مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 815|ئىنكاس: 10

يۇرتۇم ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89471
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 10:32:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ناھىيىمىز گەرچە تەكلىماكاننىڭ چېتىگە جايلاشقان بولسىمۇ كەڭ تورداشلارنىڭ يۇرتىمغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ كېتىشنى قارشى ئالىمەن.
چەرچەن ناھىيەسى كوئىنلۇن تېغى، ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي چېتىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرىقى جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرىقى تەرىپى چاقىلىق ناھىيەسى بىلەن، غەربىي تەرىپى نىيە ناھىيەسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، شىمالىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 320 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 460 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 138 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. چەرچەن ناھىيىسىگە 1 رايون، 1 بازار، 11 يېزا، 51 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تارماق ئەترىتى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 1264 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 48 مىڭ 300، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 80.75% نى، خەنزۇلار 19.1% نى، باشقا مىللەتلەر 0.15% نى تەشكىل قىلىدۇ. چەرچەن ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چەرچەن ئەندىرە بەگلىكىنىڭ زېمىنى بولۇپ، <يىپەك يولى> نىڭ غەربىي بۆلىكى مۇھىم ئۆتەڭ ئىدى. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە چەرچەن بەگىلىكى تەسىس قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بوشەن قورغىنى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 10 - يىلى (1884 - يىلى) شىنجاڭدا ئۆلكە قۇۇرلغاندىن كېيىن كاچۇڭ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەسىس قىلىپ، كىرىيە ناھىيەسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 3 - يىلى ( 1914 - يىلى) ناھىيىگە كۆتۈرۈلۈپ چەرچەن دەپ ئاتىلىپ، ئاقۇس دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغا. كېيىن ئۆزگەرتىلىپ قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسى، كورلا ۋالىي مەھكىمسىگە قارىغان. 1960 - يىلى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئايرىپ بېرىلگەن. يىېرىنىڭ جەنۇب تەرىپى ئېگىز، شىمال تەرىپى پەس، جەنۇب قىسمى تاغلىق، غەربىي شىمال قىسمى چۆللۈك، قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر 44.5% نى، تۈزلەڭلىك 15.9% نى، قۇملۇق، چۆللۈك 39.6% نى تەشكىل قىلىدۇ. چەرچەن دەرياسى، جاڭگالساي دەرياسى، تاشساي دەرياسى، مولچى دەرياسى قاتارلىق دەريا، ئېقىنلار بار. يەر ئۈستى سۈيى بايلىقى 176 مىڭ كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 63 مىڭ كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن ياۋا ئېشەك، ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، ئارقار، قارا ئېيىق، ئۇلار، بۆكەن، بۇغا، تورۇق تىكە، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۈلەيسۈن قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكلەردىن توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا، تۆگە قۇلاق، چاكاندا، ئاكچېيە دەرىخى، پەربۇت قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، قاشتېشى، چىرىمتال، تاشپاختا، خرۇستال، تازىلانغان شور، چۆيۈن، سىنك، نىكېل، گەج قاتارلىقلار بار. چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ ئەڭ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.1، ئەڭ ئىسسىق بولغاندا 41.3 قا چىقىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 85.4 كۈن 30 دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 907.3 سائەت. 10 يىغىلما تېمپېراتۇرىسى 3853.1 . قىروسىز مەزگىلى 207 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 18.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2506.9 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 8400 گېكتار ( 126 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 578 مىڭ 300 گېكتار (8 مىليون 674 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر. 83 مىڭ 300 گېكتار (1 مىليون 250 مىڭ مو) ئورمانلىق، 2 مىليون 266 مىڭ 700 گېكتار (34 مىليون مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كېۋەز، كۆممىقوناق، ئاق قوناق، ئۈزۈم، قوغۇن - تاۋۇز، يەل - يېمىش، كۆكتات قاتارلىقلار بار. سانائەت جەھەتتە ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، سېمونت، كەشتىچىلىك، قاشتېشى قېزىش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسپلەر بار. چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. 315 - دۆلەت تاشيولى ناھىيە تەۋەسىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1360 كىلومېتىر. كورلا ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بار. 10000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرىدىن قۇرۇق تاغ قىيا تاش رەسىملىرى، زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبىلىلەر قەبرىستانلىقى، چالمىدان قەدىمكى شەھىرى قاتارلىقلار بار. ئالتۇنتاغ تەبىئىي قوغداش رايونىدا چەرچەن ئوۋچىلىق مەيدانى تەسىس قىلىندى، ئۇ ئىكسپېدىتسىيە، ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي.

چەرچەن دەرياسى باش ئېقىنى







                                          چەرچەن قاشتاشلىرى

2[1].jpg

u=2347831474,527541680&fm=23&gp=0[1].jpg


ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىييىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87376
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 08:44:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇنبەردە قالايمىقان پۈچەك ئىنكاس يازماڭ !

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4615
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1211 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 10:49:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ خالىسا چوقۇم بارمەن . .

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4465
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 12:24:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23711
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3741 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 01:45:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ خالىسا بېرىش پىلانىمىز بار .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .
كۈيلەن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 02:38:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89471
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 03:07:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
720 كىلومىتىر كىلىدۇ ئارلىقى .

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىييىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89916
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 08:36:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73338
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3493
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-1-17
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 08:49:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادامنىڭ ئىيتىپ بىرىشىچە، بۇ ئاتەش ماكان ئۇيغۇر دىيارىمىزنىڭ چىتى بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن مەدەنىيەت ئىقىلابى ۋاقتىدا ناھەق قارىلىنىپ سەرگەردان بولغان  نۇرغۇنلىغان زىيالىي، تەركىبى پومىشچىك ۋە باي دىھقان دەپ ئايرىلىپ تارتىپ چىقىرىلىپ پىپەن قىلىنغان كىشلەرنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ، ئاشۇ بالايى-ئاپەتلىك يىللارنىڭ قارا كۈنلىرىدىن ساقلاپ قالغان ئىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawa0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-21 08:53 PM  


بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا! غەيرەتلىك بول!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7695
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 09:48:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Tema igisiga rahmat! biliwaldim.

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش