|
|
|
|
كېچىكىش راۋاپ قۇشىقى (ئەسقەر ئېزىز) كېچىكىشنىڭ سەۋەبى، ئيتىپ بېرەي جامائەت. يالغان بولسا گەپلىرىم ، باسسۇن مىنى پالاكەت. يولدا ماڭدىم پىيادە، غېمىم تېخى زىيادە . كىچىكمەي دەپ يىغىنغا- قىلغان ئىدىم ئىرادە. شۇنچە ماڭسام ئالدىراپ، بىرسى توستى ئالدىمنى . بالا چاقاڭ ساقمۇ دەپ، سوردى تېخى ھالىمنى . ئۇنىڭ گىپى تۈگىمەي ، ئالدىراپلا ماڭغانتىم . ئۇچرىمىسۇن باشقىلار، خېلى ئۇزاق قارغانتىم. يولدا ماڭسام ئالدىراپ، بىرسى كەلدى يېنىمغا . مىنىۋالسىلا موتوغا ، كىچىكمەيلا يىغىنغا. ۋاي ئۇكام مەن ئالدىراي، يولدا قالماي مىنگەنگە . ھېلى ھېچكىم ئىشەنمەس، ئۇنى-بۇنى دىگەنگە . ئۇنىمىسام ئۇنىماي، مىندۈرۋالدى موتوغا. سالام سائەت قىلمىدىم، يولدا ئاستا ماڭغانغا . ئوتتۇر يولغا كەلگەندە، كىشكوت قىلدى موتوسى. نىمە بولدى ۋوي دىسەم، بۇلالمىدى مۇتۇرسى . رولنى تۇتتى يىتىلەپ، مەنمۇ ئىتتىم كەينىدىن، چىلىق-چىلىق تەر بولدۇم، بۇ كىلىشمەس زەربىدىن . شۇنچە قىلىپ ئالدىراپ، ئەنە شۇنداق كىچىكتىم. بايان ئەيلەپ راست گەپنى، ئەسلى توغرا نىيىتىم .
|
|
|
|
|
|