ئالتە شەھەرنى ھەممە ئۇيغۇر تۇنۇيدۇ!مەنمۇ ئالتە شەھەرنىڭ ھەق ئىگىسى بولغان
ئۇيغۇر پەرزەنتى..مىنىڭ بارلىق يازغان تېمىلىرىم ئاساسەن ئالتە شەھەرگە
مۇناسىۋەتلىك.سەۋەبى مۇرىككەپ ئەمەس ،كۆپرەك باشقىلارنىڭ قىسمىتىدىن بەكرەك
ئويغۇرلارنىڭ تارىخى قىسمىتىگە بەكرەك كۈڭۈل بۈلىمەن.چۈنكى ھەربىر ئەركەكنىڭ
يەلكىسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىش مەجبۇرىيتى بار.تارىخىمىزغا
قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا بەكرەك تەسىر كۆرسۈتۈپ كەلگىنى ئاساسەن
خوتەن،قەشقەر،ئاقسۇ،يەكەن،ئۈچتۇرپان قاتارلىق جايلار بۇلۇپ مىللىتىمىزنىڭ
تەرەقىيەتىغا ھەم مەۋجۇتلىقىغا باشتىن-ئاخىرى تەسىر كۆرسۈتۈپ كىلۋاتىدۇ.ئالتە
شەھەرنىڭ ھەق گىرەجدانلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ دەرىت-ھەسرىتى تېخى تۈگىگىنى
يوق!ئۇيغۇر مىللىتى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە بىر قېتىم چوڭ كۈلەملىك
پارچىلانغان،بۇ قېتىمقى پارچىلىنىش مىللىتىمىزنىڭ تا ھازىرغىچە باش كۆتۈرەلمەس
قىلىۋەتكەن!بەلكىم شۇ دەۋىرنىڭ تارىخدا ياشاۋاتقانلارنىڭ مەدەنيەت سەۋىيسى تۆۋەن
بولغانلىقتىن يۇقارقىدەك ئەھۋال يۈزبەرگەن بۇلۇشى مۇمكىن!ئەمدى رىئاللىقنى ھازىرغا
يەنە 21-ئەسىرگە يۆتكىسەك بۇلاتتى،گەرچە مىللىتىمىزدە خىلى ياخشى كەيپىياتلار
بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ
مىللى پارچىلىنىش تېخى تۈگىمەستىن تېخىمۇ ئۆتكۈرلۈشۈپ كىتىۋاتىدۇ!ئەگەردە ئالتە
شەھەرنىڭ ئۇيغۇرلىرى بارچە يامان ئادەتلىرىنى ئۆزگەتكەن بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ
يېرىمدىن كۆپرەكى تۈزەلگەن بولاتتى!گەرچە بۇ يۇرتلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى سەل
ياخشىلانغان بولسىمۇ مەنىۋىيتىدە مەسىللەر كۆپ.ئەڭ چوڭ خاتالىق كەيىپ
قىلىش،زەھەر،ئەيدىز قاتارلىقلار تىز سۈرئەتتە يامراپ كەتتى،يەنىلا دىققەت قىلمىساق
ھەممىزنىڭ ئائىلسى ئېغىر دەرىجدە بوھرانغا ئۇچرايدۇ!بىزنىڭ دىققەت قىلدىغىنىمىز
ئۈزىمىزدىن بەكرەك كەلگۈسى ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرى!مائارىپىمىزنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى
ھەممىڭلار بىلسىلەر ئەمدى ئائىلە مائارىپىنى چىڭ تۇتمىساق بولمايدۇ!ئۇيغۇر مائارىپى
باللىرىمىزنى مەڭقۇرتقا ئايلاندۇرۇپ قۇياي دىدى!ئۇيغۇر مائارىپىدىن ئۈمىد كۈتكەنلەر
كاللاڭلارنىڭ سىلكىۋىتىڭلار،ئەمدى ئۈزەڭلار باللىرىڭلارغا ئۇقۇتقۇچى بولمىساڭلار
بولمايدۇ!باللىرىمىزنى ئۇيغۇر مائارىپىمىزغا تاشلاپ بەرگەنلىك باللىرىمىزنى گۆرگە
تاشلاپ بەرگەندەك بۇلاي دەپ قالدى!ئىقتىساد مەسلىسى ھازىر بىز ئۈچۈن مۇھىمدۇر ئەمما
مەنىۋى بايلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىش تېخىمۇ مۇھىم.ياشلار دەرت
تىڭشايدىغانلاردۇر!ياشلىرىمىز دۇرۇس بۇلۇپ ماڭسا مىللىتىمىزگە يېڭى يول ئاچارمىز
بەلكىم!شىمال تەرەپلەردە ئادەتتە يۇرتۋازلىق،ھەسەتخورلۇق ئىللەتلىرى ئاساسەن
يوق،خىلى ئۆم ياشدۇ،مەسلىنى ئۈزىمىزدىن كۆپرەك ئىزدەپ تۈزىتەيلى،ئالتە شەھەر
قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەدەنيىتىنىڭ بۈشۈكى ھىساپلانغان جاي،مەدەنيەتنى ئەسلى
ئالتە شەھەرنىڭ نۇپۇسلىرى تارقاتساق ياخشى بۇلاتتى،ئەمما ھالىمىز بەك
خاراب!قەشقەر،خوتەن،يەكەن،كۇچا،كورلا يىگىت-قىزلىرى بۇرنۇڭلار تېخى
قانىمىدىمۇ؟ېرىنداش.بىرىمىز يىقىلساق قايسىلار بىزگە ياردەم قىلار؟يەنىلا ئۇيغۇر
قېرىنداشلىرىمىز!مىللىتىمىزنىڭ ئۇزۇن تارىخى بار مىللەت،بىز مەڭگۈ
يۇقالمايمىز،ئۇيغۇر تىلىمىز مەڭگۈ يۇقالمايدۇ!پەقەت بىز
ئۇيغۇرچەسۆزلىيەلىسەكلا!ئۇيغۇردىيارىنىڭ ئەقىللىق ئادەملىرى مەرىپەت ئۈستىدە
ئىزدىنىڭلار،ئىزدىنىپ مىللىتىڭلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇڭلار!مۇھىم بىر گەپ
باللىرىمىزنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار!باللىرىڭلار مەكتەپ
ئالدىدا زەھەر ئىستىمال قىلمىسۇن!يەنە بارلىق يۇكلىرىمىزنى باللىرىمىزغا يۈكلەپ
قويمايلى،بىز قىلالمىغان ئىشلارنىڭ باللىرىمىز قانداق قىلالىسۇن !ئالتە
شەھەرلىكنىڭ ھەسرىتى ئۈچۈن ياش تۆكمەي،ھەسرىتىگە شىپا تاپايلى!مەن
قەشقەرلىك،ئاقسۇلۇق خوتەنلىك ھەم يەكەنلىك قىسقىسى مەن ئۇيغۇر،سەن
ئۇيغۇر، ھەممىمىز ئۇيغۇر!!!!!!!!!ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇدىغانلار كۆپۈيۈپ كەتتى،ئۇلار
پەقەت چوشقا ئازگىلدا چوڭ بولغانلار!ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن
كۆپرەك كۈچ
چىقىرايلى!!!تىل-ۋىجدان.تىل-غورور.تىل-ۋەتەن!!!!!!!!!!!!!توربەتلەردە تىل
مۇنازىرىسى تۈگەي دەو قاپتۇ بۇ خاتا!ئۇيغۇر تىلىمىز تېخى ئوڭشالغىنى يوق كۆپرەك كۈچ
چىقىرايلى
ھامۇتجان ئىدىل