىن»، «يۇلتۇز كۆزۈڭنى قىسما»، «پاتىمەنىڭ كۆينىكى»، «باھار»....قاتارلىق پوۋېست – ھېكايىلىرى خەنزۇ ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىندى
ئۇنىڭ « ئىھ، سەھرا » ناملىق ھېكايىسى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 6 – نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «يۇلتۇز كۆزۈڭنى قىسما» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 15- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا، «ئاي مۆككەن كېچە» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى مەملىكەت بويىچە 6- نۆۋەتلىك «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا، « قۇملۇق » ناملىق پوۋېستى «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا، «قۇرۇپ كەتكەن دەريا» ناملىق پوۋېستى «ئالتۇن توي» مۇكاپاتىغا ئىرىشتى، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى مول نەتىجىلىرىگە ئاساسەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتى ئۇنىڭغا 2006-يىلى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار ئەدەبىيات مۇكاپاتى(تۆھپە مۇكاپاتى) » بەردى. قەشقەر ۋېلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئەخلاق – كەسىپتە تەڭ يىتىلگەن مۇنەۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت خادىمى»بولۇپ باھالاندى.
ئۇنىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان كىتابلىرى تۆۋەندىكىچە؛1.
«يۈرىكىم يىغلايدۇ» ھېكايىلەر توپلىمى، 1996-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا
نەشىر قىلىنغان.
2. «ئاي مۆككەن كېچە» ھېكايىلەر توپلىمى،1997-يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
3. «جانانغا يىزىلغان خەتلەر» پوۋېستلار توپلىمى، 1998 -يىلى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
4. «كاككۇك بالىسى» پوۋېستلار توپلىمى، 1998- يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
5. «سۈكۈتتىكى زىمىن» پوۋېست-ھېكايىلار توپلىمى، 2001- يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
6. «كۈيلەر خانىشى - ئاماننىساخان» تارىخى پوۋېست، 2003-يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان،
7. «ئادالەت ھامىيسى – سەئىدخان» تارىخى پوۋېست،2003 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
8. «دىۋان مەشرەپكە تۆكۈلگەن قان»پوۋېست- ھېكايىلار توپلىمى،2005 -يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
9. « داۋان » رومان،1998 -يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
10. «جاللات خىنىم» ئىككى قىسىملىق تارىخى رومان، 2003 -يىلى شىنجاڭ خەلەق نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
11. «نازىنىن قىزلار» رومان، 2006-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
12. «شەرەنداز ئايال» رومان،2008 -يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
13.‹‹باھادىرنامە» ئالتە قىسىملىق تارىخى رومان 2010 – يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
14. «ئالتۇن جۇۋان» پوۋىسىت – ھىكايىلار توپلىمى، 2011- يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
15. «ئاتەش قەلىب،ساخاۋەتلىك زىمىن» ماكرو ئەدەبىي ئاخبارات، 1997-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
16. «يوللار ئىسىڭدە بولسۇن» ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى، 2000 -يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
2012-4-18 16:51:00 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (5.12 KB)
2012-4-18 16:51:08 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (19.15 KB)
2012-4-18 16:51:00 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (21.56 KB)
2012-4-18 16:51:04 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (27.37 KB)
‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››ژۇرنىلىدىكى يازغۇچى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتىكى يازغۇچىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى بىرلكىتە كۆرۈپ باقايلى:
نەزىرىمدىكى ئەڭ زور بەخت ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئەمگىكىمنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ۋە قادىرلىشىگە ئېتىراپ قىلشىغا ئېرىشىشنى كۆرۈش ياكى ھېس قىلىش.
باشقىلارنىڭ سەمىمى ،ئاق كۆڭۈل ،خۇشچاخچاق ،بىلىمگە ئىنتىلىشچان تەرپىنى بەك ياقتۇرمەن.كەمتەر ،چىقىشقاق ئادەم بولسا تېخىمۇ ياخشى.ياسالما ،تەكەببۇر، ئۆزنى بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىشكە ،مەنسەپ- دەرىجىسىنى پەش قىلىشقا .ئامراق كىشلەرنى ياقتۇرمايمەن!
ھازىرقى ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىم ئاتا-ئانام ،چۈنكى ئۇلار ماڭا ھەر ۋاقىت بەخت- ئامەت تىلەپ تۇردۇ ،مەنمۇ ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.
دوستلۇق، دوست تۇتۇش مەسلىسى ئىنتايىن مۇھىم، مىنىڭ نەزىرىمدە ،دوستى يوق ئىنسان ئەڭ بەختسىز ئىنساندۇر. ئەلۋەتتە ،كۆيۈمچانلىق ،ۋاپادارلىق -دوستلۇقنىڭ مۇھىم ئۆلچىمىدۇر.
ئەڭ يېقىن دوستلرىم:ئەقىلىق ،كۆيۈمچان،ھەر قانداق ئىشقا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. گەرچە ئۇلار بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولساممۇ ،لېكىن ئۇلارنى ئاكامدەك ھېس قىلىمەن . ئۇلارمۇ ماڭا خۇددى ئۆزنىڭ بىر تۇققان قېرىندىشى ،ئىنسىگە كۆيۈنگەندەك كۆيۈنىدۇ.
مەن ئۆمرۈمدە ئىككى ئىشتىن ئۆكۈنىمەن،بىرى ئالى مەكتەپتە ئوقۇيالمىغانلىقىم، (گەرچە كېيىن ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىپ تولۇقلىۋالغان بولساممۇ)؛ يەنە بىرى، كىچىك ۋاقتىمدا ئاتا-ئانام بىلەن تولا جاۋابلاشقانلىقىم(گەرچە كېيىن ئۇلاردىن ئەپۇ سورغان بولساممۇ )
مەن ئەڭ ياقتۇردىغان كىشى - ئايالىم ،ئەڭ ياقتۇردىغان نەرسە كىتاپ.چۈنكى ئايالىم بىلەن شۇنچە يىلدىن بېرى تولىمۇ بەختلك ياشاۋاتىمىز. كىتاپ بولسا مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئۇستازىم.
ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس ئىش -پەرزەنتىمنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشى ۋە تۇنجى كىتابىمنىڭ نەشىر قىلنىشى.
ماڭا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشى- ئاتا -ئانام.
ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىم چىقىشقاق ،تىرىشچانلىق ،ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكىمنى دەرھال ھېس قىلىش ، كەچۈرۈم سوراشتىن خىجىل بولماسلىق.
ئۆزۈمنىڭ ياقتۇرمايدىغان تەرەپلىرىم:بىرى،سېمىز، كېلەڭسىز تۇرقۇمنى ياقتۇرمايمەن؛ يەنە بىرى ،كۆپىنچە ھاللاردا چاخچاق قىلدىم دەپ شۆپۈك ئېغىزلىق قىلىپ قويىمەن.
قولۇم- قوشنا، تونۇش -بىلىش،دوست-بۇرادەرلىرى،ئۇرۇق -تۇققان،بالا -چاقىلىرى ھۆرمەتلەيدىغان،ئادىمىيلىك پەزىلىتىگە قول قويدىغان ئاددىي بولۇشنى ئارزۇ قىلمەن. يەنە خەلقىمنىڭ مېنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىردا بولسىمۇ يازغۇچى ،دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى بەكمۇ تەمە قىلىمەن.
ھاياتىمدا ئەڭ خۇشال بولغان ۋاقتىم: 2004 -يىلى 9-ئايدىن 2005-يىلى 1- ئايغىچەلۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئۇقىغان ۋاقتىم.
مىنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتىم ۋاققىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش ، دەپ ئويلايمەن . چۈنكى ،ۋاقىتتىن پايدىلنىشنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈنلا ئەدەبىياتنىڭ ئېگىز بوسۇغىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدا ئاتلىيالىدىم.
ئىنسانىڭ قەلبىدە ھەرخىل ئارزۇلار بولىدۇ ،ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۈيۇم جىقراق پۇل تېپىپ ،ئاشۇ پۇل بىلەن ئىككى قىزىمنى ئالى مەكتەپتە قىسىلدۇرماي ئوقۇتۇش.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇچارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-22 02:28 PM