چەتئەلدىكى مەلۇم بىر تور بىكىتىنىڭ 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە ۋوللىيۋود نىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى نىكولاس كەيچىنىڭ شىۋىتسارىيەدىكى بىر قار تېيلىش مەيدانىدا قار تېيلىۋېتىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن دەرەخكە ئۈسسۈپ نەخ مەيداندا ئۈلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى بەرگەن ۋە ئىنىق بولمىغان بىر پارچە قار تېيلېش مەيدانىدىكى ھادىسە سۈرئەتنى كىرگۈزۈپ قويغان . بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن دۇنيا كىنو مەستانىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ زور مۇنازىرە قوزغالغان. بىراق يەنە بىر قانچە سائەتتىن كىيىنلا يەنە شۇ تور بىكەتتە نىكولاس كەيچىنىڭ ئامېرىكىدا بىر قېتىملىق ماشىنا ۋەقەسىدە ئۈلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى تارقالغان،
تۈۋەندىكى توربىكەت تارقاتقان نىكولاس كەيچىنىڭ ھادىسە سۈرىتى.
ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق بۇ تور بىكەتنىڭ مەخسۇس نامى چىققان چولپانلارنىڭ يالغان ئۈلۈم خەۋەرلىرىنى ئويدۇرۇپ تارقىتىش ئارقىلىق كۈرۈلۈش نىسپىتىنى ئاشۇرىدىغان تور بىكەت ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان . بۇنىڭدىن بەش ئاي ئىلگىرى نىكولاس كەيچىنىڭ يىڭى زىللاندىيەدە فېلىم سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ئىگىز بوشلۇقتىن چۈشۈپ كىتىپ ئۈلۈپ كەتتى دىگەن خەۋەر تارقالغان ئىدى ، ئۇنىڭدىن ئازراق ئىلگىرى يەنە نىكولاسنىڭ دورا ئىچىپ ئۈلىۋالغانلىق خەۋىرىمۇ تارقالغان .ئاخىرىدا بۇ خەۋەرنىڭ ئەمەلىيەتتە نىكولاس كەيچىنىڭ كىسەلنى داۋالاش ئۈچۈن ئىچكەن دورىسىنىڭ رىيەكسىيە بىرىشى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ،
بۇ خەۋەرلەردىن كىيىن نۇرغۇنلىغان كىنو مەستانىللىرى ئىجدىمائى ئالاقە تورى ئارقىلىق مۇنازىرە پەيدا قىلغان . ئەمەلىيەتتە نىكولاس كەيچىنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۆت قېتىم تارقالغان . بۇ خەۋەرلەر نىكولاس كەيچىنىڭ يېقىنقى كىنولىرىدىكى ئۈلۈپ كەتكەن قېتىم سانى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ قالغان ..،
1- ئاينىڭ 19 - كۈنى نىكولاس كەيچىنىڭ ۋاكالەتچى شېركىتى مەخسۇس تور بېتى ئارقىلىق نىكولاس كەيچىنىڭ ھازېر ساق- سالامەت ئىكەنلىكىنى بۇنداق ئېغۋالارنى تارقانقانلارنىڭ چۇقۇم جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ،
نىكولاس كەيچى ۋوللىيۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپانى ئۇنىڭ يەنە ۋولليۋودتا { ئوسكار كىنو شاھى } دىگەن نامىمۇ بار .
ۋەكىللىك كىنولىرىدىن : ئۇرۇش شاھى . بۇشلۇق تۈرمىسى . ئالماشقان چىرايلار . پەرىشتىلەر شەھرى . ئالۋاستى ئارىلىنى بويسۇندۇرۇش . جىددى پەيىتتىكى 60 سېكىنوت . دۆلەت بايلىقى . بىشارەت . بانكوكتىكى قاتېل . سىھرىگەرنىڭ شاگېرتى . ئايال فىرخون . روھ جەۋەندازى . قاتارلىق نادېر فېلىملىرى بىلەن ۋوللىيۋود كىنو ساھەسىدە گىگانىت چولپان نامى بىلەن تۇنۇلغان . بىراق يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان نىكولاس كەيچىنىڭ تەلىيى ئانچە ئوڭدىن كەلمىگەن بۇلۇپ ئۇ توغرىسىدىكى ياخشى - يامان خەۋەرلەر ھەر ۋاقىت ئاخپارات ساھەسىدە تارقىلىپلا يۈرگەن ،
مەنبە : تۇدۇ تورى ۋە مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-21 09:27 PM