بالىلىرىمىزنى خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتامدۇق ياكى ئۇيغۇر مەكتەپلەردە ئوقۇتامدۇق ؟
(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پالىيىتىگە )
ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ
سۆز بېشى
كۈنىمىزدە بالا تەربىيىسىدەبالىمىزنى قانداق تەربىيىلەش ،قانداق ئادەم قىلىپ يىتىلىشكە ياردەم بىرىش ،قانداق مەكتەپتە ئوقۇتۇش،بۇلۇپمۇ نۇقۇل خەنزۇ تىلى بىلەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان خەنزۇ مەكتىپىدە ئۇقۇتامدۇق ياكى ئانا تىل ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىپ ئۇقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئۇقۇتۇش كىرەكمۇ دېگەن مەسىلە ھەر بىر ئاتا–ئانا بولغۇچى ئۇيغۇرنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان ،شۇنداقلا بۇ مەسىلە مىللەتنىڭ كەلگۈىسى، ئۈمىدى بولغان بالىلارنىڭ ئونىۋىرسال ساپاسى ،ئادىمىلىك سۈپىتى ،كەلگۈسى ئىستىقبالى ،ئىدىيىۋى ئەھۋالى، پەزىلىتى ، قىممەت-قارىشى كىملىكى ھەققىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا .ھەتتا بەزى ئۇيغۇر ئاتا –ئانىلار ئازغۇنلۇق بىلەن كۆز ئالدىدىكى يۈزەكى مەنپەئەتنىلا ئەلا بىلىپ "يامان غەرەزلىك قاپاقلار"نىڭ كولدۇرلىتىشىغا ئۇسۇل ئويناپ ھۆكىمەتنىڭ ھېچقانداق ئەمىر پەرمانى ،تەشەببۇسى يوق ئەھۋالدىمۇ بالىلىرىنى بەس-بەستە خەنزۇتىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتماقتا .ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار زادى بالىلارنى قايسى ،قانداق مەكتەپتە ئوقۇتۇش كېرەك ؟ئەمىسە بۇقارىشىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ كۈشادە مۇھاكىمەقىلىپ كۆرەيلى
ئاۋۋال خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلار بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئىرىشىدىغىنى بىلەن يۇقۇتىدىغىنى ھەققىدىكى تۈۋەندىكى جەدىۋەلدىكى سېلىشتۇرمىنى كۆرۈپ باقايلى:
قىسىقىسى بالىلىرىمىزنى ئاناتىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇتمىغانلار نېمىلەرگە ئىرىشىمىز؟يەنە نېمىلەردىن ئايرىلىپقالىمىز ؟
يۇقىتىدىغىنىمىز ؛-
1- بالىلارنىڭ ئانا تىلىدىن ئايرىلىپ قالىمىز.
2- بالىلارنىڭ ئۇيغۇرغا خاس بولغان قىممەت قارىشى، مىللى كىملىكىكىشىلىك قارىشى ، مىجەز –خاراكتىرىدىن، پىسخىكىسىدىن ئايرىلىپ قالىمىز.
3- بالىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىدىن،مەسىلىلەرنى ئۇيغۇر مەۋقەسىدە تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن ئايرىلىپ قالىمىز
4- بالىلىرىمىزنىڭ ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەربىيە مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالىمىز .
5- ئۆزىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىمىزنى ئازايتىمىز
6- مىللى مائارىپ ،مىللى مەكتەپلەرنىڭ بىر بىرلەپ يۇقۇلىشىنى تىزلىتىمىز
7- ئاز كۈندىن كېيىن ئانا تىلىمىزدىكى ئەدەبىيات -نەشرىيات ئىشلىرىمىزنىڭ چۈكىشىنى،يۇقۇلىشىنى تېزلىتىشىگە سەۋەب بولىمىز
8- ئۆزىڭىز ،ئاتا بوۋىمىز ،ئەجدادىمىز بىلەن بالىلىرىمىز،كەلگۈسىمىزئوتتۇرسىدا ھالاكەتلىك ئۈزۈلۈش ،سۈپەت ئۆز گۈرۈش پاجىئەسىنى ئۆز قۇلىمىز بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز .
9- بالىلىرىمىز دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇق مەدەنىيەت جەۋھىرى ،مىراسى بولغان ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلىمىز .
10- بالىمىزنى دىنسىز ،ئازغۇنلۇق ئەخلاقسىزلىق نىشانىغا باشلايمىز
ئېرىشكىنىمىز ؛
1- دۇنيا بۇيۇنچە ئەڭ كۆپ سانلىق ئادەم قوللىنىدىغان خەنزۇ تىلىنى بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلى قىلىپ ئۈگۈتۈپ، بالىلىرىمىزنى بىۋاسىتە خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋاستلىق ھالدا دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرى،ئۈچۈرلىرى بىلەن كەڭ تۈردەئۇچرىشىش ،ئۈگىنىش پۇرستىگە ئىگە قىلىمىز .بالىلىرىمىزنى خەنزۇ مەدەنىيىتى ، ئۆزلىكى مۇھىتىدا تەربىيىلەيمىز
2- خەنزۇ تىلى ئۈگەنگەن بالىلىرىمىزنى كەلگۈسى ئۆز رايۇنىمىزدا ياكى ھەرقايسى جايلاردا بىر قەدەر ئاسان ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمىز
3-"ھازىر زامان مودا ئېقىمى شۇنداق تۇرسا ،ھەممە ئادەم بالىلىرىنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇتىۋاتسا..."دىگەن قارىغۇ ،نادانلىق ئېقىمىدىكى مەخسەتكە يەتكەن بۇلىمىز.
4-مۇشۇ زاماندىكى كۈندىلىك تۈرمۇش ،ئىشلەپچىقىرىش ،سودا سېتىق خىزمەت ۋە باشقا ئالاقىدە راۋان ئالاقە قىلىش ماھارىتىنى يىتىلدۈرىمىز .قۇلايلىققا ئېرىشىمىز
5-ھۆكىمەت باش سىتىراتىگىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغان .ئەمما يەرلىك يامان غەرەزلىك قاپاقلارنىڭ كولدۇرلىتىشىغا ئايلىنىپ كەتكەن قوش "تىل ئوقۇتىشى"(ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى مەكتەپلەردە يولغا قويۇلىۋاتقان بۇسىياسەت ئەمەلىيەتتە ئانا تىلنى قەستەنسىقىپ چىقىرىپ ،كەمسىتىپ يەككەتىل ئوقۇتۇشى ،يەنى خەنزۇ تىلىدا كۈچەپ ئۇقۇتۇش ئېلىپبېرىش سىياسىتى بولۇپ دۇنياۋى ئالدامچىلىق دىيىلسە ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ )نىڭ كولدىرلىتىشىغا ئۇسۇل ئوينايمىز.
تەۋسىيە!
ئەڭ ياخشىسى –بالىڭىزنى ئاۋۋال چوقۇم ئانا تىل يېزىقىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ ئاندىن تىرىشىپ خەنزۇتىلى ۋە باشقا كۆپ تىل ئۆگىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىش.
تۈگەنچە؛
ئەلۋەتتە بۇ يازمىدىكى بەزى پىكىر نۇقتىلىرى مىنىڭ شەخسى قارىشىم ،يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ،كۈزىتىشكە تەتقىق قىلىشقا،مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .كەم قالغان تەرەپلەر بولسا ئورتاق تۇلۇقلىساق .
ئىزاھات -* ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەر 20نەپەر ئۇيغۇر بالا ئۇيغۇر مەكتەپتىن ئايرىلسا بىر نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنى خىزمەت پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىمىز .ئۇيغۇر مەكتەپلىرىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا كىچىكلىشىپ، ئازىيىپبارىدۇ. ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك 5-ئوتتۇر مەكتەپتە ئالدىنقى يىلىلا ئوقۇغۇچى يىلسىرى ئازلاپ -ئوقۇغۇچى ئاز ،ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئوقۇتقۇچى كۆپ بۇلۇش،شۇ سەۋەپلىك كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىختىسادى مەنپەتى ،خىزمەت ئورنى زىيانغا ،خىرىسقا ئۇچراشتەك پاسسىپ ئەھۋال كۆرۈلدى ...ھەتتا يەنە ھازىر ئاقسۇ شەھرىدە ئاقسۇ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرامەكتەپ ،10-،11-باشلانغۇچ مەكتەپ تۇلۇقسىز قىسمى ،6-باشلانغۇچ مەكتەپلەر (ئۇيغۇر مەكتەپلەر) ھەممىسى ئاتالمىش بىر مەكتەپ قىلىنىپ ئىخچاملىنىپ ، خەنزۇ مەكتەپ شىددەت بىلەن كىڭەيمەكتە. بىرەسمى خەۋەرگە قارىغاندا ھەتتا بىرقىسىم ۋىلايەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى داڭلىق مىللى ئوتتۇر مەكتەپنىڭ بىرى بولغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرامەكتەپنىڭ ،مەكتەپ ئورنىنى 2-باشلانغۇچ(خەنزۇ مەكتەپ )قا بوشۇتۇپ بىرىش ،ۋىلايەتلىك1-ئوتتۇرىنى شەھەر سىرتىغا يۆتكەش تەكلىپى ئوتتۇرغا قۇيۇلغانمىش .بۇ خەۋەر گەرچە بىرەسمى خەۋەر بولسىمۇ ئەمما ھازىرقى كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئازىيىپ كىچىكلەپ بېرىشىنىڭ ئەكسىچە خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تىز بۇلىشىدەك ئەمىلىيەتتىن شۇنى كۈرۈش مۇمكىنكى بۇنداق ئەھۋالغا ئەجەپلەنمىسەكمۇ بۇلىدىغۇ؟!خوشخۇلاسە شۇكى يۇقارقىدەك ئەھۋاللار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ خەنزۇچە ئۇقۇتۇش ئېلىپبارىدىغان مەكتەپكە ئېقىپ كېتىپ بارغانلىقىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرى ئەمەسمۇ؟
( مەنبە ؛ئۆز يازمام ،ھەم تۇنجى ئېلان قىلىشىم )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-22 07:48 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-23 11:05 AM):
30f0f8007a94740afa069a78d7ac37e7?fid=3640695401-250528-2266157775&time=1358910210&sign=FDTA-DCb740ccc5511e5e8fedcff06b081203-ETg5Q4a%2Bxu%2FewjR%2FtgSN2YwsH3E%3D&expires=8h&size=c850_u580&quality=100
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-2-7 05:17 PM):
باشقۇرغۇچى ئەپەندىلەر جەدىۋەل يوللىسام ئۇتۇقلۇق بولمىدى يازما يەنە كەمتۈك پېتى يوللىنىپ تۇرۇپتۇ بىر ئامال قىلساق بۇلاتتى
ئالاقە مەنزىلىم 928021205 چ چ
تېل---------13565165488