مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1231|ئىنكاس: 7

قوي يېغىدەك بولايلى ھالال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8551
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 566 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 12:26:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قوي يېغىدەك بولايلى ھالال


مال -دۇنيانىڭ ناز -كەرەشمىسى،

قۇلۇپ سالدى ئىمانىمىزغا.

ياپراقلىرىم بالدۇر ئۈششىدى

كۆز تەگدىمۇ دىيارىمىزغا؟


سەكراتلاردا ياتقان سىڭلىمىز ،

تەلمۈرىدۇ دوختۇرخانىغا.

ۋىجدانىغا قىلىپ مۇخالىپ،

بايلىرىمىز ئىشرەتخانىدا.


قاتار چاينىڭ كەشپىياتچىسى ،

پاخما باشلىق ئېسىل ئاياللار.

بۇلۇڭلاردا كۆكىرىپ كېتەر

تەربىيەسىز سەبىي خىياللار.


سىڭلىم ئاچتى كىندىكلىرىنى ،

مونەك -مونەك ئۆرمە پۇل ئۈچۈن .

ئىشلىرىمىز باسمىدى بىزنىڭ ،

ناچار ئادەت بىزدە بار ئۈچۈن.


قاۋاقخانا بولغاچ ناشتىلىق ،

زەئىپلەشتى ئاتام غورۇرى.

بولمىغاچقا ھايا - پەردىشەپ،

ئاجىز سوقتى ئەخلاق تومۇرى.


كاززاپ بولۇپ كەتتى سودىگەر ،

شەيتان بولغاچ بىزگە تارازا.

ئويلىنايلى قېرىنداشلىرىم ،

ساقلىماقتا بىزنى جىنازا.



كۆز يېشىنى تۆكتى مائارىپ،

كىچىك تۇرۇپ قاچتى بالىلار.

ئەۋلاتلارغا بۆلمىسەك كۆڭۈل،

بۇلۇڭلاردا نان تىلەپ زارلار.



سەھنىلەردە ئېيتساق مۇقامنى ،

تون كىيگۈزۈپ قويدى باشقىلار.

مىشچانلىشىپ كەتكەن روھىمىز ،

ئازغۇن ھالىمىزنى پاش قىلار.


غاجىلاندى قارىغايلىرىمىز،

يىلتىزىغا تاشلىدۇق قۇرۇت .

ئەركەك ئاتالساقلا ھېسابمۇ؟

لەۋ ئۈستىدە بولىسىلا بۇرۇت؟


ياتلاشماقتا سىرداش خوشنىلار،

يۇندا تۆكۈپ دەرۋازىلارغا.

يەل چىقىرىپ تۇيدىمۇ قورساق

ئازار بېرىپ نازۇك دىللارغا؟!


قىز - يىگىتلەر پەردىشەپ قېنى ؟

دەل -دەرەخلەر ئېيتمىسۇن لەنەت.

چىرايلىقمۇ ئىشتانسىز مايمۇن،

ئەبجەش ئۇسۇل بولامدۇ سەنئەت؟



ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى چىشلەپ،

ئەركەك ئانام كوچا سۈپىرەر.

پوق - سۈيدۈكنى يىغىپ قىتئەلەر،

مەھەللەمگە كېلىپ تۈكىرەر.


يالاڭئاياق ماڭمىسۇن سېڭلىم ،

قان ساتىمەن ئىپپىتى ئۈچۈن .

مىليۇن قېتىم بېرىمەن جاننى،

تەڭرىتاغنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن.


گەندىلەردىن تۇرايلى يىراق،

نۇرغا چۆمسۇن گۈزەل ئاسمىنىم .

قوي يېغىدەك بولايلى ھالال،

مەنزىللەرگە يەتكەي ئارمىنىم .



ئا. مۇھەممەت شېئىرى



قوي يېغىدەك بولايلى ھالال


مال -دۇنيانىڭ ناز -كەرەشمىسى،

قۇلۇپ سالدى ئىمانىمىزغا.

ياپراقلىرىم بالدۇر ئۈششىدى

كۆز تەگدىمۇ دىيارىمىزغا؟


سەكراتلاردا ياتقان سىڭلىمىز ،

تەلمۈرىدۇ دوختۇرخانىغا.

ۋىجدانىغا قىلىپ مۇخالىپ،

بايلىرىمىز ئىشرەتخانىدا.


قاتار چاينىڭ كەشپىياتچىسى ،

پاخما باشلىق ئېسىل ئاياللار.

بۇلۇڭلاردا كۆكىرىپ كېتەر

تەربىيەسىز سەبىي خىياللار.


سىڭلىم ئاچتى كىندىكلىرىنى ،

مونەك -مونەك ئۆرمە پۇل ئۈچۈن .

ئىشلىرىمىز باسمىدى بىزنىڭ ،

ناچار ئادەت بىزدە بار ئۈچۈن.


قاۋاقخانا بولغاچ ناشتىلىق ،

زەئىپلەشتى ئاتام غورۇرى.

بولمىغاچقا ھايا - پەردىشەپ،

ئاجىز سوقتى ئەخلاق تومۇرى.


كاززاپ بولۇپ كەتتى سودىگەر ،

شەيتان بولغاچ بىزگە تارازا.

ئويلىنايلى قېرىنداشلىرىم ،

ساقلىماقتا بىزنى جىنازا.



كۆز يېشىنى تۆكتى مائارىپ،

كىچىك تۇرۇپ قاچتى بالىلار.

ئەۋلاتلارغا بۆلمىسەك كۆڭۈل،

بۇلۇڭلاردا نان تىلەپ زارلار.



سەھنىلەردە ئېيتساق مۇقامنى ،

تون كىيگۈزۈپ قويدى باشقىلار.

مىشچانلىشىپ كەتكەن روھىمىز ،

ئازغۇن ھالىمىزنى پاش قىلار.


غاجىلاندى قارىغايلىرىمىز،

يىلتىزىغا تاشلىدۇق قۇرۇت .

ئەركەك ئاتالساقلا ھېسابمۇ؟

لەۋ ئۈستىدە بولىسىلا بۇرۇت؟


ياتلاشماقتا سىرداش خوشنىلار،

يۇندا تۆكۈپ دەرۋازىلارغا.

يەل چىقىرىپ تۇيدىمۇ قورساق

ئازار بېرىپ نازۇك دىللارغا؟!


قىز - يىگىتلەر پەردىشەپ قېنى ؟

دەل -دەرەخلەر ئېيتمىسۇن لەنەت.

چىرايلىقمۇ ئىشتانسىز مايمۇن،

ئەبجەش ئۇسۇل بولامدۇ سەنئەت؟



ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى چىشلەپ،

ئەركەك ئانام كوچا سۈپىرەر.

پوق - سۈيدۈكنى يىغىپ قىتئەلەر،

مەھەللەمگە كېلىپ تۈكىرەر.


يالاڭئاياق ماڭمىسۇن سېڭلىم ،

قان ساتىمەن ئىپپىتى ئۈچۈن .

مىليۇن قېتىم بېرىمەن جاننى،

تەڭرىتاغنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن.


گەندىلەردىن تۇرايلى يىراق،

نۇرغا چۆمسۇن گۈزەل ئاسمىنىم .

قوي يېغىدەك بولايلى ھالال،

مەنزىللەرگە يەتكەي ئارمىنىم .



ئا. مۇھەممەت شېئىرى

















بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-22 12:27 PM  


زار ئەمەسلەرگە خار ئەمەسمەن ..

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17428
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7348
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 520 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 04:30:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس .... بۇ خىل شارائىتنى ئۆزگەرتىپ ئۆز ئەسلىمىزگە قايتىش ئۈچۈن ھەممىمىز كۈچ چىقىر شىمىز كىرەك ... .... تەشەككۈر ئۆتكۈر قەلەملىرىڭىزگە .... ...

نادانغا نادانلىقىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتىش قاراڭغۇدا قاپاق تۈرگەن بىلەن باراۋەر .. ... ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4465
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 05:57:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما..............................!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87463
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 361
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 05:57:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىر ياخشى يېزىلىپتۇ،لېكىن مەن قوي يېغىغا ئۆچ، كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ.ھالالللىقنى قوي يېغىغا ئوخشاتساق؟....كاللامدىن تازا ئۆتمىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 06:21:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ شېئىركەن جۇمۇ ...

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 898
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 06:36:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شېئىركەن ،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ئىلاھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89916
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 03:14:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86577
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1584
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1406 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 03:42:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس يېزىلغان شىئىر كەن.     ئاپىرىن

قوچقارنىڭ  كەينىگە يانغىنى  ئۇنىڭ  قورققىنى  ئەمەس  -  ئەلتېكىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش