مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 731|ئىنكاس: 14

ئەگەر سېنى قۇياش دېسەم... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79117
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4540
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 07:44:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر سېنى قۇياش دېسەم...

ئارزۇگۈل ئابلىمىت
        

          ئەگەر سېنى قۇياش دېسەم... مەن ئالقىنىڭدا ئۆسكەن بىر گىياھ! مەن سېنىڭ ئاسمان بېتىدە ئالتۇن لىگەندەك پارقىراپ، ئاداققى چاچقان ھارارەتلىك نۇرلىرىڭدىن تويماي ئوزۇق ئېلىپ كۆكلەيمەن...
        ئەگەر سېنى قۇياش دېسەم... مەن ساڭا تىنىمسىز تەلپۈنۈپ تۇرغان ئاپتاپپەرەس. مەن زىمىن قۇچىقىدا سېنىڭ ئەلۋەك نۇرلىرىڭدىن يېنىك-يېنىك ئەللەيلىنىپ، ھاياتنىڭ رەڭدارلىقىنى، گۈزەللىكىنى بەرگىمگە مۇجەسسەملەپ، ئەتراپقا كۆلۈپ باقىمەن. سېنىڭ ھەقىقىتىڭدىن نۇر ئېمىپ رەڭدار بەتلىرىمنى ئاچىمەن...
        جېنىم دادا، ۋوجۇدۇمدىكى يۈكسەك ئىپتىخارلىق ۋە پەخىرلىك تۇيغۇلىرىم ئىلكىدە ئالقانلىرىڭنى يېنىش-يېنىشلاپ سىلاۋاتقان شۇ دەقىقىدە دەرەخ قوۋزاقلىرىدەك چاك-چاك يېرىلغان ئالقانلىرىڭ سەندىكى ئۆز پەرزەنتىڭ ئۈچۈن تېنماي سىڭدۈرگەن مىھنەتسىز ئەجىرىڭ قاياقلارغىدۇر غايىب بولغان بەردەم چاغلىرىڭ، ئەجىر-مېنەت يولىدىكى تالاي قېتملاپ ۋاز  كېچىشلىرىڭنى كۆزۈم ئىكىرانلىرىدا جىلۋىلىتىدۇ. ئەنە شۇ مىھىرلىك ئەمما بەرىكەتلىك ئالقانلىرىڭ ئارېسىدا خۇددى قارلىغاچ ئۆز باچكىلىرىنى پەپىلىگەندەك پەپىلىنىپ، قەدىر-قىممىتىمنى، قىزلىق غورورۇمنى تونۇپ يەتتىم. سەندىكى ئەركەكلىك تېشىپ تۇرغان ھەر بىر ھەرىكەتلىرىڭ، قەتئىيلىكىڭ تومۇرلىرىمغا سېڭىپ كىرىپ، يۈرىكىمدىن بىخلىنىپ چىقتى. سەندىكى ۋاپا ۋە ساداقەت ۋوجۇدۇڭدىن-ۋۇجۇدۇمغا ئۆتۈپ، ماڭا ھەقىقەتنى تونۇتتى...  پىشانەڭدىكى تەپچىىپ تۇرغان تامچە-تامچە تەرلىرىڭنى سۈرتۈشكە قول ئۇزتتىم. ئەمما، پىشانەڭدىكى يىللار مۇشەققىتىنىڭ ئىزناسى بولغان يول-يول قورۇقلارنى سۈرتۈپ چىقىرالمايتىم! ئۈستۈڭدىكى چاڭ-توزاڭلارنى قېقىشقا قول ئۇزاتتىم، ئەمما، ئاجىر-مېھنەت يولىدا يادەك ئىگىلگەن قەددىڭنى رۇسلاشقا كۈچۈم يەتمەيتى. دادا، ئاھ، جېنىم دادا، ئاياغلىرىڭنى سۈرتۈشكە قول ئۇزارتتميۇ، ئەمما، ھاياتنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىرىدىن ھالسىرىغان، بارا-بارا يوقلۇققا قاراپ چېپىۋاتقان قەدەملىرىڭنى توختىتىشقا ھىچ ئىمكان تاپالمىدىم، تولىمۇ ئەپسۇس، پەقەت مەن ئۈچۈنلا مۇشەققەتلىك ھاياتقا يۈزلىنىپ، ھەممىسى شۇ پېتىلا قالغاندا، ئالدىڭدا مولۇندەك تەلمۈرۈپ تۇرغان مەن ئاتمىش يېشىڭنى ئۆزۈمنىڭ يېشىغا تىگىشەلمەيتتىم... شۇنداق دادا، سەن ھاياتىڭدىكى قىلىپ بەرگەن، قۇربانلىق بەرگەن ھەممە مۇشەققەتلىرىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ بىرەر ئولۇغ ئىش قىلىپ بىرىشكە بەكمۇ ئاجىز ئىكەنمەن.... بەكلا....
        ھاياتنىڭ ئىغىرچىلىقى ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغان شۇ دەقىقىلىردىمۇ، ئالامچە مېھرىنى ھاپاش ئەتكەن ۋوجۇدۇم يەنىلا شۇ پەرزەنىت ئىشقىدا كۆيمەكتە. تۇرمۇشنىڭ پولاتتەك بازغىنى بىلەن بازغانلىنىپ، ھالىسىرىغان قەددىڭ بىلەن يەنە بار كۈچۈڭنى يېغىپ پەرزەنتىڭ ئۈچۈن بار قاتتىقچىلىقىنى يۈدىۋاتسەن. تۇرمۇشنىڭ سانسىز دولقۇنلىرى بىلەن ئېلىشىپ ھالسىرغان قەددىڭ ھىلى ھەم غايەت زور كىمىسىنى سۆرەپ ماڭماقتا، بەرىكەتسىز ئاي كۈنلەر ھاياتىڭنى خۇراتماقتا...
        ئھا، جېنىم دادا، ئۆزۈمنى دەڭسىيەلمىگەن چېغىمدا سەن ماڭا قەيسەرلىك ئاتا قىلدىڭ، كەينىمگە داجىغىنىمدا، مېنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان يۈرەك ئاتا قىلدىڭ. قىينىچىلىققا يولۇققاندا غەيرەت-شىجائەت، ئۈمۈدسىزلەنگەندە باتۇرانە كۈچ، قاراڭغۇ كېچىلىرىمگە يورۇقلۇق ئاتا قىلدىڭ...
        بىلىمەن دادا، سەن مەڭگۈ مېنىڭ تۈۋرۈكۈمسەن. تۈۋرۈك يەر تەۋرەشتە چىدىيالماي ئكرۈلۈپ چۈشىدۇ، لېكىن سەن مەڭگۈ قەددىڭنى ئەگمەي تىك تۇرىسەن. مەن سېنىڭ بىلەنلا پۈتكۈل جىسمىمىنى مەزمۇت توتۇپ تۇرالايمەن، قەددىمنى كېرىپ تۇرالايمەن، ئۆزۈمنى ئاجايىپ بىر كۈچگە ئىگىدەك سىزىمەن. ئاجىزلىق ئالدىدا قەيسەرلىكىم ئاشىدۇ، قىيىنچىلىق ئالدىدا غەيرىتىم تاشىدۇ....
        ئولۇغ بۇۋامدىن ئۇدۇم قالغان پاك ئىتىقاد مۇجەسسەملەنگەن قەلبىڭگە يانغان ھىكىمەت نۇرلىرى ھەر ۋاقىت مېنىڭ يولۇمنى يورىتىدۇ. سەن گويا مەڭگۈ خورىماس سۆيگۈ دەرىخى. ھايات بۇلىقىغا باغىرىنى تاڭغان، چىدامچان تۇغراق مىسالى زەبەردەس پالۋانسەن... پالۋان ئاتامسەن...
        ئەگەر سېنى قۇياش دېسەم.... بىلسەڭ، مەن ھاياتنڭ بارلىق ھەقىقىتىنى ئەشۇ قۇياشنىڭ ماتامەتلىك نۇرلىرى بىلەنلا بىزەپ ھالال تەرىڭگە ئۆز غورۇرۇمنى مىزان قىلپ ئەتەمگە سەمىمىيلىك ئورۇقىنى تېرىيمەن...
        ئەگەر سېنى قۇياش دېسەم... ئەمدى مەڭگۈ نۇرلىرى باغرىمدا ئېچىلغان ئالقانلىرىڭنى ھىدلاپ، ئەشۇ يەردە يىنىك پۇشۇلدايمەن... چۈنكى سەن بىلەنلا مەن نۇرنىڭ ھىكمىتىنى تۇنۇيمەن...  ئېھ، پەرۋىشكار دادام....
مەنبە : يازغۇچلار تورى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
pasil + 97 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 97   باھا خاتىرىسى

ئالدىڭغا تاغ ئەمەس تاش پۇتلىشدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85542
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 08:28:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
{:14:}

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 621 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 08:30:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  دادامنى ئەجەپ سېغىندىم

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6357
يازما سانى: 899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9442
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 673 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 08:46:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياشاي دىدىم ، جىنىم دادا سېنىڭدەك ،
بەردى ئاللاھ ، تۇرمۇشۇمدا كۆپ مەدەت .
شەيتان توستى ، يەنە شۇنچە تېرىشىتىم .
ئەمما سەندەك ياشالمىدىم ، (مىڭ لەنەت).


ئەجىرىىڭىزگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن .. ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن ..


دەۋزەخ ئازابى ۋە گۆر ئازابىدىن باشقا ئازاپ ، كىتابىمىزدا يوق  -نۇرشات نۇرمۇھەممەد (نۇرشاھ) ..

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20195
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2260 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 09:24:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىلا شائىر ئانىلا دېدى ،
ئاتىلىرى يوقمىكەن ئەستە .
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ،
يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە .

بۇ كىمنىڭ شېئىرى كىم بىرىنچى بولۇپ تاپسا 10 سوم مۇنبەر پۇلى بىلەن نەق مەيداندا
مۇكاپاتلاپ تۆھپە يازىمەن....

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12646
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 09:46:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادامنى بەكلا سېغىندىم، داداممۇ مېنىڭ قۇياشىم ئىدى......قۇياشتەك مېھرىگە تېخى قانمىغان ئىدىم......
مۇشۇ كۈنلەردە مۈشكۈل ئىشلارغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا چۈشۈمگە كىرىپ قالىدۇ.......
دادام بەلكىم ئۇ دۇنيادا تۇرۇپ، مەندىن ئەنسىرەپ، بەلكىم ماڭا مەدەت بەرمەكچى بولۇپ چۈشۈمگە كىرىۋاتقاندۇ.
چۈشۈمدە بولسىمۇ كۆرەلىگىنىمگە خوش.
خاتىرجەم بولۇڭ دادا، ئۈمىدىڭىزنى يەردە قويمايمەن، مەندىن ئەنسىرىمەڭ، مەن چوقۇم تىرىشىپ، ئاپام بىلەن بىللە ياخشى ياشاپ كېتىمەن!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kakkuk11 + 77 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 77   باھا خاتىرىسى

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

تەپەككۇرسىز ھاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36113
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5066
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 2482 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 10:56:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتىلىق بۇرچۇڭلارنى ھەرۋاقىت ئىسىڭلەردە تۇتۇڭلار  ئاتىلار....

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 11:08:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-20 09:24 PM
ھەممىلا شائىر ئانىلا دېدى ،
ئاتىلىرى يوقمىكەن ئەستە .
ئ ...

ئىشقلىپ مىنىڭ ئەمەس1000نى بەرسڭىز مەن دەي

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12784
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2828 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 01:24:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-20 09:24 PM
ھەممىلا شائىر ئانىلا دېدى ،
ئاتىلىرى يوقمىكەن ئەستە .
ئ ...

نىمشېھىتنىڭ شېرى ، 10 مۇنبەر پۇلى ئۈچۈن ئۆزەمنى بۇزماي ئۆزىڭىزدە قالسۇن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kakkuk11 + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87376
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 08:45:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇنبەردە قالايمىقان پۈچەك ئىنكاس يازماڭ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش