مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 732|ئىنكاس: 7

ئىلى خەلق ناخشا -مۇزىكىلىرىنىڭ قىسمەن ئالاھىدىلىگى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 891
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3935
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 853 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 01:17:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىلى خەلق ناخشا -مۇزىكىلىرىنىڭ قىسمەن

ئالاھىدىلىگى  توغرىسىدا

(ماقالە)
قاراخان





          ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئىجاتچان ، خىيالچان ،تىرىشچان ۋە تەلەپچان مېھنەتكەش ئىلى خەلقىنىڭ بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالايدىغان پىسخىك،ئىتنىك ئۆرۈپ- ئادەت ،ئىنتىلىشلىرىنىڭ يىگانە نامايەندىسى.200نەچچە يىلدىن بېرى ئىلى خەلق ناخشىلىرى خۇددى ئىلى دەرياسىنىڭ مەۋجىدەك ،ئاۋرال شاماللىرىنىڭ ئەۋجىدەك ،بىر كۆتىرىلىپ بىر پەسلەپ ئۆزىنىڭ پارلاپ تۇرغان دەۋر روھىنى ،مىللى خاسلىق ۋە ئۆزگىچە پۇرىقىنى يوقاتماي كەلدى.شىنجاڭنى بىر ناخشا -ئۇسۇل ماكانى(جۇئېنلەي) دىگۈچىلەرگە ئىلى دەل ناخشا خۇمار خەلقنىڭ بوستانىدەك تۇيۇلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس.چۈنكى بۇ ئاتەش زېمىن ۋادىسىدا <<قۇلاقنى تۇتسا توۋلايدىغان>>،<<سازنى قولغا ئالسىلا چالىدىغان>>   كارامەت خىسلەت بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئارخىپىغا ناخشا ۋە خۇشچاقچاق مەستانىسى دىگەن تەۋەرۈك تامغا بېسىلغان.
         ئەنە شۇ ناخشىلاردا يەرلىك شىۋە،ئاھاڭ،پۇراق ،ئودار،پائۇزا دىگەنلەر مەركەزلىك ئىپادە تاپقان بولغاچقا ھەرقانداق ئورۇن ۋە ۋاقىتتا ئۇنىڭ سېھرى كۈچى  كىشى قەلبىنى ئويغا سالىدۇ .ھەرگىزمۇ بىر قىسىم رايۇنلارنىڭ تۈگىمەس  ئىشقى مۇھەببەت ناخشىلىرى بىلەن تولغان گەپ خالتىسىغا ئوخشىمايدۇ .بۇ ناخشىلارنى خاس ئۇسلۇپ بويىچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئازاتلىقنىڭ ئالدى- كەينىدىكى غەزەلخان، ھاپىز ،ئۇستازلاردىن ئابدۇۋېلى جارۇللايۇپ (<<جاراڭلايۇپ>> <<يىللار شۇنداق ئۆتكەن>>دىن، مەمتىمىن ھوشۇر)،پاشا ئىشان، قۇربان ئۆمەر،ئابلىزخان مامۇت،غىياسىدىن بارات، ئابلىز شاكىر ،داۋۇتجان ناسىر،ئابدۇرېھىم ئىمىن،غاپپار ئەخمەتكە ئوخشاش ئاتاقلىق ناخشىچىلار بار ،بۇ يەردە يەنە  ئەينى دەۋر تۇرمۇشىغا مۇناسىپ مۇزىكا ئىجادىيەتچىلىرىدىن زىكرى ئەلپەتتاھ ،ھۈسەنجان جامى ،سەيدۇللام توختى ،مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن،مۇساجان روزى ، سىيىت سارىخان ،قۇربان ئۆمەر،ئابلىكىم ئابدۇللا، ئەبەيدۇللا تۇردى ،ئالىمجان پەرۇخ،ماھىبەدەر ئىبراھىم ، سەنۇبەر تۇرسۇن ،ئابلەت ئىسلاموپ ۋە باشقىلار، ئىجاد قىلغان تېما دائىرىسىنىڭ كەڭلىگى ،ئىپادىلەش تالانتىنىڭ زىللىقى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ سەنئەتتتىن زوقلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن پىشقەدەم كومپىزوتۇرلىرىمىزمۇ بار. دىمەك بۇ نۇقتىدىن ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئىلىدىكى كۈيخۇمار،كۈلكەخۇمار جاپاكەش خەلقىمىزنىڭ ئوخشىمىغان دەۋر ۋە ئوخشىمىغان مۇھىتتىكى ماددى، مەنىۋى تۇرمۇش قىسمەتلىرىنىڭ ئەينەن بەدئى تەسۋىرى سۈپىتىدە بىزگە تارىخى يادىكارلىق ۋە قىممەتلىك ۋەسىقە ئەھمىيىتىگە  ئىگە سەنئەت سەمەرىسى بولۇپ قالغۇسى!
           بىزنىڭ بۇ ناخشىلارنى بىرلا ئاڭلاپ ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قېلىشىمىز ئۇنىڭدىكى زامان ،ماكان چىنلىقىنىڭ تولۇق ئەكس ئېتەلىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.خۇددى مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىز يازغان <<ناخشا ھەققىدە غەزەل>> دىگەن شېئىردىكى:
<<ناخشا تارىخ ،ناخشا قىسسە ،ناخشا ئەلنىڭ دىلبىرى،
ناخشا يۈكسەكتۇر جىمىدىن ،ناخشا ئەلنىڭ مۇنبىرى.>>  دىگىنىگە ئوخشاش.
           يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلى بوستانلىقىدا يەنە بىر تۈركۈم ئۆلمەس ناخشىچىلار مەيدانغا كېلىپ بىزنىڭ ئىلى خەلق   ناخشىلىرىغا بولغان <<ئىشتىھا>>يىمىز يەنە ئۆرلىدى.مەسىلەن ئابدۇۋېلى داۋۇت،ئەنۋەر ئابدۇكېرىم ، تاشمۇھەممەت تۇرسۇن ،شەمشىدىن مىجىت، 、ئوسمان مەمتىمىن (كەپسىز)، ئوسمانجان ؟،يالقۇن ياقۇپ،ئۆمەرجان ئالىم ،ئەنۋەر ھاكىم،كامىلجان تۇرسۇن،تاشمۇھەممەت باتۇر ،گۈزەلنۇر ئۆمەر،ئايشىىگۈل مۇھەممەت ،زۆھرەگۈل ھېلاخۇن ۋە باشقىلار،بۇلار ئېيتقان ناخشىلار ھەم يېقىشلىق ھەم بەلگىلىك ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولغاچقا كىشىلەر بەس-بەستە پىلاستىنكىلىرىنى سېتىۋېلىپ ئۇنى ئاڭلايدۇ ھەم قەدىرلەپ يېنىدا ساقلايدۇ. مانا بۇ ناخشىلاردا تۆۋەندىكىچە ئالاھىدىلىكلەر نىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىگىنى جەزىملەشتۈرۈش تەس ئەمەس.
           بىرىنچى ئالاھىدىلىگى:
           ئۇنىڭدا خەلقىمىزنىڭ تىل سەنئىتى،مۇزىكا سەنئىتى،ئۇسۇل سەنئىتىگە دائىر تەركىپلەر يۇغۇرۇلۇپ كەتكەچكە،مۇنتىزىم ئونۋېرساللىق تەبئى شەكىللەنگەن.مەسىلەن :<<ئەلقەمبىرى>>،<<چىمبۇلاق>>،<<تاڭ سەيلىسى>><<ئاي زوھرە>> ،<<ئۆرگىلەي>>،<<جانان>>، <<جانەي>> قاتارلىقلار.بۇلاردا ئەدەبىيات- تېكىست،مۇقام -نەغمە ،سەنەم ياكى ۋەقەلىك ئۈسۈل تۈرلىرىنىڭ ھەممە ۋارىيانتلىرى گىرەلىشىپ كەتكەندەك كەيپىيات پەيدا قىلىنىدۇ. گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ گېگىلنىڭ(1770-1831) مۇزىكىنى روھى ھېسسىيات سەنئىتى دەپ ئاتىشىنىڭ ئاساسى يوق ئەمەس..
          ئىككىنچى بىر ئالاھىدىلىگى:
     داستان تۈسىدىكى ناخشىلاردا رۇشەن ئېيتىشىش،مۇشائىرە ،بەسلىشىش ،يۇمۇرلۇق ،ئوبرازلىق كۈلدۈرگە ھەركەت شەكىللىرىگىچە ئاھاڭ كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ كىشىنى جەلپ قىلىدۇ.مەسىلەن :ھەر تۈرلۈك مەشرەپ سورۇنلىرىدىكى لەپەر ۋە ئېيتىشىشلار ،مىللى ئۇسلۇپتىكى،ئاممىۋى ئۇسلۇپتىكى،ئىلمى ئاۋازلاردىكى ناخشا ئېيتىشىشلاردا ئەسلىمە،تەسەۋۋۇر،ئېھتىراس ۋە شادلىق ھېسسىيات ئالمىشىش تۇيغۇلىرى كۆتىرىلىدۇ.
          ئۈچىنچى ئالاھىدىلىگى:
      ئۇنىڭدا شەكىل ۋە مەزمۇن گارمونىك بىرگەۋدىگە ئايلانغان بولغاچقا كىشىلىك تۇرمۇشتىكى خىلمۇ خىل كەسپ ساھەلىرىنىڭ رىئالنى ئەھۋالى نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ.مەسىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى سادىر ناخشىلىرىدا ئىپادىلەنگەن ئالۋاڭ ھوسۇل ،زۇلۇم ،سەپەر سەرگۈزەشتلىرى ئۇنىڭدىن باشقا ئەمگەك ، ئوۋ ،ۋە ياخشى -يامان ئادەت،كەسپلەر گە دائىر ناخشىلار ؟
         تۆتىنچى ئالاھىدىلىگى :
       ئۇنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى ناخشىچى،تاماشىبىن ،شائىر ،كومپىزوتور، ۋە ئانا تەبىئەت بىلەن بىر تەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن.ئۇنىڭ باش-ئاخىرى مۇئەييەن ئارقا كۆرۈنۈش،ماددى مەنىۋى تەييارلىق ئاساسىغا ئىگە بولغان بولغاچقا خەلق ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئىچكى دۈنياسىغا ئاسان سىڭدۈرەلەيدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
مەسىلەن:<<جۇنۇن>>،<<باغۋەن>>،<<بىۋاپا>>،<<ئەدەپ رىشتى>>، << شۇنچىمۇ>>،<<ئەۋرىشىم>><<ۋادەرىخا>> <<تەنلىرىم ياپراق>.،<<قاينام ئۆركىشى >>،<< ئاھ ئۇرارمەن>>،،<گۈلمەشۇق>>،<< سەرسان روھ>>قاتارلىقلار...
          بەشىنچى ئالاھىدىلىگى:
       ئۇنى ئورۇندۇغۇچىغا ياكى ئورۇنداشقا سەھنە ،گىرىم ، مىمكا، كىيىم-كىچەك ،دىكوراتسىيە،ۋە باشقا شەرت-شارائىتنىڭ بولىشى زۆرۈر ئەمەس.مەسىلەن <<قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ>>نى ،<<قۇي پىيالىگە چاينى>><<بىزنىڭ ناخىشىمىز>>نى،<<دوستۇم>>،<<دوست>>،<<تۆھمەتخور>><<ھە دەپ قوي>>دىگەندەك ناخشىلارنى ئاۋات شەھەردە ياكى ئەسكى تاملىقتا توۋلىسىمۇ يەنىلا زىيادە ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى، ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ.
ئالتىنچى ئالاھىدىلىگى:
       خاس ئىجادچانلىقى ،ئۆزگىچە ئۇسلۇبى ھەم ئېقىمغا ماسلىشىشچانلىقى ،پەۋقۇلادە ئۆزگىرىشچانلىقى بىلەن يەنىلا بىزنى باشقا ھېچقانداق ئورۇن ۋە يەردە ھېس قىلىپ باقمىغان ۋە ھېس قىلىش مۈمكىن بولمىغان پەۋقۇلادە زوقلىنىش پەللىسىگە ئېلىپ چىقالايدۇ<<تۈگىمەس ناخشا>>،<<ئاق بوز ئات>>،<<سېغىندىڭمۇ>><<نىگارىمغا>>،<چىن مودەن>><<ئاقىۋەت>>،<<ئارزىگۈل>>دىگەندەك ناخشىلار...
يەتتىنچى ئالاھىدىلىگى:
         ناخشىنىڭ تېكىست -مەزمۇنى ، تۈزۈلۈش-شەكلى ،رولى ،ھەم ئۇنىڭ ئىنسان قەلبىدىكى ئورنى بولغىنىدەك، ناخشىچىنىڭمۇ بەلگىلىك ئىدىيىۋا ساپاسى، نەپەس -ئاۋاز تالانتى،شۇ تېكىست ۋە ئاھاڭغا مۇناسىپ دىت،ساپا  ۋە چام  بولىشى ،ئىلمى ۋە نەزىريە،تارىخ  چۈشەنچىسى بولىشى كېرەك. بىر ناخشا ياكى ئاھاڭنى  بىرنەچچە ۋارىئانتى بويىچە ئېيتىش باشقا گەپ ،ئۇنىڭ تېكىست ،ئاھاڭىنى  تولۇق بىلمەي  قارىسىغا توۋلاش باشقا گەپ.

سەككىزىنچى ئالاھىدىلىگى:


     <<مۇقامغا خۇشتارلىق روھىڭغا دەرمان >> دىگەندەك (سەيپىدىن ئەزىزى)، ئىلى خەلق ناخشا- مۇزىكىلىرىنىڭ  مۇقامسىز ئېيتىلمايدىغان بىر ئۆزگىچىلىگى.قانداقلىكى بىر سورۇن ،مەرىكە،ياكى مەشرەپ يىغىلىشى بولسۇن ئۇيەردە پارلاشقان بىر يۈرۈش دۇتتار،تەمبۇر ،ئىسكىرىپكا ياكى غىجەك ،ساتار چالىدىغان سەنئەتكارلارنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئالدى- كەينىدە<<رۇخسارى>>،<<ئىراق>>،<<چارىىگاھ>>,<<چەبىيات>>,<<مۇشاۋىرەك>>,<<راك>>مۇقاملىرىنىڭ داستان, مەرغۇل ھەتتا چۈشۈرگىلىرىغىچە چېلىپ , توۋلاپ سورۇن ۋە سورۇن  مۇھىتىنى باشقىچە جانلاندۇرىۋېتىدىغان خاسلىقى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.مەسىلەن :<<مەھمۇد تەمبۇر>>,<<、ئابدۇۋېلى داۋۇت>>,<<داۋۇتجان ناسىر>>,<<ئابلىز شاكىر >> قاتارلىقلار,بۇ يەردە خەلقىمىز سۆيۈپ كەلگەن ۋە ئەل ئارىسىدا<<كۆڭۈل لۇغىتى >>دەپ تەرىپلەنگەن <<ئابدۇۋېلى داۋۇت>>ئاكىنڭ ناخشا-مۇزىكا,مۇقام ئېيتىش تالانتى ۋە كەمتەرلىگى ئىلى سەنئەت تارىخى ۋە كەسپ بابىدا  بىر يېڭى بۆسۈش، نەمۇنە تىكلىيەلىگەن دەپ قارايمەن. بۇ جەھەتتە ئۇلار ئۇيغۇر ئەلنەغمىچىلىكىنىڭ جەۋھىرى،ئۇيغۇر مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ بىر مەزمۇنى بولغان مۇقامغا قانچىلىك دەرىجىدە رىشتەباغلىغانلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس.
       بىلىش كېرەككى ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئىلىدىكى ئەلنەغمە سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ قوينىدا تەدىرجى ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەڭگۈشتەر بولۇپ ئۇ ئاساسەن ئېغىز ئەدەبىياتقا ،خەلق ئارىسىدىكى كونىچە ناخشىلارغا،مۇزىكا،ئۇسۇل ۋە تۈرلۈك قىزىقارلىق ئويۇنلارغا كىرىشىپ كەتكەن.شۇڭا ئىلى خەلق ناخشىلىرى خەلقىمىز ھەرقاچان ئىستىتىك زوق ئالىدىغان تەربىيىۋى ئىبرەت ۋە ساۋاققا تولغان ئونۋېرسال سەنئەت بايلىقى بولۇپ ئۇ مەزمۇنىدىن تارتىپ شەكلىگىچە ،ئورۇندىلىشتىن تارتىپ، ئەمەلى ئىستىمالغا ئايلىنىشقىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىنى،دىنى ئېتىقاد،ئۆرپ-ئادەت،ۋە مىللى خاراكتىر خۇسۇسىيىتنى،ئىتنىك ئەخلاقى ،گۈزەللىك قاراشلىرىنى،ئىپادە  قىلىشقا ئەرزىگۈدەك خاسلىققا ئىگە سەنئەت جەۋھىرىدىن ئىبارەت.ئۇ مىللىتىمىزنى مەلۇم مەنىدىن كەڭ دائىرىلىك چۈشىنىشكە،ۋە ئۆزىمىزدە بار بولغان مەدەنىيەت ئەندىزىسىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە دالالەت قىلىدىغان دىلكۈيىنىڭ ئۆڭمەس قامۇسىدىن ئىبارەت.
          يۇقۇرقىلاردىن باشقا ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ بىر يۈرۈشلىكى ،تىلىنىڭ تۈز ،سىپايە،دەللىكى ،قاراتمىلىقىمۇ بىزنى سۆيۈندىرىدىغان بىر نۇقتا. مەلۇمكى تىل تەپەككۇرنىڭ بىۋاستە جۇلاسى،مەنىۋى تۇيغۇ -تەسىراتنىڭ نازۇك ھامىلىسى،بىز ئىلى خەلقىنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى،قايغۇ، ھەسرەت، مۇڭ زارىنى ،قايناپ تۇرغان جۇشقۇن شاتلىق نەپرىتىنى   ئىلى تىلىسىز ، ئىلى ناخشىسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.چۈنكى بۇ تىل ،بۇ ناخشىلار ئەمگەكچان ئىلى  خەلقنىڭ روھى ھەم قەلب ساداسى،قايغۇ-شاتلىققا ئەسىر بولغان كۆڭۈللىرىنىڭ تەسەللى داۋاسى،ئۇلارنىڭ ھەر بىر تىنىقىنىڭ ئۆزىلا بىر ئودار ،بىر كۈي ئەلۋەتتە.شۇبھىسىزكى ئانا تىلىمىزنىڭ خاسلىقى ئىلى خەلق ناخشىلىرىدىكى بەدئى تىل ھەم مۇزىكىلىق تىل رېتىمىغا شۇنداق جىپسىلاشقانكى ئۇنى مۇڭ  مىلودىيە تىڭشاش جەريانىغا ئىشتىراك قىلغانلار سەزمەي قالمايدۇ.  ناخشا-مۇزىكا ئىلى خەلقىنى ئەگىپ يۈرگەچكە ئۇلارنىڭ يادقا ئېلىش  ۋە ناخشا مۇزىكىنىڭ ئورامىغا قارىتا ئىجادى باھا بېرىش دىتى ئۆزلىكىدىن شەكىللەنگەن.شۇڭا ئۇلار نۇرغۇن ئۆلمەس كۈيلەرنى يارىتالىغان.بۇ ناخشىلار ئەل ئارىسىغا تەدىرجى سىڭىشىپ ۋە ۋارىسلىق قىلىنىپ تارىخ،ئەنئەنە،ئەدەپ-ئەخلاق ،قەھىرمانلىق ،باتۇرلۇق ،ئېزگۈلۈك،رەزىللىك توغرىسىدىكى بىر يۇرۈش تەربىيەلەش دەستۇرى ياكى ئىستىتىك گۈزەللىك بەخش ئېتىش سالونىغا ئايلانغان.
         ئىلى خەلق ناخشىلىرى يۇقۇرقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مېھنەتكەش  ئىلى خەلقنىڭ مەنىۋى ئالىمىگە مەلھەم ماددى تۇرمۇشىغا ئۆزگىچە رەڭ ،پۇراق ئاتا قىلىپ كەلگەن،ھەتتا ئۇ ھەر بىر ئىلىخولۇقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىگە،تىلى،دىلىغا ،پەلسەپىۋى قاراشلىرىغا سىڭىپ ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە بولغان پىسخىك پەيلىنى روياپقا چىقارغان. ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئۇلارنىڭ ھارغىن،سولغۇن،ئىنتىزارلىق ئىچكى دۈنياسىغا مەڭگۈلۈك ھەمرا بولۇپ زامانلاردىن بېرى ئۇلارنىڭ تەبىئەت دۈنياسى بىلەن بولغان ئىچقويۇن -تاشقويۇن سەزگۈ ھېسلىرىنى نامايەندە قىلىپ،ئۆزلىرىگە ۋە باشقىلارغا تەسۋىرلىگۈسىز مۇھەببەت نەپرەت ئاتا قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەر ساھەدە چوڭ ۋە يۇرەكلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىقالىشىغا مەدەت تۈرتكە بولالىدى.9-ئەسىردىكى گۈزەللىك كۈيچىسى ئوبۇلھەسەن روداكى<<ناخشا،مۈزىكا،مۇھەببەت خوشاللىقنىڭ ئۈچ ئامىلىدۇر>> دەپ ئېيتقان .ئىلى خەلقى دەل مۇشۇ ئۈچ خىل خوشاللىقتىن كۆڭلى تەسكىن تەسەللى تاپقان خەلق .مەيلى كەسپى ناخشىچى بولسۇن مەيلى ناخشا مەستانىلىرى بولسۇن ئۇلاردا ناخشىنىڭ جېنى بولغان ناخشا تىلى ۋە مۇزىكا تىلىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نازۇك سېھرى باغلىنىشقا سەگەك ۋە ئىلمى مۇئامىلە قىلىشنى ئۇلار كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى دەپ قارايدۇ.
        ئىلى خەلق ناخشا -مۇزىكىلىرى ئومۇمەن ئۆزلىرىنىڭ مىللى خۇسۇسىيىتنى خۇددى قەشقەر،قۇمۇل  خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىدەك مەۋقەدە ساقلاپ كېلەلىگەن. ھازىر گەرچە يۇقۇرى ئاۋازلىق ،تۆۋەن ئاۋازلىق ،ئوتتۇرا ئاۋازلىق ناخشىچىلار،ئەنئەنىۋى،زامانىۋى،ھەم ياۋروپاچە مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈن -تىۋىشى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتسىمۇ،ئۆزبەكچە،تۇركچە ،خەنزۇچە ھەم چەتئەلچە ناخشا مۇزىكىلار نى دوراش،ئۆزلەشتۈرۈش،ۋە مەخسۇس ھەۋەس بىلەن ئېيتىش ،چېلىشقا ئىستىخىيەلىك يۈەزلەنسىمۇ لېكىن كۆپ قىسىم ئىلى ئۇيغۇرلىرى يەنىلا 7ياشتىن 70ياشقىچە ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەت-نەپرەت بىلەن سۇغۇرۇلغان لىرىك،ياڭراق ،تۈگىمەس،  ۋىجدان سادا ،ئۆلمەس ناخشا-مۇزىكا كۈيلىرىنى  ئەنەنىۋى،كىلاسسىك نەغمە ناۋالىرىسىز خەلققە تارتۇق قىلمايدۇ. مانا بۇ ناخشىلار تۈنۈگۈن ئېيتىلغان ،بۈگۈنمۇ ئېيتىلىۋاتىدۇ،كەلگۈسىدىمۇ كېچە-كۈندۈز توختىماي ئېقىۋاتقان ئىلى دەرياسىغا ھەمنەپەس بولۇپ پۈتكۈل تارىم زەرەپشان كۈيلىرىگە ئورتاقلاشقۇسى!ئۇنىڭ بىلەن ئەبەدىلىك ھاياتلىق سىمپونىيەسىنى ياڭراتقۇسى!؟



1998-يىلى 24-دېكابىر...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-21 04:06 PM  


ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5740
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 02:20:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      شۇنداق، ئىلى خەلىق ناخشىلىرى شۇنداق يېقىملىق ،مەزمۇنغا باي، لىكىن ھازىرقى يىقىنقى يىللاردىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن ناخشىچىلار ئارسىىغا دىققەت قىلسام ‹پاشا ئىشان›دىگەن بىرى يىزىلىپتۇ،دىمەكچى بولغىنىڭىز بۇۋىلىرىمىز زامانىسدا ‹ئازات زامان›نى ئىيتىپ ،‹شىنجاڭ بۇلبۇلى›دەپ نام ئالغان مومىمىز پاشا ئىشان شۇمۇ؟ئەگەر شۇ بۇلسا ،پاشا ئىشاننى .ئەنۋەر ھاكىم .تاشمۇھەممەت باتۇرلار بىلەن بىللە چۈشۈندۈرۈشكە بولارمۇ؟؟دەۋىر جەھەتتىن ئىلىپ ئىيتقاندا؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hekmat110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-21 02:21 PM  


بىيجىڭ مىللەتلەر  ئونۋىرسستىتى 2103-يىللىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش باشلاندى. بۇ يەرنى بىسىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 891
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3935
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 853 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 04:07:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat110 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-21 02:20 PM
شۇنداق، ئىلى خەلىق ناخشىلىرى شۇنداق يېقىملىق ،مەزم ...

پىكىرىڭىزگە رەھمەت ،تۈزۈتۈپ قويدۇم ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10538
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3439 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 05:16:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلى خەلىق ناخشىلىرىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر بولمىسا كىرەك.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26296
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5147
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2013-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 07:42:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلى خەلىق ناخشىلىرى جەسۇر ، مەردانە ، مۇڭلۇق ۋە يېقىملىق

مەن پەققەت بىر مۇكەمەل مۇسۇلمان ۋە ئۇيغۇر بولسام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13249
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7810 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 10:32:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلى خەلىق ناخشىلىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز  تەۋەسىدە ئىتىلىدىغان ھالەتكە كېلىشىمۇ ئاسان ئەمەس ،مەن لىكسىيە سۆزلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى رايونلىرىغا باردىم  ۋە نۇرغۇن مەشرەپ سورۇنلىرىغا داخىل بولۇپ قالدىم ،بارغانلىكى جايلاردا شۇ يۇرتنىڭ سازەندىلىرى ئىلى خەلىق ناخشىلىرىنى ئىيتىشنى  ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت سەۋىيىسىنىڭ پەللىسى ۋە ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىشنىڭ ۋاستىسى دەپ قارايدىكەن ھەم سورۇن ئەھلىمۇ ناھايىتى ھوزۇرلىنىپ ئاڭلايدىكەن . شۇنىڭدىن قارىغاندا ئىلى خلىق ناخشىلىرىنى  پەقەت  ئىلى خەلقىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر  ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ھالەت شەكىللىنىپتۇ .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 891
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3935
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 853 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 10:43:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز بۇ ناخشا ۋە ناخشىچىلارنىڭ نەقمەيدان سورۇنىدىكى گۈۋاھچىسى سۈپىتىدە ئۇ توغرۇلۇق نىمشقا توختالغانلىقىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەمىن ئەتكەندەك بولدىڭىز،رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13252
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5668 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 11:57:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق تەڭىرتاغنىڭ جەنۇپ-شىمالىدىكى خەلق ناخشىللىرىنىڭ تېتىمايدىغىنى يوق،ھەر قايسىسى ئوخشىمايدىغان رىتىم،مىلودىيە راۋاجلىرى ئارقىلىق خىلمۇ-خىل گۈزەل ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خۇددى رەڭدار گۈللۈك باققا كىرگەندەك ئاڭلىغان كىشىنى سىرلىق خىياللارغا كەيپىياتلارغا غەرق قىلىدۇ.
تېما ئىگىسىنىڭ ئىزلىنىشلىرى ئۇزۇلۇپ قالمىغاي!رەخمەتلەر ياققۇسى!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش