بەش بۈرجەكلىك بىنا ئېلان قىلغان 2010 - يىللىق دوكىلات : جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچى
بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تاپشۇرۇلغان جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچى توغرىسىدىكى دوكىلات بەش ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كىچىككەندىن كىيىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى بۇ دوكىلاتنى ئاخىرى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئېلان قىلغان . ئىلگىرى بۇ دوكىلاتنىڭ نامى << پارلامىتقا يوللانغان يىللىق دوكىلات : جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچى >> ئىدى ، ئەمما بۇ قېتىم دوكىلاتنىڭ نامى ئۆزگەرتىلىپ << جۇڭگوغا ئالاقىدار بىخەتەر تەرەققىيات توغرىسىدىكى يىللىق دوكىلات >> دەپ نام بېرىلگەن . قائىدە بۇيىچە بۇ دوكىلات كۆپ سىخىمىلار بويىچە چۈشەندۈرۈلگەن بۇلۇپ ، ئۈستىدىكى سۈرەت بولسا جۇڭگونىڭ 2005 - يىلدىن 2009 - يىلغىچە بولغان ئارلىقتا ھەر قايسى رايونلارغا سېتىلغان ھەربىي بۇيۇملىرى بۇلۇپ ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا %53 ،ياۋروپا قىتئەسىگە %2 ، لاتىن ئامىرىكىسىغا %8 ، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىغا %26 ، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئافرىقا قىتئەسىگە %11 ھەربىي بۇيۇم ساتقان .
ئۈستىدىكى تۈۋرۈكسىمان سىخىما بولسا جۇڭگونىڭ 1996 - يىلدىن 2009 - يىلغىچە بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمىي قىممىتى ۋە ھەربىي خىراجىتى بۇلۇپ ، قېنىق كۆكرەڭ جۇڭگونىڭ ھەر يىلى ئىشلەتكەن ھەربىي خىراجىتىنى ، قىزىل رەڭ بولسا ئامېرىكا تەخمىنەن ھېساپلاپ چىققان جۇڭگونىڭ ھەربىي خىراجىتىنى كۆرسىتىدۇ .
ئېلان قىلىنغان دوكىلاتتا يەنە جۇڭگونىڭ زىمىن ماجراسىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتمۇ بار بۇلۇپ ، ئۈستىدىكى سۈرەت شۇ .
يۇقىرىدىكى سۈرەت بولسا تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى بۇلۇپ ، ئۈچ قاتار سانلىق مەلۇماتلار ئايرىم ھالدا ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقى ، تەيۋەن دېڭىز رايونى ، جۇڭگو تەيۋەنگە ئايرىلغان . جەدىۋەلدە كۆرسىتىلگەن ئاتالمىش << تەيۋەن دېڭىز رايونى >> بولسا ئاساسلىقى نەنجىڭ ھەربىي رايونى ،گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى ، جىنەن ھەربىي رايونىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىدىكەن . سول تەرەپ بىرىجى كاتاكچە ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ خادىم ، ئارمىيە ، پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيىسى ، پىيادە ئەسكەرلەر لۈي قۇشۇنى ، ماشىنلاشقان پىيادە ئەسكەرلەر لۈي قۇشۇنى ، برونىلاشقان دىۋىزىيە ، توپچى قىسىم لۈي قۇشۇنى ، پاراشوتچى ئەسكەرلەر، قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا جەڭ قىلغۇچى لۈي قۇشۇن ، تانكا ، زەمبىرەك قاتارلىقلارنىڭ سانىنى كۆرسىتىدىكەن .
يۇقىرىدىكى سۈرەت بولسا 2008 - يىلى جۇڭگونى خام نېفىت بىلەن تەمىنلىگەن دۆلەتلەر ۋە ئۇلار تەمىنلىگەن نىفىت مىقدارى بۇلۇپ ، سەئۇدى ئەرەبىستان %20 ، ئانگولا %17 ، ئىران %12 ، ئومان %8 ، روسىيە %7 خام نىفىت بىلەن تەمىنلىگەن . ئۇنىڭدىن قالسا سۇدان ، ۋىنسۇئىلا ، كۇۋەيت قازاقىستان ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ جۇڭگونى خام نېفىت بىلەن تەمىنلىگەن .
ئۈستىدىكى سۈرەت بولسا جۇڭگونىڭ خام نېفىت بىلەن تەمىنلىنىش يۆلىنىشى .
بۇ سۈرەت بولسا جۇڭگونىڭ ئاۋىئاماتكىغا قارشى تۇرغۇچى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەدىنىڭ ئاۋىئاماتكىغا زەربە بېرىشتىكى ئۇچۇش يۇلى .
يۇقىرىدىكى سۈرەت بولسا دوكىلاتتا كۆرسىتىلگەن جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدىنىڭ ئوق مۇساپىسى بۇلۇپ ، سۈرەتتىكى جۇڭگونى قورشاپ تۇرغان يىشىل دائىر بولسا ئوق مۇساپىسى 600 كىلومىتىرغا يىتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى كۆرسىتىدىكەن ، سېرىق جاي بولسا ئوق مۇساپىسى 2000 كىلومىتىر بولغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى كۆرسىتىدىكەن ، ئەڭ سىرتقى قەۋەتتىكى قىزىل جاي بولسا ئوق مۇساپىسى 3300 كىلومىتىرغا يىتىدىغان << شەرق شامىلى 3 >> ناملىق يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى كۆرسىتىدىكەن .
داۋامى ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىدۇ
http://news.stnn.cc/glb_military/201008/t20100817_1397281.html