|
|
|
|
باش 1 ساي، سايغا ئۈسكەن شاماللار. تاشلارنى سۆيۈپ قاچقان، بورانلارغا قۇچاق ئاچقان، تولقۇنغان، دولقۇنلىغان سۇغا ئۈمۈد قاتقان، سىلكىنگەن، كېرىلگەن دالاغا تېنىنى ساتقان. ئەمما تاش. سۇ كەلسە بىرگە ئاقتى، شامال كەلسە ئىرغىدى تاقېتى، قۇياش كۆرسە يىرىلدى چاقتى، ئۆرۇلدى، بايقالغىچە سۆرۇلدى. ئۈندىمەس قامەت ئۈستىدىن كۆرۇنەر. ئەمما بايقىماس. قار كۆرۇلسە سۆيىدۇ ئۇنى، يامغۇر كىلىپ ئۇرىدۇ ئۇنى، بىرى كىلىپ يەنجىيدۇ ئۇنى، كىم بىلەر بۇنى. 2 بىر كۈنى، ئەشۇ كۇنى، بىر باش كىلىپ ئۈستى ئۇنى، باش تاشنى بىلمەس، ھەم تاش باشنى، باش قارىدى تاشقا، تاش قارىدى باشقا. 3 دۇنيا قىتىپ قالدى، تاش ۋە باش ئۈستىدە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا klpdlmurat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-21 07:11 PM
|
|
|
|
|
|