مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2990|ئىنكاس: 19

ۋەھىمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90383
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 12:26:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەھىمە
بۈگۈن كۈنگە شەنبە دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ياتاقتىكى قىزلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشماي ئۇخلاۋاتاتتى، مەن تۈنۈگۈن بىر نەچچە دوسلىرىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بۈگۈن رەنانىڭ ئۆيىگە چىقىىپ ئويناپ كىلىشنى دىيىشكەن ئىدۇق، شۇڭا مەن كۈندىكىدىن بۇرۇنراق ئورنۇمدىن تۇرۇپ جابدۇنۇشقا باشلىدىم، باشقىلارنى ئويغۇتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئامال بار يىنىك ھەركەت قىلاتتىم، شۇنداقتىمۇ قېرىشقاندەك ھېلى تاغاقنى يەرگە تاشلىسام ھېلى ئورۇندۇققا پۇتۇم تىگىپ ياتاقتىكىلەرنى خېلىلا بىئارام قىلىپ ئاران دىگەندە ياتاقتىن سىرىتقا چىقىۋالدىم، باشقىلارمۇ مىنىڭ ئەمدى ئۇلارنى بىئارام قىلمايدىغانلىقىمدىن خۇش بولغاندەك خاتىرجەم ئۇيقۇسىغا غەرىق بولغان ئىدى.

مەن كىلىشكىنىمىز بۇيىچە مەكتەپنىڭ ئارقا تەرەپتىكى گۈللۈككە كەلدىم، بۈگۈن ھاۋا ئىنتايىن ياخشى ئىدى، شەرىقتىن ئەمدى كۆتۇرۋاتقان قۇياش ئادەمنىڭ كۈزىنى قاماشتۇرۇپ نۇر چېچىۋاتاتتى، چەمبەرسىمان ياسالغان گۈللۈكتىكى مودەنگۈل، ئەتتىرگۈل ۋە يەنە ئاللىقانداقتۇر مەن ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان گۈللەرسەندىن مەن قالامتىم دىگەندەك  پورەكلەپ ئېچىلغان بۇلۇپ ئۇلارنىڭ بەرگىدىكى شەبنەم تامچىلىرى كۈن نۇرىدا جىلۋىلىنىپ ئاجايىپ چىرايلىق تۈسكە كىرگەن ئىدى. مەن بۇ گۇللەرگە تويماي قاراۋاتاتتىم.

-ۋوي يازغۇچى خانىمنىڭ گۈللەرگە قاراپ ئىلھامى كىلىۋاتامدۇ نىمە؟

مەن چۆچۈش ئىلكىدە دەرھال كەينىمگە بۇرۇلدۇم. يېقىن دوستۇم گۈلنۇر ۋە رەنا ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى.

-ئەجەپ قورقۇتتىڭا، كەلگەن ئادەم مۇنداق بىر شەپە بىرىپ كەلسەڭلار بولمامدۇ؟ -دېدىم مەن نارازى بۇلۇپ.

-خاپا بولمىغىنە ئاداش–دىدى گۈلنۇر كۈلۈپ تۇرۇپ –قارىسام بەك زوقلۇنۇپ قاراۋېتپتىكەنسەن شۇڭا سىنى يەنە بىرەر كۇبلىت شىئىر تۇقۇۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

ئادەتتە باشقا پەندىكى ئۆگىنىشىم ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن تىل –ئەدەبىياتتا نەتىجەم خېلى يامان ئەمەس ئىدى، بىكار قالغان ۋاقىتلىرىمدا نەسىر، ھىكايە دىگەندەكلەرنى يېزىپ قۇياتتىم ئوقۇتقۇچىمىزمۇ مىنىڭ بۇ قىزىقىشىمنى بەك ياقتۇراتتى ھەم ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا پات–پات ماختاپ قۇياتتى، شۇڭلاشقىمۇ ساۋاقداشلىرىم مىنى يازغۇچى خانىم دەپ تىرىكتۈرەتتى، گەرچە ئۇلار مىنى ‹يازغۇچى خانىم› دىگەندە مىنى زاڭلىق قىلغاندەك بىلىنىپ ئازراق ئاچچىقلاپ قويغىنىم بىلەن ئىچىمدە خۇشال بۇلاتتىم، شۇڭا گۈلنۇرنىڭ بۇ گىپىگىمۇ مىيقىمدا كۈلۈپ قۇيۇپ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم.

-قانداق ماڭامدۇق –دىدى رەنا كۆتۇرەڭگۈ روھ بىلەن

-ۋاي-ۋوي ئاداش مەھەللەڭگە بارايلى دىسەك ئەجەپ جانلىنىپ كىتىپسەنغۇ، ئادەتتە ھېچ نىمىگە ئالدىرمايدىغان ئادەمنىڭ ماڭامدۇق دەپ كەتكىنىنى قارىمامدىغان،- دىدى گۈلنۇر چېقىشىپ.

دىمىسىمۇ رەنا ئادەتتە ھەرقانچە جىددى ئىش بولسىمۇ پەقەت ئالدىرمايىتتى،  ھەتتا ئەتىگەنلىكى ھەممەيلەن كىچىكىشتىن قورقۇپ شاپاشلاپ ماڭسا ئۇ خۇددى بۇ ئىشلار ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك بىغەم ماڭاتتى، شۇڭلاشقا ئۇنى «رەنا سۆرەم» دەپ تىرىكتۈرەتتۇق .

-بولدى-بولدى چېقىشماڭلار -دېدىم مەن گەپ قىلىشقا تەمشىلىۋاتقان رەنانى نوقۇپ قۇيۇپ.

-ھەي،مۇخلىسە تېخى كەلمەپتۇغۇ ؟-دىدى گۈلنۇر ئەتراپقا قاراپ.

-شۇ ئەمەسمۇ ئادەتتە ئۇ پەقەپ كىچىكمەيتتى بۈگۈن نىمە بولغاندۇ ئۇنىڭغا ياكى تۈنۈگۈن مەن ئۇنىڭغا دەپ بەرگەن گەپلەردىن قورقۇپ كەتتىمىكىن؟ –دىدى رەنا قۇشۇمچە قىلىپ .

-مىنىڭچە ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ -دىدىم مەن

مۇخلىسە كەم سۆز، مۇلايىم ھەم بەك دىيانەتلىك قىز بۇلۇپ، ھەرقانداق گەپ قىلسا بەكمۇ ئورۇنلۇق ھەم مەنىلىك قىلاتتى. شۇڭىلاشقا ھەممەيلەن ئۇنى بەك ھورمەتلەيىتتۇق.

تۈنۈگۈنمۇ بىز ئۇنىڭغا بەك ئۇزۇن سۆزلەپ ئاران دىگەندە بۈگۈن بىز بىلەن بىرلىكتە رەنانىڭ مەھەللىسىدىكى چۆللۈككە بېرىشقا كۆندۈرگەن ئىدۇق، رەنا ھە دېسە مەھەللىسىدىكى ئاجايىباتلار توغرىسىدا سۆزلەپ بىرەتتى، مىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغىنى چۆللۈكتە پات–پات پەيدا بولىدىغان توڭغۇز،بىلەن ئاللىقانداق كىشىلەر چۆللۈكتە تېپىۋالغان قەدىمى نەرسىلەر ئىدى، ئۇلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ شۇ توغرىسىدا بىرەر پارچە ھىكايە يېزىش ئويۇم بار ئىدى.

مەن ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ ئۇنى چاقىرىپ چىقايمۇ  يا -  دىدى گۈلنۇر

-بولدى يەنىلا مەن كىرەي، بولمىسا سەن يەنە ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىپ يۈرمە ھېلى-دىدىم مەن گۈلنۇرغا مەنىلىك قاراپ

بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ،  گۈلنۇر شەھەردە تۇغۇلۇپ شەھەردە چوڭ بولغان ھەم ئاتا–ئانىسى شەھەردىكى مۇھىم ئۇرۇنلاردا خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، يەنە كىلىپ ئۇ بىرلا بالا بولغانلىقى ئۈچۈن مىجەزى ئىتتىك ئىىدى،  كىيىنىشىمۇ شەھەر تۇرمىشىغا ماسلاشقان، گەپ سۆزلىرىمۇ بەك جانلىق ئىدى، لىكىن ئۇنداق بولغان بىلەن باشقا شەھەرلىك قىزلاردەك ھاكاۋۇرلۇق ۋە مەنمەنچىلىك قىلمايىتتى. مۇخلىسە بولسا كىچىكىدىن دىنى ئائىلىدە چوڭ بولغان ئىدى، كىچىكىدە ئاتا –ئانىسى تۈگەپ كىتىپ چوڭ ئانىسى بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى، ئۇنىڭ چوڭ ئانىسى چىرايىدىن ئىمان نۇرى يېغىپ تۇردىغان يېقىشلىق مۇماي ئىدى. مۇخلىسەمۇ كىچىكىدىن دىنى تەربىيە ئالغان بولغاچ گۈلنۇرنىڭ بەزى كىيىنىش ۋە يۈرۈش تۇرشىغا قارىتا سۆزلەپ قۇياتتى. گۈلنۇرمۇ ئۆزىنىڭكىنى راس دەيتتى، شۇڭا ئۇ ئىككىسى گەپ تالىشىپ قالغىلى ئارانلا تۇراتتى. مەن بولسام ئۇلار ئارسىدىكى سۈلھىچى ئىدىم . ئۇ ئىككىسى بىرنەرسە دىيىشىپ قالسا كۆپنچە مەن ھەل قىلاتتىم، مەن گەرچە مۇخلىسەدەك دىندار بولمىساممۇ بىر  ۋاخ نامىزىمنى تەرىك ئەتمەيىتتىم ،مۇخلىسەمۇ ماڭا خېلى ئامراق ئىدى.

مەن ئەمدى ياتاققا ماڭاي دەپ تۇراتتىم. مۇخلىسەمۇ مەكتەپ كەينىدە پەيدا بولدى.

-ئەجەپ كىيىن قالدىڭغۇ ئاداش؟ –دىدىم مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەچ

- ھە، بۈگۈن چۆلگە بارغاندىكىن غايىبلار بىلەن دوقۇرشۇپ قالمايلى دەپ ھەر بىرىمىزگە بىر تالدىن تۇمار پۈتۈپ چىقتىم شۇڭا ......

مۇخلىسەنىڭ گېپى ئاخىرلاشمايلا گۈلنۇر گەپ قاتتى

-ھە، خۇراپاتلىقنىڭ باشلامچىسى بىزنىمۇ ئەگەشكۈچى قىلىۋالاي دەپتۇ،- دە ، نىمە ئۇ غايىباتلار دىگەن بۇ زاماندىمۇ شۇ گەپلەرنى قىلىدىغان ئادەم بارلىقى قىززىق ھە.

مۇخلىسەنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلدى بولغاي چىرايى پۈرۈشتى مەن دەرھال گەپ قاتتىم

-ھە رەھمەت ئاداش جاپا تارتىپسەن ئەمدى ماڭساق بۇلامدىكى ئاداش ئەمدى ماڭمىساق ۋاخ قالىمىز

- ھە  ماقۇل ماڭايلى – دىدى مۇخلىسە ماڭا قاراپ

گۈلنۇر بولسا باياتىن دەۋالغان گىپىدىن مەغرۇرلانغاندك سومكىسىنى ئېلىپ ئالدىمىزدا مەغرۇر ماڭدى بىزمۇ كەينىدىن ياندىشىپ بىكەتكە قاراپ ماڭدۇق .

رەنانىڭ ئۆيى شەھەردىن 40-50 كىلومىتىر يىراقلىقتا بولۇپ ،ئۇ يەرگە بېرىشقا بىر –ئىككى سائەت ۋاقىت كېتەتتى ،بىز بىكەتكە كېلىپ بېلەتتىن تۆتنى سېتىۋېلىپ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردۇق ،مانا ماشىنىمۇ قوزغىلىپ مېڭىشقا باشلىدى،مەن قەلبىمدىكى ھاياجاننى تەستە بېسىپ ئولتۇردۇم،بىز بارغانچە شەھەردىن يىراقلاپ كىتىپ باراتتۇق،ئەسلىدىكى ئاسپالىت يولنىڭ  ئورنىغا ئوڭغۇل–دوڭغۇل يول ئالماشقان ئىدى، ماشىنا بىردە ئىتتىك،  بىردە ئاستا، بىردە ئادەمنى چېقىپ دىگەندەك كىتىپ باراتتى، يولنىڭ ئىككى قاسنىقى چەكسىز كەتكەن چۆللۈك ئىدى،چۆلنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىدە چاتقاللارنى ئۆسكىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ يەردە گىياھ ئۈنمەيدۇ دىيىشكە بۇلاتتى.

-ۋايجان، ئەجەپ ماغدۇرۇم قالمىدى،تېخى كەلمىدۇقما ؟-دىدى گۈلنۇر

-مانا ئاز قالدۇق، مۇشۇ چۆلدىن ئوتسەكلا بۇلىدۇ–دىدى رەنا چۈشەندۈرۈپ

-ساڭا ھەجەپ ئىچىم ئاغرىدى جۇمۇ، ھەر قېتىم ئۆيۈڭگە بېرىپ كەلگۈچە مۇشۇنچىۋالا جاپا تارتىدىكەنسەن ئەمەسمۇ –دىدىم مەن رەناغا ئىچ ئاغرىتىپ

-كېيىنچە شەھەردىن بىرەر يىگىتنى تېپىۋالساڭ بۇ جاپادىنمۇ قۇتىلىسەن ئاداش –دىدى گۈلنۇر چاخچاق قىلىپ

-ھە شۇ سىنىڭ ئاكاڭغىلا تېگەرمەن يا –دىدى رەنامۇ بوش كەلمەي

-ئۇنداق بولسىچۇ سەن ئاۋۋال ماڭا ئوبدانراق خۇشامەت قىل شۇندىلا مەن سىنى ئاكامغا تۇنۇشتۇرۇپ قۇيىمەن –دىدى گۈلنۇر

- ۋوي تېخى. ماقۇل ئۇنداق بولسا خۇشامەتنى باشلىدىم ھە –رەنا شۇنداق دىگەنچە گۈلنۇرنى قىچىقلاشقا باشلىدى

مەنمۇ ئۇلارغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم ،پەقەت مۇخلىسەلا بۇ پاراڭلار بىلەن ئالاقىسىزدەك خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۋاتاتتى،ئۇنىڭغا گەپ قىلاي دىدىميۇ لىكىن خىيالىنى بۇزغۇم كەلمىدى ،

مانا ئەمدى چۆل ئاخىرلىشىپ ئاندا-ساندا ئۆيلەر كۈرۈنۈشكە باشلىدى،يولنىڭ ئىككى تەرپىنى رەت-رەت ئۆسكەن ئېگىز تېرەكلەر ئوراپ تۇراتتى ،ھاۋامۇ ئەتىگەنكىدىن خېلىلا ئىسسىپ قالغان ئىدى ،ھەممەيلەن ماشىنىنڭ دەرىزىلىرىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇراتتى شۇنداق قىلمىغاندىمۇ ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى دىمىقچىلىققا چىداش مۇمكىن ئەمەس ئىدى .

مانا بىز ئاخىرى ئىككى سائەتتەك يول يۈرۈپ بىكەتكە كىلىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق، بىز ئاستا ماشىنىدىن چۈشۈپ رەنانىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدۇق، رەنا ئۆيىدىكىلەرگە دەپ قويغان بۇلۇپ بىزگە چۈشلۈك تاماق تەييارلاپ قويماقچى ئىدى، بىز چۈشلۈك تاماق يەپلا سەپىرىمىزنى باشلىماقچى ئىدۇق. بىكەتتىن رەنانىڭ ئۆيىگىچە خېلى ئۇزۇن يولنى پىيادە مېڭىشقا توغرا كېلەتتى، گەرچە ھاۋا ئىسىق بولسىمۇ بىز ماڭغان يولنىڭ ئىككى تەرپىدە ئېگىز ئۆسكەن دەرەخلەر بولغاچقا ، سايىدا مېڭىش بىزگە ئۇنچە ئېغىرمۇ كەلمىدى. مەن ئەتراپقا تويماي قارايىتتىم، ھەر بىر ئۆي بىلەن يەنە بىر ئۆينىڭ ئارلىقىدا خېلى جىق يەر بار بۇلۇپ ئۇلار شۇ ئارلىققا سىم تور تۇتۇپ ئېتىۋەتكەن ئىكەن. ئاندىن شۇ يەرگە قاتار –قاتار چىلان تىككەن ئىكەن ،ھەممەيلەننىڭ دىگۈدەك چىلانلىقى بار ئىدى ،مەن ھەيران بولۇپ رەنادىن سوردۇم

-ئاداش بۇ يەردە ھەممەيلەننىڭ چىلىنى بار ئىكەن،  لىكىن نىمىشقا يەنە چىلانلىقنى سىم تور بىلەن ئورۇۋېتىدۇ، ئەجىبا چىلانلىققا ئوغرى كىرىشتىن قورقامدۇ ؟

رەنا بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى.

-ياقەي، ئادەتتە بۇ يەردىكىلەر قويلىرىنى چۆلگە ئاپىرىپ باقىدۇ، شۇ ئارلىقتا مۇشۇ يولدىن ماڭىدۇ. شۇ قويلارنىڭ چىلانلىققا كىرىپ چىلانلىقنى ۋەيران قىلمىسۇن دەپ شۇڭا سىم تور تارتىۋېتىدۇ.

-ھە، ئەسلى مۇنداقكەندە –دىدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ

بىز شۇنداق پاراڭلىشىپ بىر دەمدىلا رەنانىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدۇق، رەنانىڭ ئۆيى ئاددىي لىكىن يېقىشلىق ئىدى. چوڭ يولغا قاراپ ئېچىلغان دەرۋازا، دەرۋازىدىن كىرىپ ئوڭ تەرەپكە قارىسىڭىز نان ياقىدىغان تونۇر، ئۇنىڭ كەينى تەرەپكە سېلىنغان يازلىق ئېغىل ئېغىل ئىچىدە بىر مۇنچە قويلار مەرىشىپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىنمۇ ئىچكىرلەپ كىرسىڭىز تال بارىڭىغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان ئايۋانلىق ئۆي گەرچە ئۆيلەرنىڭ سېلىنغىنىغا خېلى بولغان بولسىمۇ لىكىن شۇنداق رەتلىك ئىدى، رەنانىڭ ئانىسى ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ بىزنى قىزغىن كۈتىۋالدى ۋە بىزنى باراڭ ئاستىغا قۇيۇلغان كاتقا باشلىدى. ھاۋانىڭ ئسسىقىدا باراڭ ئاستىغا قۇيۇلغان كات ئادەمگە باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلايىتى. رەنانىڭ ئانىسى  ئالدىمىزغا داستىخان سېلىپ چاي  قۇيدى، نان ئۇشۇتتى، ئاندىن تەخسىلەرگە ئۆرۈك، ئالۇچا دىگەندەك مىۋىلەرنى ئالدىمىزغا قۇيۇپ ئۈلگۈردى، ئەتىگەن بالدۇر ماڭىمىز دەپ ھېچ قايسىمىز تۈزۈك ناشتا قىلمىغاچقا قورسۇقىمىز تازا ئاچقان ئىدى، بىز تۈزۈت قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ يىيىشكە چۈشتۇق. بىز قورسىقىمىزنى ئەستەرلەپ بولغۇچە رەنانىڭ ئانىسى تاۋاقلارغا تولدۇرۇپ ئۇسۇلغان پولونى ئاچقپ ئالدىمىزغا قويدى. بىز پولونى راسا ئىشتىھا بىلەن يىدۇق –دە بىردەم ئارام ئالغاندىن كىين نەرسە كېرەكلىرىمىزنى يىشىپ لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ چۆلگە مېڭىشقا تەييارلاندۇق، رەنانىڭ دادىسى بىزگە ئېشەكنى تۇقۇپ تەييارلاپ بەردى ھەم بىزگە جىكىلەپ،- چۆلگە بەك ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتمەڭلار،بىر –بىرىڭلاردىن ھەرگىز ئايرىلماڭلار، بۇرۇنراق قايتىپ كىلىڭلار- دىدى

بىز باشلىرىمىزنى لىڭشىتىپ ھارۋىغا چىقتۇق. ھارۋىنى رەنا ھەيدىدى، بىز بىر بىرىمىزگە ئۇنى بۇنى كۆرسۈتۈشۈپ يۈرۈپ كەتتۇق، مانا بىز مەھەللىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كىتىپ باراتتۇق، ئۆيلەر بارغانسېرى ئازىيىپ ئۇزۇن كەتكەن چىلانلىقلار كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى، ئۇندىن كىيىن يەنە چىلانلىق ئاخىرلىشىپ چەكسىز كەتكەن چۆل كۈرۈندى، مەن تويماي ئەتراپقا قارايتتىم، گۈلنۇر بولسا توختىماي ئاپپاراتىنى ئۇيان–بۇيان چۆرۈپ رەسىمگە تارتاتتى.

-يىتىپ كەلدۇق – دىدى رەنا ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشۈپ – ئەمدى قالغان يولنى پىيادە ماڭىمىز .

بىز نەرسىلىرىمىزنى ئېلىپ ھارۋىدىن چۈشتۇق. رەنا ھارۋىنى بىر تۈپ دوڭغۇيۇپ كەتكەن جىگدىنىڭ تۈۋىگە باغلاپ قۇيۇپ ئالدىغا خالتىدىكى ساماننى ئېلىپ قۇيۇپ بەردى

- ماڭامدۇق –دىدى رەنا بىزگە قاراپ

بىز بېشىمىزنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتۇق ئالدىمىزدا ئېگىز بىر دۆڭ تۇراتتى، رەنا بىزگە ئىشارەت قىلىپ –ئاشۇ دۆڭنىڭ چوققىسىغا چىقساق پۈتۈن چۆلنى كۆرگىلى بۇلىدۇ دىدى

بىز قوتاندىن چىققان قويلاردەك يۈگۈرۈشۈپ دۆڭگە يامىشىشقا باشلىدۇق

-پاھ ! دۆڭنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ ئەتراپقا قارايدىغان بولسا ئەنە مەنزىرە دىگەن، چەكسىز كەتكەن  چۆللۈك ئۇ يەر بۇ يەردە ئۆسكەن توغراقلار كىچىك چاتقاللار، ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگەن ئىدى.

-نىمىگە قاراپ تۇرىمىز يۈرۈڭلار، رەسىمگە چۈشىمىز –گۈلنۇر شۇنداق دىگىنىچە ھەممىنىڭ ئالدىدا پەسكە قاراپ يۈگۈردى

-مانا مەنمۇ كەلدىم –رەنا شۇنداق دىگىنىچە گۈلنۇرنىڭ كەينىدىن يۈگرەپ كەتتى

مۇخلىسە ئىككىمىز كۈلۈشكىنىمىزچە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدۇق ، گۈلنۇر بىزنى ئۇ ياق-بۇ ياقتىن رەسىمگە تارتىپ ماڭدى. رەنا بولسا توشقان قوغلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى، بىز شۇنداق مېڭىپ خېلىلا ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتتۇق. بىر يەرگە كەلگەندە گۈلنۇر –ھەي قاراڭلا ئاۋۇ توغراققا ئادەمنىڭ بەش بارمىقىغا ئوخشامدىكەن – دەپ قالدى

دىگەندەك ئۇ توغراق ئادەمنىڭ بەش بارمىقىغا بەك ئوخشايىتتى،-مىنى شۇ يەردە رەسىمگە تارتىپ قۇيە – گۈلنۇر شۇنداق دىگەنچە ئاپپاراتنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ توغراقنىڭ تۈۋىگە يۈرۇپ كەتتى مەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم. گۈلنۇر توغراقنىڭ تۈۋىگە كىلىپ ھەرخىل شەكىل چىقىرىشقا باشلىدى مەنمۇ قىزىقىپ رەسىمگە تارتىۋەردىم، بىردەمدە رەنامۇ گۈلنۇرغا قۇشۇلۇپ توغراقلار ئارسىدا رەسىمگە چۈشۈشكە باشلىدى. بىر چاغ بولغاندە مۇخلىسە ئىسىمگە كىلىپ كەينىمگە قارىدىم. مۇخلىسە خېلىلا يىراقلىقتا بىز تەرەپكە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، مەن ئۇنى نەچچە قېتىم چاقىردىم لىكىن ئۇ ئۈنسىز ئۆز جايىدا قاراپ تۇراتتى، مەن ئۇنىڭ قېشىغا باردىم.

-مۇخلىسە سىزگە نىمە بولدى ؟-دىدىم مەن ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ ،ئۇنىڭ قۇلى مۇزدەك ئىدى،-بۇ ئىسسىقتا ھەجەپ قۇلىڭىز مۇزلاپ كىتىپتۇغۇ ؟مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە؟

سۇئاللىرىم جاۋاپسىز ئىدى، ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ يۈرۈكۈم جىغغىدە قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۇنىڭ چىرايى تاتارغان، كۆز قارچۇغى كىچىكلەپ كۈرۈنمەيلا قالغان ئىدى.

-مۇخلىسە.- مەن ئۇنى قاتتىق سىلكىشلىدىم ،شۇندىلا مۇخلىسە سەل ھۇشىغا كەلگەندەك بولدى ،

-سىزگە نىمە بولدى ؟ ئادەمنى ھەجەپ قورقۇتتىڭىز – دىدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ .

-ھېچ ...ھېچنىمە بولمىدى. تىز ئۇلارنى چاقىرىڭ بىز ماڭايلى-دىدى مۇخلىسە جىددى تەلەپپۇزدا،مەن ئۇنىڭدىن نىمە بولغانلىقىنى سورىماقچى بولدۇم،- يۇ لىكىن تىزلا يالتايدىم چۈنكى مۇخلىسە ئادەتتە بىرەر ئىشنى دىيىشنى خالىمىسا سورىغان بىكار ئىدى،مەن گۈلنۇر بىلەن رەنانى چاقىردىم ،ئۇلارمۇ تىزلا قېشىمىشغا كەلدى

-نىمە بولدى بىز تېخى رەسىمگە چۈشۈپ بۇلالمىغان ئىدۇق ـدىدى گۈلنۇر

ھېچنىمە –دىدى مۇخلىسە جاۋابەن -پەقەت بۇ يەردە بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسەك باشقا ياقلارغا بېرىشقا ۋاقىت يەتمىگۈدەك شۇڭا چاقىردىم .

-ھە بوپتۇ ئەمسە ماڭايلى- دىدى رەنا

بىز ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتۇق ،شۇ ئارىدا مۇخلىسە مىنىڭ بوينۇمغا بىر تال تۇمار ئېسىپ قويدى،ۋە گەپ قىلما دىگەن مەنىدە كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئاغزىغا تەككۈزدى ،مەنمۇ ھېچنىمىنى چۈشەنمەي گەپ قىلماي  ماڭدىم،رەنا بىلەن گۈلنۇر بىردەم توشقان قوغلىسا بىردەم قوغلاشماق ئوينايىتتى مۇخلىسە بىلەن مەنلا جىمجىت كىتىۋاتاتتۇق.

-ئەمدى قايتايلىمۇ؟ -دىدىم  مەن

-ياق تېخى يەنە ئازراق ماڭساق، توڭغۇز كۆرەلەيمىز - دىدى رەنا

مەن قورقۇپ تۇرساممۇ، قىزىقىشىمنىڭ تۈرتكىسىدە يەنە ماڭدىم. بىز يەنە خېلى ماڭغان بولساقمۇ ئالدىمىزدا ھېچ توڭگۇز كۆرىدىغاندەك ئەمەس چۈنكى ئابايام ئۇيەر–بۇ يەردە كۆرىنىدىغان توغراقلار ھازىر قەدەمدە بىر ئۇچراپ قۇيۇقلىشىپ باراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توغراقلارنىڭ شەكلى غەلىتە بۇلۇپ ئادەمنىڭ تىنىنى ئەيمەندۈرەتتى.

-ئاداش –بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بەك چىرايلىقكەن مىنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىپ قۇيە –دىدى گۈلنۇر ئاپپاراتنى ماڭا تەڭلەپ. مەنمۇ گەپ قىلماي سۈرەتكە تارتىشقا تەمشەلدىم، ئاپپراتنى تەڭشەپ گۈلنۇرغا تەڭلىۋىدىم قورقۇنۇچتىن قۇلۇمدىكى ئاپرات يەرگە چۈشۈپ كەتتى. گۈلنۇر يۆلىنىپ تۇرغان توغراق ئۈستىدە چاچلىرى چۇۋۇلغان چىرايىنى پەرىق ئەتكىلى بولمايدىغان بىر نەرسە ئولتۇراتتى.

-ساڭا نىمە بولدى ئاداش –دىدى رەنا ماڭا قاراپ ئەجەپلىنىپ .

-نىمە بولدۇڭ ئاداش، ئادەمنى ھەجەپمۇ قورقۇتتۇڭ –دىدى گۈلنۇر نارازى بۇلۇپ .

-مەن گەپ قىلىشقا تەمشىلىۋىدىم مۇخلىسە مىنى نۇقۇپ قويدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن گەپ قىلما دىگەن مەنا چىقىپ تۇراتتى

-ھېچ ...ھېچنىمە بولمىدى، شۇ يەردە بىر قوڭغۇز باركەن شۇنى كۆرۈپ شۇ ..-دۇدۇقلىدىم مەن.

-ھە شۇنچىلىك ئىشمىدى توۋا –رەنا بىلەن گۈلنۇر مىنى زاڭلىق قىلىشىپ كۈلۈشتى

مەن بولسام ئۆزۈمدىكى جىددىيلىكنى باسالماي مۇخلىسەگە سۇئال نەزىرىدە تىكىلىپ تۇراتتىم .

-ماڭايلى –دىدى مۇخلىسە ماڭا قاراپ

مەن بايا كۆرگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا دىمەكچى بولغان ئىدىم، لىكىن ئۇ قەستەن گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى.

بېشىمنى يەردىن ئۈزمەي كىتىپ بارىمەن، ئەجىبا باياتىن مەن خاتا كۈرۈپ قالغاندىمەنمۇ. ماڭا شۇنداق كۆرىندىمۇ يا، كونىلاردا « قورققان كىشىگە جىن كۆرۈنەر»دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ چۇقۇم شۇنداق،  مۇخلىسەگە گەپ قىلاي دەپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئەتراپىمدە  نە مۇخلىسە، نە رەنا ھېچكىم يوق. قورققىنىمدىن جېنىم چىقىپ كىتەي دەپ قالدى.

-مۇخلىسە، رەنا سىلەر قەيەردە،-ئۈنلۈك توۋلىدىم،لىكىن ھېچ ئۇلاردىن ھېچ سادا يوق ئىدى.

-بولدى ماڭا چاخچاق قىلماڭلار، مەن قورقۇپ كىتىۋاتىمەن، سىلەر نەدە؟

-ئاۋازىم تىترەۋاتاتتى، يىغلىۋېتەيلا دەپ قالغان ئىدىم. يىراقتىن بىر بوغۇق ئاۋاز ئاڭلىنىشقا باشلىدى بۇ ئاۋاز بىردە ئادەمنىڭ كۈلگەن ئاۋازىغا، بىردە بىرەر ھايۋاننىڭ چىقىرغان ئاۋازىغا ئوخشاپ قالاتتى، ئەتراپقا قارىدىم، مەندىن خېلى يىراق يەردە باياتىن مەن توغراق ئۇستىدە كۆرگەن ھېلىقى نەرسە ئولتۇراتتى. قورقۇپ ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمىدى، ئۇ نەرسە بارغانچە ماڭا يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى، ئەمدى ئۇنى بارغانچە ئېنىق كۈرۋاتاتتىم. ئۇ نەرسىنىڭ كۆز ۋە بۇرنى بۆرىنىڭكىگە،  ئېغىز ۋە قۇلىقى شەپەرەڭنىڭكىگە ئوخشايىتتى، بويى مەندىن پاكار بۇلۇپ بىرەر مېتىر كىلىدىغاندەك قىلاتتى. ھازىر مەن خۇددى قېتىپ قالغاندەك ئورنۇمدىن مىدىر-سىدىر قىلماي تۇراتتىم، چۈنكى پۇت قۇلۇمدا مىدىرلىغۇدەك ماغدۇر قالمىغان ئىدى، ئۇ مەن تەرەپكە ئېتىلىپ كىلىۋاتاتتى، ئىچىمدە ئۆزۇم بىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدىم.  بىزنىڭ ئارلىقىمىز بارغانچە يېقىنلىماقتا .. ئۇنىڭ ئاغزى شۇنداق چوڭ ئېچىلغانكى خۇددى مىنى پۈتۈنلا يۇتىۋېتىدىغاندەك ئىدى، ئۇنىڭغا قاراشقا يۈرىكىم چىدىمىدى، چىقىرغىنىمچە يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۋالدىم.

-ئاينۇر –ئاداش ساڭا نىمە بولدى ؟-بۇ گۈلنۇرنىڭ ئاۋازى ئىدى، كۆزۈمنى ئاچتىم ئەتراپىمدا مۇخلىسە، رەنا ،گۈلنۇرلار ماڭا قاراپ چەكچىيىپ تۇراتتى.ئۇلارنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتىم، رەنا بىلەن گۈلنۇر نىمە بولغىننى بىلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. مۇخلىسەلا مىنى قۇچاقلاپ يەلكەمگە يىنىك ئۇرۇپ تۇرۇپ –بولدى قورقما ئاداش مەن سىنىڭ يېنىڭدا-دىدى

مەن خېلى ئۇزۇن ئېسەدىدىم. ئاندىن ئاستا–ئاستا يىىغدىن توختىدىم. گۈلنۇر بىلەن رەنا ماڭا سۇئال نەزىرىدە تىكىلىپ تۇراتتى .

-ئاداش بۇ زادى نىمە ئىش؟- دىدىم مەن مۇخلىسەگە قاراپ.

-بۇنى مەنمۇ ئىنىق بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ بىز بۇ يەردىن تىزراق ئايرىلىشىمىز كېرەك – دىدى مۇخلىسە قەتئىيلىك بىلەن .

-زادى نىمە ئىش بولدى-دىدى گۈلنۇر نارازى بۇلۇپ

–باياتىنياقى ھەجەپ بىر –بىرىڭلارغا كۆز قىسىشىپ كەتتىڭلار قانداق گەپ بۇ زادى ؟

خاپا بولما ئاداش –دىدىم مەن گۈلنۇرغا قاراپ ،-كېلە قېشىمدا ئولتۇر مەن ساڭا دەپ بېرەي

گۈلنۇر بىلەن رەنا ئاستا قېشىمغا كېلىپ ئولتۇردى، مەن مۇخلىسەگە قاردىم ،ئۇ ماڭا بۇلىدۇ دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى،مەن ئۇلارغا باياتىندىن بېرى كۆرگەنلىرىمنى ئېيتىپ بەردىم، ئۇلار ئىشەنمىگەندەك ماڭا قاراپ تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى.

-بولغان ئىشلا مۇشۇ قالغىنىنى مەنمۇ بىلمەيمەن دىدىم مەن مۇخلىسىەگە قاراپ.

-ئەسلى ئىش مۇنداق،-دىدى مۇخلىسە بىر نۇقتىغا تىكىلىپ تۇرۇپ –كېچىك ۋاقىتلىرىمدا باشقىلار تۇلا قارا بېسىپ ئۇخلىيالمىسا ،ئاياللار  ئكككى قات بۇلۇپ قالغاندا ئۆزلىرىگە تۇمار پۈتتۈرگىلى مۇمامنى ئىزدەپ كېلەتتى، بەزى ۋاقىتلاردا تېخى مۇمام ئۆزى بىلەن ئۆزى پاراڭلىشىپ كېتەتتى مەن ئەجەپلىنىپ مۇمامدىن سورىسام كۈلۈپ قۇيۇپ جاۋاب بەرمەيىتتى، كىيىن مەنمۇ چوڭ بولغانسېرى بۇ ئىشلارنى تەبىئىيلا چۈشەندىم ،ئەسلى مۇمام شۇ غايىباتلار بىلەن پاراڭلىشاتتىكەن ،كېيىنچە مۇمامدىن ئۇلار توغرىسىدا جىق گەپلەرنى ئاڭلىدىم، ئەسلى بىز ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمىسەكلا ئۇلارمۇ بىزگە زىيان يەتكۈزمەيدىكەن،  كىيىنچە مەنمۇ ئۇلارنى كۆرەلەيدىغان، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشالايدىغان بولدۇم. لىكىن مۇمام ماڭا بۇلارنى باشقىلارغا ئېيىتماسلىقنى جىكىلىدى، چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گېپىنى قىلىشىنى ياقتۇرمايدىكەن، ئۇلار ئادەتتە ئادەم بارمايدىغان چۆل –جەزىرىلەردە، مازارلاردا ھەتتا بىز يۇندا تۆكىدىغان مەينەت جايلاردا ياشايدىكەن. شۇڭا تۈنۈگۈن بىز بۇ چۆلگە كىلىشنى مەسلىھەتلەشكەندە بىزمۇ شۇلارغا يۇلۇقۇپ قالارمىزمۇ دىگەن ئوي كاللامدىن كەچتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈنۈگۈن رەنا چاخچاق قىلىپ ‹بۇرۇن باشقىلار چۆلگە كىرىپ ئوتۇن يىغقان ۋاقىتلىرىدا ئاتلىرىنىڭ قۇيرۇقى ئۆزىچىلا ئۆرۈلۈپ قالاتتىكەن ›دېگەن گەپلەرنى قىلىغاندا بۇ گۇمانىم تېخىمۇ كۈچەيدى ،- دىدى مۇخلىسە ئېغىر ئۇھسىنىپ .

بىز بولساق ئېغىزلىرىمىزنى قۇشقاچ بالىلىرىغا ئوخشاش ئېچىپ قالغان ئىدۇق.

-شۇڭا دەپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى مۇخلىسە -بۈگۈن ئەتىگەن ياتاقتىن چىقىشتىن بۇرۇن مۇمامدىن ئۆگەنگىنىم بۇيىچە ھەر بىرىمىزگە بىر تالدىن تۇمار پۈتۈپ چىقتىم لىكىن گۈلنۇر ئەتىگەنلا مىنىڭ بۇ قىلغان ئىشىمنى خۇراپىيلىققا چىقاردى ،شۇڭا ئاچچىغىمدا تۇمارنى ھېچقايسىڭلارغا بەرمىدىم،تاكى باشتا سىلەر ھېلىقى ئادەمنىڭ بەش بارمىقىغا ئوخشايدىغان توغراق تۈۋىدە ھەممىڭلار رەسىمگە چۈشۈش بىلەن بۇلۇپ كىتىپ ئەتراپقا دىققەت قىلمىدىڭلار، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئادەمنىڭ بەش بارمىقىغىلا ئەمەس بەلكى بىر سۇزۇلۇپ ياتقان ئادەمنىڭ قۇلىغا ئوخشايىتتى، ئۇ بەلكىم شۇلانىڭ ئۆيى بولسا كېرەك، شۇ ئەتراپقا باياتىن ئاينۇرغا كۆرۈنگەنگە ئوخشاش نەرسىلەر پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى، لىكىن نىمە ئۈچۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزى گۈلنۇر بىلەن رەنا بولماستىن بەلكى ئاينۇردا ئىدى، شۇڭا مەن ئاينۇرنى چاقىرىپ ئۇنىڭ بوينىغا تۇمار ئېسىپ قويدۇم، گەرچە ئۇلار ئاينۇرغا زىيان يەتكۈزەلمىگىنى بىلەن ئۇنىڭغا خىرىس قىلىۋاتقىنى ئىنىق، ئۇندىن كىيىنكى ئىشلار ماڭىمۇ قاراڭغۇ، شۇڭا بىز ئەڭ ياخشىسى بۇ يەردىن تىزراق كېتەيلى، مانا بۇ تۇمارنى ئككىڭلارمۇ ئېسىۋېلىڭلار ،مەيلى مىنى خۇراپى دەڭلار ياكى دېمەڭلار ئىشقىلىپ ھازىرچە بۇنى ئېسىۋېلىڭلار –دىدى مۇخلىسە يانچۇقىدىكى تۇمارنى چىقىرىپ گۇلنۇرغا تەڭلەپ .

ئۇلارمۇ ئۈنسىزلا تۇمارنى ئېلىپ بويۇنلىرىغا ئېسىشتى ،ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نىمىلەرنى ئويلاۋاتقىنى نامەلۇم ئىدى ،ئىشقىلىپ ھەممىمىز جىملا بوپ قالغان ئىدۇق .

-ئۇنداق بولسا ماڭايلى،–دىدى گۈلنۇر ئورنىدىن تۇرۇپ

-بۇلىدۇ ،رەنا سەن يول باشلا، ھەممىمىز قۇلىمىزنى چىڭ تۇتۇشۇپ ماڭايلى، ھەرگىز ئايرىلىپ قالمايلى –دىدى مۇخلىسە قۇلىنى گۈلنۇرغا تەڭلەپ، گۈلنۇرمۇ ئۈنسىز مۇخلىسەنىڭ قۇلىنى تۇتتى بۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم قوللىرىنى بۇنداق چىڭ تۇتۇشى ئىدى، چۈنكى ئادەتتە ئۇلارنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقمىغاچقا ئانچە يېقىنچىلىق قىلىشىپ كەتمەيىتتى،ئۇلارغا قاراپ مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇردۇم، بىز تۆتەيلەن قوللىرىمىزنى چىڭ تۇتۇشۇپ ئەسلىدىكى يول بىلەن كەينىمىزگە قاراپ ماڭدۇق، ھەممەيلەن يېنىمىزدا چىۋىن ئۇچسا ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە جىمجىت كىتىپ باراتتۇق .

-گۈلنۇر ،نىمە مىنىڭ قېشىمغا كىلىۋالدىڭ –ئارىدىكى جىمجىتلىقنى رەنا بۇزدى ،بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن تېخىمۇ قورقۇپ كەتتۇق .چۈنكى باياتىندىن بېرى گۈلنۇر ئىزچىل مىنىڭ سول قۇلۇمنى تۇتۇپ كىلىۋاتاتتى، ئوڭ قۇلۇمنى بولسا مۇخلىسە ،ئۇنىڭ قېشىدا رەنا ماڭغان يەنى رەنانىڭ ئوڭ قۇلىنى ھچكىم تۇتمىغان ئىدى ،

-نىمە دىدىڭ ئاداش، مەن نەدە سىنىڭ قۇلۇڭنى تۇتتۇم، مەن ئاينۇرنىڭ قېشىدا تۇرسام–دىدى گۈلنۇر تىترەپ تۇرۇپ.

- شۇنداقمۇ ؟- بۇ ئاۋاز رەنانىڭ ئاۋازى ئەمەس ئىدى ،بۇ باياتىن مەن ئاڭلىغان ھېلىقى يا ئادەمنىڭ يا ھايۋاننىڭ ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان بۇغۇق ئاۋاز ئىدى، بىز چۆچۈش ئىلكىدە رەناغا قارىدۇق ،ئۇنىڭ كۆز قارچۇغى كىچىكلەپ كۆرۈنمەيلا قالغان ئىدى، ئېغىزى كۈلگەندەك ئېچىلغان بۇلۇپ توختىماي ئېغىزىنى كاسىلدىتاتتى ئېغزىدىن شۆلگەيگە ئوخشاپ كىتىدىغان سۇيۇقلۇق تۈكىلىۋاتاتتى.

-تىز ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۇڭلار –توۋلىدى مۇخلىسە

بىز دەرھال كىلىپ ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۇۋلدۇق لىكىن ئۇنىڭغا كۈچىمىز يىتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇنى يەرگە ياتقۇزۇپ ئۈستىگە چىقىۋالدىم، ماڭا نەدىن كەلگەن غەيرەتكىن بىلمىدىم. ئادەتتىكى ۋاقىت بۇلىدىغان بولسا ئاللىبۇرۇن ھۇشۇمدىن كەتكەن بۇلاتتىم، گۈلنۇر بىلەن ئىككىمىز رەنانى چىڭ بېسىپ تۇردۇق .مۇخلىسە بىر مۇنچە مەن ئۇقمايدىغان ئايەتلەرنى ئۇقۇپ رەناغا يۈرۈشكە باشلىدى ،رەنا بىزنىڭ قوللىرىمىزدىن چىقىش ئۈچۈن يۇلقىناتتى ئۇنىڭ كوزلىرىرى قان قۇيغاندەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى، ئېغزىدىن چىققان سۇيۇقلۇق يۈزلىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ يۈزلىرىنى ئۇيان بۇيان سۇركىگەچكە يەردىكى قۇم يۈزلىرىگە چاپلىشىپ ئۇنى تېخىمۇ بەتبەشىرە ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى ئۇنىڭغا قاراشقا چىدىيالماي كۆزلىرىمنى باشقا ياققا قاچۇردۇم، قانچە تىز قاچۇرغان بولسام شۇنچە تىز يەنە رەناغا قارىۋالدىم، چۈنكى ئەتراپ رەنانىڭ چىرايىدىنمۇ بەكرەك قورقۇنۇچلۇق ئىدى، ھېلىقى شەپەرەڭگە ئوخشايدىغان نەرسىلەر ئەتراپىمىزنى ئورىۋېلىشقان خۇددى بىزنىڭ ئۇيۇنىمىزنى كۆرمەكچى بولغاندەك قارىشىپ تۇراتتى، قورقۇپ ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمىدى، ئىچىمدە بىلگەن ئايەتلىرىمنى ئۇقۇۋاتاتتىم، كىچىكىمدە نىمىشقىمۇ ئانام ئايەت ئۆگىتەي دىسە ئۇنىماي ئوينىغىلى قاچقان بولغىيىتتىم ،ھەي ئەگەر مۇشۇ يەردىن ساقلا چىقىپ كېتەلىسەم چۇقۇم جىق ئايەت ئۆگىنىمەن، بىر ۋاخ ناماز ئەمەس، بەش ۋاخ نامازنى تەرىك ئەتمەي ئۇقۇيمەن.

ئۆز –ئۆزۈمگە شۇلارنى دەپ تەسەللى بىرەتتىم، بىز خېلى ئۇزۇن تىركەشتۇق ،مۇخلىسە توختىماي رەناغا ئايەت ئۇقۇپ يۈرەتتى، ئاخىرى رەنا سەت بىر چىرقىراپ ھۇشىدىن كەتتى، ئەتراپىمىزدىكى ھېلىقى غەلىتە نەرسىلەرمۇ چۆچۈشكەندەك ئالاقزادە بولۇشپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.

-رەنا نىمىشقا تۇمارنى تاقىمىغاندۇ ؟-دىدى مۇخلىسە پىشانىسىدىكى تەرنى سۈرىتكەچ – بولدى مىنىڭكىنى تاقىسۇن مەن ئۇنى يۈدىۋالاي –مۇخلىسە شۇنداق دىگىنىچە بوينىدىكى تۇمارنى ئېلىپ رەناغا تاقاپ قويدىۋە رەنانى يەردىن ئېلىپ يۈدىۋالدى ،بىز مۇخلىسەنىڭ كەينىدىن ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق.

-مەيلى نىمىنى كۆرۈڭلار ،ھەرگىز تۇتماڭلارھەم گەپمۇ قىلماڭلار.

مۇخلىسە بىزگە شۇنداق دىگەندىن كىيىن يەردىن بىر ئۇچۇم قۇمنى ئېلىپ ئۇنىڭغا قايسىبىر ئايەتنى ئۇقۇدى–دە ھېلىقى غەلىتە نەرسىلەرگە قاراپ چاچتى ،ئۇلار ئۇ قۇمنىڭ ئۆزلىرىگە تىگپ كىتىشىدىن قورققاندەك بىزگە يول ئېچىپ بىرىشتى، لىكىن يەنىلا بىزدىن يىراقلاشماي ئەگىشىپ مېڭىشتى، ئۇلار گاھ مىنى چاقىرسا گاھ ماڭا نەرسە تەڭلەيىتتى ،مەن مۇخلىسەنىڭ دىگىنى بۇيىچە ئۇلارغا پەرۋاسىز ماڭدىم ، قورقساممۇ ئۈن چىقارمىدىم ،مىنىڭچە گۈلنۇرمۇ ماڭا ئوخشاش ئىشلارغا يۇلۇقتى بولغاي چۈنكى ئۇنىڭ يانلىرىدىمۇ شۇ غەلىتە نەرسىلەر بار ئىدى .

شۇنداق مېڭىپ ئاخىرى بىز ھارۋىنى توختىتىپ قويغان يەرگە يىتىپ كەلدۇق ،ئەمدى نىمىشقىكىن ئۇ غەلىتە نەرسىلەر يۇقاپ كەتكەن ئىدى، مۇخلىسە رەنانى ھارۋىغا ياتقۇزدى ۋە مىنى ھارۋىنى ھەيدەشكە بۇيرۇپ ئۈزى ھارۋىنىڭ قۇيرۇقىدا ئولتۇردى، دەسلەپ ئېشەك بىر كۈن بىكار تۇرۇپ زىرىككەندەك شۇندق ياخشى ماڭغان بولسا مانا ئەمدى ھارۋىنى سۆرەشكە پەقەتلا  ماغدۇرى يەتمىگەندەك ئىدى .

-بۇ ئىشەككە نىمە بولغاندۇ ئەمدى ،ھەجەپ ماڭمايدىيا –دىدىم مەن ئېشەكنى ئۇرۇپ ھارغاندىن كېيىن ،مەن ئەجەپلىنىپ كەينىمگە قارىدىم،كۆز ئالدىمدىكى مەنزىردىن ئاغزىمغا گەپ كەلمىدى  ، يۈرۈگۈم ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك بولدۇم، مۇخلىسە ھارۋىدا يوق بۇلۇپ ئۇنىڭ ئورنىدا چاچلىرى ئالتۇندەك پارقىراق شۇنداق چىرايلىق بىر قىز ئولتۇراتتى ،مۇخلىسە بولساھارۋىنىڭ كەينىدە  ‹چۈشۈپ كەت ،چۈشۈپ كەت ›دەپ ئۇنىڭ قۇلىنى تارتاتتى ،گۈلنۇر قېتىپ قالغاندەك جىممىدە ئولتۇراتتى، ،‹بۇ نىمە بولغىيدى ئەمدى ،ھەجەپ ئايغى ئۈزۈلمىدا بۇلارنىڭ ›غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى ،بۇ چاغدا  قورقۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن

-ھۇ يۈزى قېلىن بىزنى بۇزەك چاغلاپ قالدىڭما؟ باياتىنياقى قورقۇتقىنىڭ ئاز كەلگەندەك مانا ئەمدى چىرايلىق ياسىنىۋېلىپ نىمە قىلماقچىدىڭ ،بىز يا ئوغۇل بالا بولمىساق ئازدۇرساڭ ماقۇل دىگىلى، ماڭ چۈشۈپ كەت !

پاھ –نىمانداق يۈرەكلىك ھە مەن ،ھەجەپ قورقمايمەنيا، ئۆزۈمدىن ئازراق پەخىرلەندىم ،توۋا قورقۇشنىڭ ئورنىغا تېخى پەخىرلىنىپ كەتكىنىم قىززىق، مۇخلىسە ماڭا بىردە قاراپ تۇرغاندىن كىين، دەرھال بۇ ‹چىرايلىق قىز›نىڭ چېچىنى تارتتى ،ئۇ ‹چىرايلىق قىز › چىقىرغىنىچە ھارۋىدىن دۇمىلاپ چۈشتى ،مۇخلىسەنىڭ قۇلىدا بىر نەچچە تال ئالتۇن رەڭلىك چاچ تۇراتتى –ۋوييۇ –مەن ئۈزەمنى يۈرەكلىك دەپ كىتىپتىمەن ،ئەسلە مۇخلىسە يامانكەن ئەمەسمۇ، باشتىلا ئۇنىڭ چېچىنى يۇلۇپ تاز قىلىۋېتىدىغان گەپكەن،-ئاداش–نىمانداق قالتىسسەن ،كىيىنچە يولدۇشۇڭ باشقا ئاياللارغا ھەرگىزمۇ قارىيالمىغۇدەك –توۋا نىمىلەرنى جۆيلۈپ كەتتىم ۋوي مەن بۇ شۇنداق گەپنى قىلىدىغان ۋاقىتما ،ئۆزەمنىڭ ئەخمىقانە گېپىدىن ئۆزۈم خجىل بۇلۇپ قالدىم ،مۇخلىسە ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئۇ ‹چىرايلىق قىز›غا دىدى –ئەمدى بىزنى قۇيىۋەت دوسلىرىمغا زىيانكەشلىك قىلما !

ئۇ ‹چىرايلىق قىز ›مۇخلىسەگە قاراپ يالۋۇراتتى

ـ چېچىمنى قايتۇرۇپ بەر ،چېچىمنى قايتۇرۇپ بەر.

-بۇلىدۇ قايتۇرۇپ بىرەي–دىدى مۇخلىسە مۇلايىملىق بىلەن –لىكىن بىز ئاۋۋال ئامان–ئىسەن ئۆيگە بېرىۋالايلى.

ئۇ ‹چىرايلىق قىز ›گەپ قىلماي بىزگە ئەگەشتى، باياتىندىن بېرى ماڭالماي قالغان ئېشەك مانا ئەمدى شۇنداق يۈگرەپ كېتىۋاتاتتى، ئەسلى سەن ئۇرۇق بولغىنىڭ بىلەن بەك ئېغىركەنسەن ھە ،- دىدىم كۆڭلۈمدە، ئاخىرى رەنانىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدۇق، رەنانىڭ ئاتا –ئانىسى بىزدىن ئەنسىرەپ ئۆينىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرغان ئىكەن، رەنانىڭ ھۇشسىز ياتقىنىنى كۆرۈپ ئالاقزادە بۇلۇشۇپ كەتتى، مۇخلىسە دەرھال چۈشەندۈرۈپ ئۈلگۈردى

-باياتىندىن بېرى ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ، مىجەزىم يوق دەپ يېتىۋالغان ئىدى.

-ھە ئۇنىسىمۇ راس باللىرىم بۈگۈن بەك ئىسسىق بولدى ئەمەسمۇ قېنى تىز ئۆيگە كىرىڭلار–رەنانىڭ ئانىسى بىزنى ئۆيگە باشلىدى، مەن ھارۋىدىن چۈشۈپ كەينىمگە قارىدىم، ھېلىقى ‹چىرايلىق قىز› بىزدىن خېلىلا يىراقتا قاراپ تۇراتتى، بىز ئۆيگە كىرىپ ئۇرۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن،  رەنانىڭ ئانىسى لۈڭگە چۆللەپ رەنانىڭ بېشىغا قويدى

-ۋاي بالام نىمە بولغانسەن –رەنانىڭ ئانىسى يىغلىۋېتەيلا دەپ قالغان ئىدى

مۇخلىسە قۇلاق تۈۋىمگە كىلىپ –مەن چىقىپ بۇ چاچنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ كىرەي–دىدى –دە سىرىتقا چىقىپ كەتتى ،مەن بىللە چىقماقچى بولدۇم،-يۇ رەنانىڭ ئانىسىنى گۇمانلىنىپ قالمىسۇن دەپ چىقمىدىم، خېلى ئۇزۇندىن كىيىن مۇخلىسە تەمكىن ھالدا كىرىپ كەلدى ماڭا قاراپ ھەممە ئىش جايىدا دىگەندەك كۈزىنى قىسىپ قويدى، شۇ كۈنى مۇخلىسە، گۈلنۇر ئۈچىمىز بىر ئۆيدى ياتتۇق. رەنانى ئانىسى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، بىز ئۇخلاش ئۈچۈن ئۇرۇنلىرىمىزغا كىرىپ خېلى بىر ۋاقىتقىچە گەپ قىلىشمىدۇق. خېلى بىر ۋاقىتتىن كىيىن مۇخلىسە بىزگە باياتىن ئۆزى بىلەن ‹چىرايلىق قىز › نىڭ قىلىشقان گەپلىرىنى دەپ بەردى، ئۇنىڭ دىيىشىچە پەقەت بىز ئۇلار توغرۇلۇق باشقىلارغا گەپ –سۆز قىلمىساقلا ئۇلار بىزگە چېقىلمايدىكەن، ئەسلى بىز ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىغا بېرىپ رەسىمگە چۈشىمىز دەپ ئۇلارنى پاراكەندە قىلمىغان بولساق ئۇلارمۇ بىزگە چېقىلمايىتتىكەنتۇق. بۇلارنى ئاڭلاپ گۈلنۇر ئېغىر ئۇھسىندى.

-ئۇنداقتا رەناچۇ؟- سورىدىم مەن

-ئۇنىڭغىمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ، بۈگۈن ئۇخلاپ ئويغانسىلا ھەممە ئىش ئوڭشىلىپ كېتىدۇ –دىدى مۇخلىسە خاتىرجەملىك بىلەن

-مۇخلىسە ،مىنى كەچۈرگىن  دىدى گۈلنۇر مۇخلىسەنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

–بۇرۇن سىنى خۇراپىي دەپ زاڭلىق قىلىپ يۈرۈپتىكەنمەن، چۈنكى مەن كىچىكىمدىن دىنى تەلىم ئېلىپ باقمىغان، بىزنىڭ ئۆيدىمۇ ھېچكىم ناماز ئۇقۇمىغاچقا، بۇلارنى چۈشەنمەپتىمەن ھەم بىلمەپتىمەن. بۈگۈن مەن قايتىدىن ئادەم بولدۇم ،مەن ئەمدى ناماز ئۇقۇيمەن،ماڭا ئۆگىتىپ قوي بۇلامدۇ ئاداش.

گۈلنۇر شۇلارنى دەۋېتىپ يىغلاپ كەتتى، دىمىسىمۇ بۇنى گۈلنۇردىن كۈرۈشكە بولمايىتتى، ئاتا – ئانىسى بۇرۇندىن ئەمەل-ئىبادەت ئىشلىرىغا سەل قاراپ كەلگەن بولغاچقا گۈلنۇرغا ھېچقانداق دىنى تەلىم بەرمىگەن ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدىغان تۇرسا پەرزەنتىگە قانداقمۇ تەلىم بىرەلىسۇن؟!

-ھېچقىسى يوق ئاداش مەن كۆڭلۈمگە ئالمىدىم، شۇنداق دىگىنىڭدىن مەن بەكمۇ خوش بولدۇم. مەن چۇقۇم ساڭا بىلىدىغانلىرىمنى قويماي ئۆگىتىمەن–دىدى مۇخلىسە. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئۇنىڭمۇ يىغلاۋاتقانلىقىنى بىلدىم ،بىز بىر بىرىمىزنى قۇچاقلىشىپ خېلى ئۇزۇن يىغلاشتۇق .ئاندىن ئۇخلاپ قالدۇق.

ئەتىسى ئورنىمىزدىن تۇرۇپ رەنا بىلەن كۆرۈشتۇق ئۇمۇ خېلى ياخشى بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ تۈنۈگۈنكى ئىشلار پەقەت ئىسىدە يوق ئىكەن ،يەنە تېخى بىزدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى توختىماي سورايىتتى.

-شۇ ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىپ قىززىپ قاپسەن ئاداش–دىدى گۈلنۇر كۈلۈپ تۇرۇپ بىزمۇ بېشىمىزنى لىڭشىتتۇق، رەنا قايىل بولمىغاندەك بېشىنى چايقىدى، بىز چۈشتىن كىيىن نەرسىلىرىمىزنى يۇغۇشتۇرۇپ مەكتەپكە قايىتتۇق، يولدا ماڭغۇچە تۈنۈگۈن بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلاپ بەدىنىمگە تىترەك ئولاشتى .

مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن بىزدىكى ئۆزگۈرۈشلەر بەك زور بولدى، ئۆمرىدە بىر ۋاخ ناماز ئوقۇپ باقمىغان گۈلنۇر مانا بەش ۋاخ نامىزىنى باشلىۋالغان ئىدى، ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، بىز تېخى بىكار بولساقلا مۇخلىسەدىن ئايەت ئۆگىنىدىغان بولدۇق، ھەر قېتىم بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلىسام مىنى سۈر باسىدۇ–دە مۇخلىسەدىن ئۆگەنگەن ئايەتلەرنى ئۇقۇشقا باشلايمەن.


  مەنبە: ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-22 05:16 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
بەرگى + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

uysoda بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 01:40:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79004
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2038
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2012-4-18
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 02:02:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي  اللاھ   مەن  بۇگۈن  كەچتە  يالغۇز  قالىمەن .  ئەمدى
بۇ  ھىكايىڭىز  ئېسىمگە  كىلىۋىلىپ  ياتالمايدىغان  بولدۇمدە .

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3067
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5907
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2626 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 02:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنۇردىنى ھازىرلا چىققان ئىسسىق نانغا ئوخشاشلا  قىزكەنسىزغۇ، مىسرانىمغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، يازمىلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم ، لېكىن ئەپچىلنى پەقەت ۋەھىمە باسمىدى، بولسا تېخمۇ دەششەت ۋەھىمىلىك ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرۇڭ

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 02:06:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستمۇ يا ، مۇشۇنداق ھېكايىلەرنى ئوقوشنى بەك يا
خشى كۆرىمەن ، ماھېكايىنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن .

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورة العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورة القلم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90271
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2014-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 02:32:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر ياخشى يېزلىپتۇ....ياختۇرۇپ قالدىم....ئىلھامىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89391
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-12-31
ئاخىرقى: 2013-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 02:35:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇجۇن نىماندا ۋەھىمىلىك

لـــەيـــلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1783
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16579
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 6358 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 02:43:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈنۈگۈن ئەلكىندە ئوقۇپ سۈر باسقانتى مېنى ....تۇنجى يازمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ جانىم ، قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن ، داۋاملىق يىزىپ تۇرۇڭ

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4466
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84594
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9971 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 02:47:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېلى يېنىك يېقىشلىق ھېكايە بوپتۇ. ۋەھىمىسىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇش كېرەك ئىكەن.

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77869
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1799
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 431 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2013-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 02:53:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھازىر يالغۇز....گەرچە كۇپكۇندۇز بولسىمۇ، ئۇقۇپ يېرىمىغا كەلگەنتىم... داۋاملىق ئۇقۇشقا ئەھۋال قەتتى يار بەرمىدى، ئاخىرىنى يېنىمدا ئادەم بار چاغدا ئۇقايمىكى...  
مۇشۇ فانتازىيەلىك ھېكايىلەرنى راڭپىزىغىلا ئوخشىتىمەن دىسە...

ئاللاھ مىنى ئىنسان ~ مۇسۇلمان ~ ئۇيغۇر ~ قىز  قىلىپ ياراتتى، مانا بۇ بەخىت ئىچىدىكى بەخىت بولماي نىمە؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش