مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2558|ئىنكاس: 30

بايدا ئۆتكەن «ئۇيغۇر ۋاڭ»لار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90365
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-1-20
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 09:44:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بايدا ئۆتكەن «ئۇيغۇر ۋاڭ »لار
ئەبەيدۇللا ئىسلام
1-بايدىمۇ «ۋاڭ» ئۆتكەن
مەن 2010-يىلى 7-ئايدا ئىنىستىتوتنى پۈتتۈرگەنلىكىمىزنىڭ20يىللىقىنى خاتىرىلەشيۈزىسىدىن كۇچا ناھىيىسىدە باشلانغان ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا قاتنىشىۋاتقانمەزگىلدە،كۇچا ۋاڭ قەسىرىسىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا كۇچا ۋاڭلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋاڭى، جۈملىدىن مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ ئاخىرقى بىردىنبىر ۋاڭ، بىردىنبىر ۋاڭ ھەم مەمۇر، شۇنداقلا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مەڭگۈ پېنسىيىگەچۈشۈرۈلمەيدىغان مەمۇر دىگەن تەمىداتىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقان باشقارما دەرىجىلىك رەھبەر،كۇچا ناھىيىلىك سىياسى كېڭەشنىڭمۇئاۋىن رەئىسى-داۋۇت مەخسۇتنىڭ بايانىدىن  بايناھىيىسىدىمۇ گۇڭ(ۋاڭ)ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، داۋۇت مەخسۇت ۋاڭنىڭ سۆزلىرىنى قېتىر قېنىپ ئاڭلىدىم.داۋۇت ۋاڭ گەرچە80ياشلارغا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، تەپەككۈرى نورمال،ئەستە تۇتۇشى ياخشى،خەنزۇچەسەۋىيىسىمۇ يۇقۇرى ئىكەن.ۋاڭنىڭ ئائىلىسى ھازىرقى يېڭىدىن ياسالغان ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىچىدە بولۇپ،قىزلىرى: چارچاپ قالدىڭىز دىسىمۇ توختىماي بىزگە

كۇچا،تۇرپان،قۇمۇل، ئىلى شۇنداقلا باي ( بىز ئىلگىرى بىر قېتىم باي سىياسى كېڭەشتە كۆرۈشكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇ كىشى مېنى تۇنۇپ قېلىپ باي توغرىسىدا كۆپرەك توختالدى) ۋاڭلىرى ھەققىدە ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەردى،ۋاڭنىڭ 2سائەتكە يېقىن بىزگە تارىخى ۋەقەلىكلەرنىسۆزلەۋاتقان ۋاقتتىكى سىماسى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.قايتقاندىن كېيىنمەندە يۇرتىمىزنىڭ تارىخىغا بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ ئېشىپ،بۇ ھەقتە قايتا ئىزدىنىشكەباشلىدىم.چۈنكى مەن خىزمەتكە چىقىپلا باي تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان بولساممۇ ماتىريال كەمچىل بولغاچقا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋۇت ۋاڭغا ئوخشاش ھايات شاھىتلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا مۇيەسسەر بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن كۆپ نەتىجە قازىنالمىغان ئىدىم.قايتىپ كېلىپلا ئىلگىرىكى يازمىلىرىمنى قايتا ۋاراقلاپ تۈزۈتۈپ تولۇقلاشنى بدشلىۋەتتىم.مانا بۈگۈن دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ،ئېلان قىلدىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ باي ۋاڭلىقى نەسەبنامىسىنى يەنىمۇ تولۇقلىشىنى قىممەتلىك پىكىربېرىشىنى ئۈمىتقىلىمەن.
2-«باي ۋاڭلىقى» نەسەبى
   چىڭھۆكۈمىتى شىنجاڭغا بولغان يەرلىك ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن،شۇجاينىڭ ئەمىليىتىنى چىقىش قىلىش پىرىنسىپى بويىچە،ھەربى مەھكىمە تۈزۈلمىسىنى يولغاقويغان بولۇپ ،چىيەنلوڭنىڭ27- (مىلادى1762-) يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى ئىلى جاڭجۈن(تولۇقئاتىلىشى ئىلىنى تولۇق ئىدارە قىلغۇچى سانغۇن)مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، پۇتۇنشىنجاڭنىڭ ھەربى ۋە مەمۇرى ئىشلىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرغان. ھەمدە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدەيەنە «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچى مەسلىھەتچى ئامبال»،ئاغلاقچىئامبال، خان ئامبال قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ھەربى-مەمۇرىئىشلىرىنى ئايرىپ ئىدارە قىلغان.لېكىن يەرلىكتە بولۇپمۇ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكىئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ئاۋام ۋە مەمۇريەت ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشتا «بەگ»لىك تۈزۈمى ساقلاپ قېلىنىپ شۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئىدارەقىلىنغان،ھەرقايسى شەھەرلەرگە بەگلەر تەيىنلىنىپ، بۇ بەگلەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەردەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان .بەگلەر شەھەر-بازار ۋەيېزا-قاشلاقلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بولۇپ،ئىچكىرىدىكى ناھيەئامبىلى،ۋىلايەت ۋالىلىرىغا ئوخشاپ كېتەتتى،شۇنداقلا ئىچكىرىنىڭ ئەمەلدارلارنى ئۆزئۆلكىسىدە مەنسەپكە قويماسلىق پىرىنسىپى بويىچە ھەرقايسى شەھەرلەرگە ياقايۇرتلۇقبەگلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قوياتتى.بەگلەرنىڭ دەرىىجىسىمۇ جايلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغاقاراپ ئوخشاش بولمايتتى.ئەڭ يۇقۇرىلىرىنىڭ 3- دەرىجىدىن،ئەڭ تۆۋەنلىرىنىڭ6-دەرىجىگىچەبولاتتى.
” بەگ “-تۈركچە ” باشلامچى “، ”باشقۇرغۇچى “دىگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ،بۇ” بەگ “لىك مەنسىپى  قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭئەنئەنىۋىۋارىسلىقمەنسەپ تۈزۈلمىسى بىلەن ئوخشايتتى . چىيەنلوڭنىڭ24- (1759) يىلىچىڭ سۇلالىسى چوڭ-كىچىڭ خوجا توپىلىڭىنى تىنجىتقاندىن كېيىن يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭتەسىر دائىرسىنى ئاجىزلىتىشنى مەقسەت قىلىپ،“بەگ”لىك تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ،ۋارىسلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ،شىنجاڭ رايۇنىنى بىرتۇتاش ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىقاتلام مەمۇرىيەت تۈزۈمىنى تەدرىجى يولغا قويغان.خوتەننىڭ مەسلىھەتچى ئامبىلىشۈخېدې چىڭ ئوردىسىغا تەستىقلىتىپ، ئاقسۇنىڭ ئىلگىرىكى ھاكىمبېگىنى 3-دەرىجىلىكئامبال، ئىشىكئاغا بەگنى 4-دەرىجىلىك،خەزىنىچى بەگنى 5-دەرىجىلىك بەگ دەپ،باشقابەگلەرنى 6-7-دەرىجىلىك بەگ دەپ مەنسەپكە تەيىنلەپ، “باشقا شەھەرلەرمۇ مۇشۇنداقبولىدۇ” دەپ جاكارلىغان.شۇنىڭ بىلەن بەگلىك تۈزۈمى قۇمۇل،تۇرپاندىن باشقا باينىئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبى شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈكئورنىتىلىپداۋاملاشتۇرۇلغان.

     مانجۇ ھۆكۈمىتىۋارىسلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ،شىنجاڭ رايۇنىنى بىرتۇتاش ئىدارە قىلىدىغان ئاساسى قاتلام مەمۇرىيەت تۈزۈمىنى تەدرىجى يولغا قويغان بولسىمۇ بىكار قىلىش مەقسىدىگە تامامەن يېتەلمىگەن.شۇڭا بەگلىك تۈزۈمىنىداۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ”جاساق“ تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ،باي قاتارلىق جەنۇبىشىنجاڭدىكى ئويغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردىكى ئويغۇر ئاسۆڭەك،پومىشچىكلارغا مەنسەپ-مەرتىۋە(ئوتۇغات) ئىنئام قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم”ئەمەل دەرىجىسى بار“ئويغۇر “ۋاڭ”لىرى بارلىققا كەلگەن. ئوردا :ئويغۇرلارغاۋاڭ،بېيلى،بېيزى،گۇڭ،تەيجى قاتارلىق مەنسەپ بېرىلسۇن دەپ ئېنىق بەلگىلىگەن.ئەمىليەتتەئۇيغۇر بەگلەر چىڭ ئوردىسىغا ھىچقانداق ئولپان تاپشۇرمىغان ياكى تۈرلۈكباھانەلەرنى كۆرسىتىپ ئولپان تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان.چىڭ ئوردىسىمۇ بىزگە تېگىشقىلمىسىلا چېگرا تېچ بولسىلا بولدى دەپ كارى بولمىغان.  ”جاساق“تۈزۈمىمۇئاجىزلاشقان. بىر مەھەل كۆرەڭلەپ كېتىشكەن ”ۋاڭ،گۇڭ“لارمۇ ئىسمى بار جىسمى يوقنەرسىگە ئايلىنىپ قالغان.

چىڭ سۇلالىسى چىيەنلوڭنىڭ24- (مىلادى1759-) يىلىگادايمۇھەممەتباينىڭ تۇنجى ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەنگەن؛توڭجىنىڭ 3-(مىلادى1864)يىلى خەزىنىچىدىگەن كىشى (ئىسىمى بولماسلىقى مۈمكىن)باينىڭ ھاكىم بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن (بۇھاكىم بەگكە ۋاڭ،گۇڭ ئەمەللىرى بېرىلمىگەن)،ئۇ باينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھاكىم بېگىئىدى. گادايمۇھەممەت باي تارىخىدا بىرقەدەر چوڭ ئىشلارنى قىلغان ۋاڭ ئىدى. ئۇجۇڭغارلار توپىلىڭىنى تىنجىتىشتا تۆھپە ياراتقانلىقتىن،چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا3-دەرىجىلىك باش بۇغ مەنسىپى ئىنئام قىلغان.كېيىن چوڭ-كىچىك خوجا توپىلىڭى ئۈستىدىنغەلىبە قىلىشتا ئۇ يەنە تەھپە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن،قەشقەرنىڭ ھاكىمبەگلىكىگەيۆتكەلگەن.

       سېتىۋالدى-باي تارىخىدا تۆھپىسى زوريەنە بىر ھاكىمبەگ بولۇپ،ئۇ كىچىكىدىن بايدا ئۆسۈپ چوڭ بولغاچقا،بۇ جاينىڭتاغ-دەريالىرى ۋە ھەر مىللەت خەلقىگە چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتى بار ئىدى.ئاسىيجۇڭغار قوشۇنلىرى بايغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ،سېتىۋالدىنى تۇتۇپ ئىلىغا ئېلىپ بېرىپزىندانغا تاشلايدۇ،لېكىن ئۇ كۆڭلىدە چىڭ ئوردىسىغا مايىل ئىدى. چىيەنلوڭنىڭ20-

(مىلادى1755-)يىلى چىڭ قوشۇنى جۇڭغارلارنى تىنجىتقاندىن كېيىن سېتىۋالدى ئەركىنلىككەئېرىشىپ،چوڭ –كىچىك خوجىلار قوشۇنىغا زەربە بېرىششتە توھپە يارىتىپ، چىڭ ھۆكۈمىتىتەرىپىدىن 3-دەرىجىلىك باش بۇغ مەنسىپى ئىنئام قىلىنغان. چىيەنلوڭنىڭ24-(مىلادى1759-) يىلى ئۇ يېڭىسارنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەنگەن. چىيەنلوڭنىڭ 25-(مىلادى 1760-) يىلى ئاقسۇنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە يۆتكەلگەن.ئۇ كۆكئارت (پامىر) -دىكىچېگرا مۇداپىئە اقوشۇنلىرىنى ئوزۇق-تۆلۈك يەم-خەشەك بىلەن تەمىنلەپ،كۆپ قېتىمئوردىنىڭ تارتۇقلىشىغا ئېرىشكەن.كېيىن قەشقەردىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ دۆلەتبايلىقى-قاشتېشىنى ئوغۇرلۇقچە سېتىۋېتىش قىلمىشىنى پاش قىلىپ،زور تۆھپەيارىتىپ”بېيزى“لىق دەرىجىسى بېرىلگەن.
   باي ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى 178يىل،8ئەۋلات داۋاملاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساداقەتمەنلىك بىلەن ۋەتەن يولىدا جانپىدالىق كۆرسەتكەن تەڭداشسىز قەھرىمانلارمۇ،دۆلەت ۋە خەلقنى بالايى ئاپەتكەئۇچراتقان نادان زالىملارمۇ ئۆتكەن.

باي ئۇيغۇر ۋاڭلىقى گادايمۇھەممەتتىن باشلىنىدۇ.ئۇ-چىڭسۇلالىسىگە تۆھپىكار بولغانلىقتىن چىيەنلوڭنىڭ24- (مىلادى1759-) يىلى،ئەركانبەگ مەنسىپى بېرىلىپ،16يىلۋاڭلىقتا ئولتۇرغان جاسارەتلىك دانىشمەن ۋاڭ ئىدى.چىيەنلوڭنىڭ 40- (مىلادى1775-)يىلى گادايمۇھەممەت ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇراخمان گادايمۇھەممەت دادىسىنىڭئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ باينىڭ 2-ئەۋلات ۋاڭى بولغان . ئابدۇراخمان گادايمۇھەممەتئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى مەھەممەتئىمىن ئابدۇراخمان دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىققىلىپ، باينىڭ 3-ئەۋلات ۋاڭى بولغان.جىياچىڭنىڭ 2- (مىلادى1797-) يىلىمەھەممەتئىمىن ئابدۇراخمان ئۆلگەندىن كېيىن مەھەممەتئىمىن ئابدۇراخماننىڭ ئوغلىمەھەممەت ئىبراھىم دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، باينىڭ 4-ئەۋلات ۋاڭلىقئورنىدا 29يىل ئولتۇرغان. مەھەممەت ئىبراھىم مەھەممەتئىمىن خەلقنىڭ قان-تەرىنىھەددىدىن زىيادە شورىغانلىقى ۋە سۈيقەست پىلانلاپ توپىلاڭ كۆتىرىشكە ئۇرۇنغانلىقىئۈچۈن، داۋگۇاڭنىڭ 6-(مىلادى1826-)يىلى مەنسىپى ئېلىپ تاشلانغان.لېكىن چىڭھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىسىنىڭ “ئۇدا بىر-قانچە دەۋىر ياراتقان تۆھپىسىنى كۆزدەتۇتۇپ” ئۇنىڭ نەۋرىسى مۇسانى ۋارىس قىلىپ بېكىتكەن.باينىڭ 5-ئەۋلات ۋاڭى مۇسا12يىل ۋاڭلىقتا ئولتۇرغان. داۋگۇاڭنىڭ18-(1838)يىلى مۇسا ئۆلۈپ ئۇنىڭ ئورنىغائوغلى مەھەممەتھاجىپ (خەنزۇچىدىكى خاتالىق تۈپەيلىدىن  ھاجىم دىگەن ئىسىم ھاجىپ بولۇپ قالغان)ۋارىسلىققىلغان.باينىڭ 6-ئەۋلات ۋاڭى مەھەممەت ھاجىم مۇسا 21يىل ۋاڭلىقتائولتۇرغان.شيەنفېڭنىڭ 9-(مىلادى1859-)يىلى مەھەممەت ھاجىم مۇسا ۋاڭ ئۆلگەندىنكېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئەمەت ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلغان،باينىڭ 7-ئەۋلات ۋاڭى ئەمەتمەھەممەتھاجىم 41يىل ۋاڭلىقتا ئولتۇرۇپ،باي تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق تەخىتتە ئولتۇرغانۋاڭ بولۇپ قالغان.گۋاڭشۈنىڭ 26-(مىلادى1900-)يىلى ئەمەت مەھەممەتھاجىم ئۆلگەندىنكېيىن ئۇنىڭ ئوغلى سىدىق ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىپ،باينىڭ 8-ئەۋلات ۋاڭى،شۇنداقلائەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر ۋاڭ بولۇپ 37يىل تەخىتتە ئولتۇرغان. ئارلىقتامىنگونىڭ3-(مىلادى1914-)يىلى سىدىق ئەمەت بېيلىلىققا تەيىنلەنگەن.مىنگونىڭ26-(مىلادى1937-)يىلى باينىڭ ئاخىرقى ۋاڭى

سىدىق ئەمەتكېسەل بىلەن ئۆلگەندە،ئەينى ۋاقىتتىكى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دەپىنە راسخودىھىساۋىدا500سەر پۇل تارتۇق قىلغان،ھەمدە ناھىيىنىڭ ھاكىمى سادىق ھاجىم مىيىتنامىزىغا بىۋاستە قاتناشقان. مىنگونىڭ 26-(مىلادى1937-)يىلى باي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتسىدىق ئەمەتنىڭ ئوغلى سۇلتان سىدىقنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش بۇيرۇقنامىسىنى چۈشۈرۈپ،يىللىق ئىش ھەققى تارقىتىشنى بېكىتكەن. سۇلتان سىدىق مەركەز تەرىپىدىن “ۋاڭ”لىقۋەزىپىسىگە تەيىنلىمىگەن ”تاجىسىز شاھ“بولۇپ قالغان. يەنى مەركىزى ھۆكۈمەت سۇلتانسىدىقنى 9-ئەۋلات ۋاڭ دەپ تەيىنلىمىگەن، لېكىن پۇقرالار ئۇنى ۋاڭ دەپ تونۇيدۇ.سۇلتان غۇجا(سۇلتان ئەمەت ۋاڭ) 1950-يىللاردا ئۆلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ 178 يىل،8ئەۋلات داۋاملاشقان باي ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى ئاخىرلاشقان.
3-ۋاڭ ئوردىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە ھازىرقى ئورنى
   ئازاتلىقتىن ئىلگىرى باي ناھىيە بازىرىدىكى يار كوچىنىڭ شەرىق تەرپىدە يەنى بۇرۇنقىناھىيىلىك خىش زاۋۇتى ئائىللكلەر قوروسى ئورنىدا «گۇڭ

غۇجام ئوردىسى »دېيىلىدىغان كۆلىمى ئون مىڭكۋادىرات مېتىر ئورۇننى ئىگىلىگەن،ياغاچ ۋە كېسەك قۇرۇلمىلىق بىر قۇرۇلۇش بولغان.ئەينى ۋاقىتتا بۇ قۇرۇلۇش ئاددى بولسىمۇ ئالاھىدىلىكى ،ئورنىنىڭ كەڭلىكى بىلەنكۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىكەن.بۇ قۇرۇلۇش - 1880-يىللاردا باينىڭ 7-ئەۋلاتۋاڭى ئەمەت مەھەممەتھاجىم تەرىپىدىن ياسالغان .--------------------------------------------
پايدىلىنىلغان ماتىرياللار:

1.باي ناھىيەلىك پارتىكوم تارىخ-تەزكىرە كومىتېتى ئىشخانىسى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ ،جۇڭگو

مەدەنىيەت نەشىرياتىتەرىپىدىن2010-يىلى 5-ئايدا نەشىر قىلىنغان«拜城人物传»نىڭ 1-

قىسىمى.

2.باي ناھىيىلىك سىياسى كېڭەش تەرىپىدىن 1995-يىلى نەشىر قىلىنغان«باي تارىخ

ماتىرياللىرى»1-قىسىم.

3.باي ناھىيىلىك پارتىكوم تەزكىرە كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ 2004-يىلى شىنجاڭ خەلق

نەشىرياتى تەرىپىدىن خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان «باي تەزكىرىسى».   












بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-22 10:08 AM  


تەۋبىكار

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 2745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23196
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1616 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 10:38:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ يۇقىرى بۇلۇشى ئۈچۈن تىمىنىڭ ئاستىغا چۈشكەن ئالدىنقى ئۈچ ئىنكاس ئورنىغا يېزىلغان پۈچەك ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۋەتكەن بولساڭلار
بۇ ئىنكاسىمنىمۇ ئۆچۈرۋېتىڭلار  ئۈستىدىكى ئىنكاسنىمۇ ئۆچۈرۈش كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 10:47:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتى بار ماتىريالكەن .
تىما ئىگىسىگە رەھمەت .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29564
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5224
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 833 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2014-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 10:51:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ، بىلىشكە تىگىشلىك تارىىخى ماتىريال ئىكەن.

ئۆزۈمدىن شىكايەت قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89471
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 10:52:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتى بار كەن.  تىما ئىگىسىگە رەخمەت.

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىييىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81755
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2012-6-18
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 11:04:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ماتېريالكەن !  كۇچا ئۇيغۇر ۋاڭلىرى توغرىسىدا بىر كىتابنى ئوقۇغىنىم يادىمدا، يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشىڭىزگە تىلەكداشمەن !

بۇ بەخىت شۇ قەدەر سۆيۈملۈك !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5915
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2855 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 11:12:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېما ئىكەن ...بايدا ئۆتكەن ئۇيغۇر ۋاڭلار ھەققىدە ئىنىق چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇم .
ئىزدىنىش روھىڭىزغا قايىلمەن ..بىزنى تېخىمۇ قىممەتلىك بولغان  تارىخى ئەسەرلەر بىلەن ئۈچىراشتۇرۇپ تۇرغايسىز .....ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر قېرىندىشىم .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-21 11:49 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13211
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8081 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 11:18:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمۇل ۋاڭلىرى بىلەن تۇرپان ،كۇچا ،باي ۋاڭلىرىنىڭ دەرىجە پەرقى بارمىكىن دەيمەن . قۇمۇل ۋاڭلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ جۇڭغارلارنى تىنجىتىشىدا كۆرسەتكەن تۆھپىسىگە ئاساسەن ،ئوردىدا خېلىلا يوقۇرى ئورۇننى تۇتقان ،تاكى شامەخسۈتقىچە داۋاملاشقان .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82569
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 267
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 12:44:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پالتاڭ بولسا ئۇتۇن كاممۇ ، ئوغلۇڭ بولسا خۇتۇن كاممۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 02:28:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتالىشىپسىز، بايدا ۋاڭ بولغان ئەمەس، پەقەت گوڭ(公) بولغان، گوڭ دېگەن ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغان مەنسەپ نامى.

بايدىكى ئۇ كىشلەرگە بېرىلگەن  گوڭلۇق مەنسەپ پەقەت مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ  "شىنجاڭ"نى مانجۇلارنىڭ ئىلىكىگە ئېلىشىغا قوشقان تۆھپىسىگە بەرگەن ئىلتىپاتى خالاس، ئۇلار ئۆزلىرى تارىختا «باي ۋاڭلىقى» دەيدىغان نەرسە قۇرغان ئەمەس.

ۋاڭ بىلەن گوڭ ئىككىسى بىر ئۇقۇم ئەمەس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-22 02:32 AM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش