
ھەر كۈن كېچە يۇلتۇز سانايمەن ،
يۈرەكتىكى يارنى ئەسلەيمەن .
كېچىدىكى ئۇيقۇ ئوغرىسى ،
يۇلتۇزۇمنى تۈندە ئىزلەيمەن .

ئاسمان ئېگىز ساناقسىز يۇلتۇز ،
بىلەلمىدىم قايسى مېنىڭكى .
يۇلۇپ ئالسام دەيمەن بىر كۈنى ،
چاقنار ئاندىن قەلبىم ئەينىكى .

بوۋام ئېيتقان بېشىمنى سىلاپ ،
كېچە چاقنار يۇلتۇز كۆرسۈتۈپ .
يۇلتۇز سانى ئىنسان بىلەن تەڭ ،
يۇلتۇزى بار ھەر كىشىنىڭ دەپ .

سالام بەرگىن ئامراق يۇلتۇزۇم ،
ساناپ ماڭسام كۆزۈڭنى قىسىپ .
پىچىرلامدۇ سۆيگۈ تىۋىشى ،
قارشى ئالسام گۈللەرنى تىزىپ .

تۆت تەرەپتە يۇلتۇز ساناقسىز ،
قاراپ يۈردۈم پەقەت شىمالغا .
قاراڭغۇدا قالدىم سېنىڭسىز ،
سەن يورۇتساڭ يېتەي ۋىسالغا.

ئىزلەپ يۈردۈم سېنى يۇلتۇزۇم ،
ئاغرىسىمۇ بويۇن ئومۇرتقام .
يۈرۈكۈمنى چېكىپ ئاۋايلاپ ،
سۆيگۈ سۇنغان ئىدىڭ ھەر ئاخشام.

توختىمايمەن يۇلتۇز سانايمەن ،
بولسا تەندە مېنىڭ نەپەسىم .
سانسىز يۇلتۇز بىرى مېنىڭكى ،
يۇلتۇز ساناش بەختىم ھەۋەسىم .

باغراش كاككۇكى... جەندە
2013.01.20
شەھىرى-كورلا