سۇمرۇغنىڭ رەسىمى
بۇ رەسسام سۇ بوياق رەسىمى سىزىش بىلەن داڭ چىقارغان بولۇپ، كىشىلەر «بۇ رەسسام سىزغان گۈللەر خۇشپۇراق چاچالايد»ۇ دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭ رەسىم سىزىش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى سۈپەتلىشەتتى.
پادىشاھ بۇ رەسسامنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شەخسەن ئۆزى رەسسامنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ سۇمرۇغنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىغانلىقى ۋە شۇ سەۋەبتىن رەسسامدىن ئۆزىگە سۇمرۇغنىڭ رەسىمىدىن بىر پارچە سىزىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. رەسسام پادىشاھنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىپتۇ ۋە بىر يىلدىن كېيىن رەسىمنى پۈتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ پادىشاھنى يولغا ساپتۇ.
دەل بىر يىلدىن كېيىن پادىشاھ رەسسامنىڭ ئۆيىگە سۇمرۇغنىڭ رەسىمىنى ئالغىلى بېرىپتۇ. ئۇ رەسسامدىن «مەن دېگەن سۇمرۇغنىڭ رەسىمىنى سىزىپ بولدىڭىزمۇ» سورىغاندا رەسسام پادىشاھقا ھۆرمەت بىلەن « ئالىيلىرى سەل تەخىر قىلغايلا، سۇمرۇغنىڭ رەسىمى ھازىرلا تەييار بولىدۇ.» دەپتۇ ۋە تەمكىنلىك بىلەن قەغەز قەلەملىرىنى تەييارلاپ پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا سىزىشقا باشلاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ قەدەر گۈزەل ۋە ئەمەلىيەتتىكىگە شۇنچە ئوخشاش سىزىلىغان سۇمرۇغ رەسىمى پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغاندا پادىشاھ ئاغزى بېسىلماستىن ماختاپ، رەسسامنىڭ بۇ رەسىمى ئۈچۈن باھا قويۇشنى سوراپتۇ.
« ئۈچ مىلىيون؟» رەسسام قويغان باھانى ئاڭلاپ پادىشاھنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتىپتۇ. « ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا سىزغان بۇ رەسىمىڭىزگە بۇنچە يۇقىرى باھا قويغىنىڭىز سىزنىڭ پادىشاھنى ئالدىغانلىقىڭىز ئەمەسمۇ» دپتۇ پادىشاھ.
« ئالىيلىرى ئاچچىقلىرىغا ھاي بەرگەيلا، بۇ باھانى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى مېنىڭ ھويلامنى كۆرۈپ باققايلا» دەپتۇ رەسسام پادىشاھقا. رەسسام ھويلىسىدىكى دۆۋە-دۆۋە رەسىم قەغەزلىرىنى پادىشاھقا كۆسىتىپتۇ، پادىشاھ ئېچىپ ئېچىپ قارىسا ھەممىسىلا سۇمرۇغنىڭ رەسىملىرى ئىكەن.
« مەن ئالىيلىرىنىڭ بۇ باھانىڭ ئادىللىقىدىن گۇمان قىلماسلىقىنى سورايمەن، چۈنكى ئۆزلىرى كۆرگەندەك شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلىرىگە يارىغۇدەك قىلىپ سۇمرۇغنىڭ رەسىمىنى سىزىش ئۈچۈن مەن توپتوغرا بىر يىل ۋاقىت ۋە نۇرغۇن زېھنىي قۇۋۋىتىمنى سەرپ قىلدىم.» دەپتۇ رەسسام پادىشاھقا.
ئىشلىمەي تۇرۇپ چىشلەشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىم ئەمەس، ھەر قانداق شان-شەرەپ ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كەينىدە غايەت زور جاپا-مۇشەققەت ۋە قان-تەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ھەۋەس قىلىشتىن ئاۋۋال مۇۋەپپەقىيەت ساھىبلىرىنىڭ قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىنى، قانچىلىك قان-تەر ئاققۇزغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ.
تەرجىمە قىلىندى