مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1334|ئىنكاس: 9

ئامىرىكا پۇخراسى بىلەن ھۆكىمەتنىڭ مۇنازىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89921
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1542
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 08:59:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                            ئامېرىكىدا پۇخرا بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇنازىرەسى               

      

ئامېرىكا پۇقراسى: مەن تاماق يېيىشىم كېرەك.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: ئۆزۈڭ يەر تېرىمسەن ياكى سېتىۋالامسەن، ئىختىيارىڭ.

ئامېرىكا پۇقراسى: ماڭا كىيىم-كېچەك لازىم.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: ئۆزۈڭ توقۇپ كىيەمسەن ياكى سېتىۋالامسەن خالىغىنىڭنى قىل.

ئامېرىكا پۇقراسى: ماڭا خىزمەت كېرەك.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: ئۆزۈڭ بىر ئىش قىلغىن ياكى ياللىنىپ ئىشلىگىن.

ئامېرىكا پۇقراسى: زاۋۇت قۇرىمەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: سەن ئىش باشلايسەن، مەن تىزىملايمەن؛ سەن ئىشلەپچىقىرىسەن، مەن باج يىغىمەن؛ سەن ۋەيران بولساڭ، مەن ھېسداشلىق قىلىمەن؛ سەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلساڭ، مەن بىر تەرەپ قىلىمەن؛ ھەرقانداق ساھەدە چەكلىمىگە ئۇچرىمايسەن.

ئامېرىكا پۇقراسى: مەن سۆز قىلىمەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: قىلچە تارتىنما، ھېچكىم ئېغىزىڭنى تۇتۇۋالمىدى.

ئامېرىكا پۇقراسى: مەن گېزىت چىقىرىمەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: چىقىرامسەن-چىقارمامسەن، ئىختىيارىڭ، لىكىن مەن چىقارمايمەن.

ئامېرىكا پۇقراسى: كىتاپ چىقىرىمەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: بۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى.

ئامېرىكا پۇقراسى: تەپەككۇر قىلىمەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: كاللاڭ مۆرەڭنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپتۇ، خالىغىنىڭچە تەپەككۇر قىل.

ئامېرىكا پۇقراسى: مەن نامايىش قىلىمەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: بۇ سېنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقۇڭ، سەن ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئورۇندا بۇ ھوقۇقۇڭدىن پايدىلانساڭ بولىدۇ، ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز. لىكىن ئېسىڭدە بولسۇن، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئىچىدە قىلىمەن دېسەڭ بولمايدۇ جۇمۇ!

ئامېرىكا پۇقراسى: مەن ئىش تاشلايمەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: بۇ سېنىڭ ھوقۇقۇڭ.

ئامېرىكا پۇقراسى: مېنىڭ خالىغانچە كۆچۈپ يۈرگۈم بار.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدە خالىغانچە تۇرساڭ بولىدۇ، ئاقسارايغا كىرىپ ئايلىنىپ چىقساڭمۇ ھېچكىم توسۇمايدۇ.

ئامېرىكا پۇقراسى: مەن تەشكىلات قۇرماقچى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: ئىختىيارىڭ، مېنىڭ كارىم يوق.

ئامېرىكا پۇقراسى: مەن پارتىيە قورىمەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟

ئامېرىكا پۇقراسى: مېنىڭ زوڭتۇڭ بولغۇم بار.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: تۆت يىلدا بىر سايلام بار، سايلىنالىساڭلا بولالايسەن.

ئامېرىكا پۇقراسى: شىتات باشلىقى بولغۇم بار.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: زوڭتۇڭ بولساڭ بولغان يەردە شىتات باشلىقى بولساڭ ئەلۋەتتە بولىدۇ، پەقەت خەلق ماقۇل كۆرسىلا.

ئامېرىكا پۇقراسى: ماڭا كىشىلىك ھوقۇق كېرەك.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: تاماق يېيىش، سۇ ئىچىش، سۆز قىلىش، ئىدىيە، باراۋەرلىك ھەممىسى كىشلىك ھوقۇق، ھەممىسى بارغۇ؟

ئامېرىكا پۇقراسى: ھەممىسىنى بىز ھەل قىلساق، سەن نېمىش قىلىسەن؟
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: بۇنداقمۇ دەپ كەتمە، بىزنىڭ يەنىلا كېرىكىمىز بار. بەزى سەن قىلىشنى خالىمىغان ۋە قىلالمايدىغان ئىشلارنى بىز ۋاكالىتەن قىلىمىز، مەسىلەن: يول ياساش، كوچىغا چىراق ئورنىتىش دېگەندەك، يەنە ھۆكۈمەت كۈچى ئارقىلىق قايتا تەقسىملەش ئېلىپ بېرىلىپ باي-كەمبەغەللىك پەرقى كىچىكلىتىلىدۇ، يەنە تېخى باشقا دۆلەتنىڭ ئادەملىرى سېنى بوزەك قىلماقچى بولسا مەن ساڭا يار-يۆلەك بولىمەن، بۇ ئىشلاردا مەن بولمىسام بولمايدىغاندۇ؟

ئامېرىكا پۇقراسى: ئىشقىلىپ سەن ياخشى نەرسە ئەمەس.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: خالىغىنىڭچە تىللا.

ئامېرىكا پۇقراسى: سەن چېرىك.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: مەنمىغۇ ئازراق مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى ئويلايمەن. لىكىن، ھەممە يەردە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نازارىتى مېنى جۈرئەت قىلغۇزمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رىقابەتچى پارتىيەنىڭ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىشى، مەن ھەرقانچە ياخشى قىلساممۇ ئۇنىڭدىن قۇسۇر تېپىشى تېخىمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. يەنە تېخى نەچچە يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر سايلام. ئەگەر مەن ياخشى قىلالمىسام كۆپچىللىك ھەرگىز مېنى سايلىمايدۇ.

ئامېرىكا پۇقراسى: سېنىڭ ئۆتمۈشۈڭ جىنايەت بىلەن تولغان، قارا تەنلىكلەرنى، ئاسىيالىقلارنى، ئىندىئانلارنى بوزەك قىلغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: ئېتىراپ قىلىمەن، بۇ مېنىڭ ئىلگىرىكى جىنايىتىم.

ئامېرىكا پۇقراسى: سەن بىز تاپشۇرغان بىلەن باج بىلەن جېنىڭنى باقىسەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: ناھايىتى توغرا، ئەگەر باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تۆھپىسى بولمىسا، ھۆكۈمەت بىر كۈن مەۋجۇت بولالمايدۇ. باج تاپشۇرغۇچىلار بىزنى بېقىۋاتىدۇ، بىز باج تاپشۇرغۇچىلارنى باقمايۋاتىمىز.

ئامېرىكا پۇقراسى: مەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرىمەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: ئەركىنلىكىڭ.

ئامېرىكا پۇقراسى: سەن مۇستەبىت.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: ئۇۋال قىلىۋاتىسەن. قارىماققا مېنىڭ ھوقۇقىم چوڭدەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۈچ ھوقۇق ئايرىلغان، مەندە بولۇشقا تېگىشلىك بىر قىسىم ھوقۇق ئېلىۋىتىلگەچكە ھوقۇق تەڭپۇڭلاشقان، يەنە كېلىپ ئېشىپ قالغان ھوقۇقنىمۇ خالىغانچە ئىشلىتەلمەس قىلىپ قويغان. پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى قانچە چوڭ بولسا ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى شۈنچە كىچىك بولىدۇ.

ئامېرىكا پۇقېراسى: سەن ياۋاشراق بول، تاپتىن چىقما.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن قانۇن ھوقۇق بەرمەي ئەكسىچە چەكلەيدۇ، پۇقراغا نىسبەتەن ئەركىنلىك بېرىدۇ، چەكلىمە يوق.

ئامېرىكا پۇقراسى: ماڭا سەرخۇشلۇق كېرەك.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: ئاۋازغا قويىمىز، كۆپچىللىك قوشۇلسا ئىختىيارىڭ.

ئامېرىكا پۇقراسى: ماڭا بىر تال تاپانچا كېرەك.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: خالىغىنىڭىچە سېتىۋال، پەقەت تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويساڭلا بولدى.

ئامېرىكا پۇقراسى: سېنى ئاغدۇرۇۋىتىشىمدىن قورقمامسەن؟
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: ساڭا قانداق ھوقۇق كېرەك بولسا ھەممىنى بەردىم، ھەقىقى ئەركىن بولدۇڭ، مېنى ئاغدۇرۇپ يەنە نېمە قىلماقچى؟

ئامېرىكا پۇقراسى: نېمە؟ سەن ماڭا ھوقۇق بەردىڭ؟ بۇ ھوقۇقلار ئادەمىيلىك سالاھىيىتىم بىلەن ياراتقۇچى بەرگەن ھوقۇق. يۇۋاشراق بول، بولمىسا كېلەر قېتىم سېنى سايلىمايمەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: راست، راست، كەچۈر، كەچۈر!

ئامېرىكا پۇقراسى بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن: دېمىسىمۇ راست، ئەركىن، دېمۇكىراتىك، باراۋەر، بەختلىك، ساغلام ياشاۋاتىمىز، ھەممە نەرسىمىز بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتنىڭ ئانچە-مۇنچە كېرىكىمۇ بولىدىكەن، ئۇنى ئاغدۇرىمەن دەپ نېمىمۇ قىلارمەن دەپ ئويلىدى.

                                                            مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


ئانا تىلىمىز بىزدىن يىراقلاشقىنى يوق ، بەلكى بىز ئانا تىلىمىزدىن يىراقلىشىۋاتىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6555
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8882
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 01:08:15 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىيقەتەن ئەركىن دۆلەتتە ئامىرىكا دىگەن بىر نىگىرنى زۇڭتۇڭ قىلىپ قويدى ئەنە ,بىزنىڭ جۇڭگودا بىرە ئازسانلىق مىللەتنى مۇمكىن ئەمەس , شۇ بۇلدىغىنى ئاقماس مۇئاۋىن باشلىق ……ھەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 02:18:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن بىر قىتىم كۆرگەن ، بۇنى مۇنداقلا ئوقۇپ قويسا بولدى ، بەك ئويلاپ كەتسەك ئاغرىپ قالىمىز !

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59318
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3727
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 05:41:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  ئاغرىپمۇ بولدۇميا بۇنى ئوقۇپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 11:31:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۈچە تەتبىقنامىسىنى يېزىپ باقايمىكى.......؟؟؟

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.
uysoda بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 12:01:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
فورمات بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 01:02:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11652
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 02:32:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىنلىك............................................................!

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2776 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 06:36:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشىسۇن ئامرىكىچە دىمكۇراتيە ! يۇقالسۇن چاۋشيەنچە دىكتاتۇرا !!!!!!!!!!

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئاق تاش،،،،،،قۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1271
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11644
تۆھپە نۇمۇرى: 534
توردا: 6744 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 09:40:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكا پۇقراسى: مەن گېزىت چىقىرىمەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: چىقىرامسەن-چىقارمامسەن، ئىختىيارىڭ، لىكىن مەن چىقارمايمەن.


سۆزلىمىسەڭ يوقتۇر  ھىچكىمنىڭ كارى سۆزلىگەن ئىكەنسەن   دەلىللەپ ئارى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش