مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3674|ئىنكاس: 53

بىدئەت ۋە سۈننەت(تولۇق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

!!!افۇرقان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 593 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 02:20:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم تورداشلار   ! بۇ يازمام دىن مەدەنىيىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان (بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى )

دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى !

                                                          بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىيىم

1.باب : بىدئەت دىگەن نىمە؟

ج:بىدئەدت دىگىنىمىز ئىسلام دىنىدا ھىچقانداق ئاساسى يوق،كىشىلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ساختا ئىشلاردۇر!

"ئاللاھ" قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:" ا ل ر   بۇ ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ھەممىدىن خەۋەردار ، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ، ئايەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا (يەنى ھەممە ئىشلار)تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتاپتۇر".----سۈرە ھۇد 1-ئايەت...

"ئاللا"يەنە مۇنداق دىگەن :"بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم ، سىلەرگە نىئىمىتىمنى تاماملىدىم،ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم ".سۈرە مائىدە   3-ئايەت

"ئاللاھ " يەنە مۇنداق دىگەن :"پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئىلىڭلار ، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار ".سۈرە ھەشىر 7-ئايەت.

"ئاللاھ" يەنە مۇنداق دىگەن:"ئى مۆمىنلەر سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا ھىچقانداق بىر سۆزنى ۋە ئىشنى ئالدى بىلەن قىلماڭلار ". سۈرە ھۇجۇرات 7-ئايەت

"ئاللاھ"يەنە مۇنداق دىگەن :"ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشقا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا ئەر - ئايال مۆئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ".سۈرە ئەھسىزاپ 36-ئايەت .

ئاللاھ يەنە مۇنداق دىگەن :" ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (بۇ ھالال بۇ ھارام)دىمەڭلار،چۈنكى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئۇيدۇرۇپ چىققان بولىسىلەر . ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئۇيدۇرغۇچىلار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ". سۈرە نەمىل 116-ئايەت.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"روھىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى ، سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلارنىڭ خاھىشى مەن ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئەگەشكەن بولماي تۇرۇپ مۆئمىن بولالمايدۇ "تىرمىزى خاتىرلىگەن .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى قۇرئان كەرىمنىڭ سۆزىدۇر . يولنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر . ئىشلارنىڭ يامىنى دىندا ئەسلى يوق بولۇپ ، كىيىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر ، ئەسلى دىندا يوق بولۇپ كىيىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر . بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۇمراھلىقتۇر . ەۇمراھلىقنىڭ ھەممىسى دوزاقتىندۇر !"ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"كىمكى ھىدايەتكە چاقىرسائۇ ئادەمگە شۇ ھىدايەتكەئەگەشكەن ئادەمنىڭ ئەجرىدى نھىچنىمە كىمەيتىلمەستىن، ئەگەشكۈچىگە ئوخشاش ئەجىر بولىدۇ. كىمكى گۇمراھلىققا چاقىرسا چاقىرغۇچى ئادەمگە شۇ گۇمراھلىققا ئەگەشكۈچى كىشىنىڭ گۇناھىدىن ھىچنەرسىە كىمەيتىلمەستىن ئۇنۇڭغا گۇناھ بولۇپ تۇرىدۇ " ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :" كىمكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان بىر ئىشنى قىلسا ، ئۇ ئەمەل قۇبۇل قىلىنمايدۇ ". ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن.

ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ :" ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەردىن دىن قىلىپ بىكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ ؟" سۈرە شۇرا 21-ئايەت .

2.سۈننەت دىگەن نىمە؟

ج:سۈننەت دىگىنىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلامغا ئەگىشىش دىگەنلىكتۇر.

"ئاللاھ"قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:"ئى مۇھەممەد ئۇلارغا ئېيىتقىنكى ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوسىت تۇتساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلاركى ئاللاھ سىلەرنى دوسىت تۇتىدۇ" . سۈرە ئال ئىمران 31-ئايەت

"ئاللاھ"قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:"پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار ، پەيغەمبەر چەكلىگەندىن چەكلىنىڭلار ".سۈرە ھەشىر7-ئايەت.

"ئاللاھ"قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:"كىمكى پەيغەمبەر گە ئىتائەت قىلىدىكەن ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ "سۈرە نىسا 80-ئايەت .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"ماڭا ئەگەشكەن كىشى ئاللاھقا ئەگەشكەن بولىدۇ.ماڭا ئاسىي بولغان كىشى ئاللاھقا ئاسىي بولغان بولىدۇ ." ئىمام بۇخارى خاتىرلىگەن .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مىېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس" . بۇخارى خاتىرلىگەن .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"مەن سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قالدۇرۇپ كىتىدىغان بولدۇم . بىرى ئاللاھنىڭ كالامى يەنە بىرى مىنىڭ سۈننەتلىرىم . سىلەردىن كىمكى مۇشۇ ئىككى نەرسىنى چىڭ تۇتالىسا زادىلا ئازمايدۇ " ئىمام مالىك خاتىرلىگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"ئاراڭلاردىن كىمكى ئۇزۇن ياشىسا كۆپ ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ.سىلەر مىنىڭ سۈننىتىمنى ۋە راسىتچىل توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلەرنىڭ   سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار ، بىدئەت ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار . ھەقىقەتەن ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر " ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى خاتىرلىگەن .

بىدئەت ۋە  سۈننەت ( داۋامى  )

بىدئەتنىڭ  تۈرلىرى  

1.ئۆلۈكلەر ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللەر  نىڭ  ساۋابى  ئۇلارغا  يىتەمدۇ؟

ج: ئۆلۈكلەر ئۈچۈن  قىلىنغان  ئەمەلنىڭ ساۋابى بەزىسىگە يىتىدۇ  ، بەزىسىگە  يەتمەيدۇ، ساۋابى  يەتمەيدىغانلىرى  مۇناپىق  -كاپىرلاردۇر!.

"ئاللاھ  " قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:"ئى  مۇھەممەد  ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار)ئۈچۈن مەيلى  مەغپىرەت تەلەپ قىل  ياكى  قىلما(بەرىبىر ئوخشاش).ئۇلار ئۈچۈن  70قىتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ ئاللاھ ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ  !.چۈنكى ئۇلار  ئاللاھنى ۋە پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى .ئاللاھ پاسىق قەۋىمنى ھىدايەت قىلمايدۇ" سۈرە تەۋبە 80-ئايەت

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن؛"ئەگەر ئىنسان ئۆلسە ئۇنىڭ ئۈچ ئەمەلىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ  ،ئۇ  سەدىقە جارىيە ، مەنپەئەت قىلىدىغان ئىلىم ، ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى بالىنى تەربىيىلەپ قويۇش"ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن .

ئىبنى ئابباس مۇنداق دەيدۇ:"سەئىد ئىبنى ئۇبادە رەسۇلىللاھتىن مۇنداق دەپ سورىغان ، ئانام ھايات ۋاقتىدا بىرەر ئىشنى نىيەت قىلىپتىكەن  لىكىن نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي قازا قىلدى قانداق قىلسام بولار ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەن ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئورۇندىغىن دىگەن.سەئىد ئىبنى ئۇبادە نىمە سەدىقە قىلسام بولار دىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  سۇ سەدىقە قىلغىن دىگەن. سەئىد ئىبنى ئۇبادە  مەدىنىدە بىر قۇدۇق قىزىپ  سەدىقە قىلغان . ئىمام ئەھمەد ۋە نەسەئى خاتىرلىگەن .

"ئاللاھ  " قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:"ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ".سۈرە نەجىم 39-ئايەت.

بۇنداق كىشىلەرگە ساۋابنىڭ يىتىپ تۇرۇشى  ئاشۇ ئەمەللەرگە ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئاساس  سالغانلىقى ئۈچۈن.مۇسۇلمانلار ئىمكانقەدەر ئۆز قولى بىلەن ياىشى ئىش قىلىشى  ۋە  ياخشى  ئىشلارنى نىيەت قىلىشى  كىرەك .ھاياتلىقىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشمىگەن كىشىلەرگە ئۆلگەندە ئۇلار ئۈچۈن قىلغان ھەرقانداق  ئەمەلنىڭ ساۋابى يەتمەيدۇ  ".

2.مىيىتنى قەبرىگە قويغاندا مىيىتكە نەسىھەت قىلىش ،كىسەككە ئىخلاس ئوقۇپ مىيىت بىلەن كۆمۈۋىتىش ۋە قەبرىستانلىقلاردا قۇرئان ئوقۇش توغرىمۇ؟قەبرىدىكى ئۆلۈكلەر نەسىھەتنى ئاڭلىيالامدۇ؟

ج:"ئاللاھ  " قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:"سەن ئۆلۈككە ئاڭلىتالمايسەن".سۈرە پاتىر22-ئايەت.

قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇشنىڭ توغرا-خاتالىقى توغرىسىدا تۆت ئىماملارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بار.ئىمام مالىكتىن باشقا  ئۈچ  ئىمام قۇرئاننى  قەبرىستاندا ئوقۇش  مەكرۇ دەپ قارايدۇ.

"ئاللاھ  " قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:"ئۇ (قۇرئان)پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ،كاپىرلارغا ئازاپنىڭ تىگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن  نازىل  بولغان   ۋەز -نەسىھەتتۇر  ۋە  روشەن قۇرئاندۇر  ." سۈرە ياسىن70-ئايەت.

قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇش ساھابىلەرنىڭ ۋە  ساھابىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ زامانىدا كۆرۈلمىگەن ئىش.  مىيىتنى يەرلىككە قويغاندىمۇ مىيىتكە نەسىھەت قىلىش مەسىلىسىمۇ  شەرىئەت ئالىملىرىنىڭ  ھەممىسى بىردەك مەكرۇ  دەپ قارىغان ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مىيىتنى يەرگە  قويغاندا مۇنداق دەڭلار دىگەن :"ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ،رەسۇلىللاھنىڭ سۈننىتى بىلەن سىنى قەبرىگە قويدۇم".ئەبۇ داۋۇت ۋە نەسەئى خاتىرلىگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىيىتنى دەپنە قىلىپ بوولغاندىن كىيىن مۇنداق  دەيىتتى:"ئى ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن ،ئۇنى ئىماندا مۇستەھكەم قىلغىن ".ئەبۇ داۋۇت خاتىرلىگەن.

ئىبنى ماججەھ خاتىرلىگەن ئۈممۇ كۇلسۇمنىڭ قەبرىسىگە بىز سەندى يارالغان ،ساڭا قايتىمىز ، ئىككىنچى قىتىم سەندىن چىقىرىلىمىز دىگەن سۆزنى ئېيتىپ  ئۈچ سىقىم توپىنى قەبرىگە چاچتى  دىگەن ھەدىسىنى  ئىمام ئەھمەد ئاجىز ھەدىس  ،توپىغا بىرنىمە دىيىش ،ئايەت ئوقۇش ياخشى ئەمەس دەيدۇ. بارلىق مۇسۇلمان  قىرىنداشلارنىڭ بۇنداق  بىدئەت ئىشلارنى قىلماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن . بىدئەت ئەمەل ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دىگەن ؛"كىمىكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان بىر ئەمەلنى قىلسا بۇ ئەمەل ھەرگىز قۇبۇل قىلىنمايدۇ ". ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن.

3.قەبرىستانلىقلاردا قانداق دۇئا قىلىش كىرەك ؟

ج:بەزى كىشىلەرنىڭ قەبرىستانلىقلاردا ۋارقىراپ ، يىغلاپ ھەرخىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى قىلىپ ۋە سەدىقىلەرنى قەبرىستانلىقتا ئىشلىتىپ  ،  دۇئا قىلىشنىڭ ئاساسىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق  دۇئا قىلاتتى :"ئەسسەلەمۇئەلەيكوم ئى مۆئىمىن مۇسۇلمانلار يۇرتىنىڭ ئاھالىسى سىلەرگە سالامەتلىك تىلەيمىز ، خۇدا خالىسا  بىزمۇ چوقۇم  ئارقاڭلاردىن بارىمىز، ئۆزىمىز ئۈچۈن ۋە سىلەر ئۈچۈنمۇ  ئاللاھتىن ئامانلىق تىلەيمىز ." ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن .

مۇسۇلمانلار چوقۇم رەسۇلىللاھنى ئۈلگە قىلىشى لازىم.

4.قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇپ پۇل ئالسا بولامدۇ ؟

ج: قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇپ پۇل ئېلىش ھارام .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن؛"قۇرئاننى ئوقۇڭلار ۋە قۇرئانغا ئەمەل قىلىڭلار،قۇرئان ئارقىلىق بىر نەرسە تىپىپ يىمەڭلار ۋە  قۇرئام ئارقىلىق دۇنيا جۇغلىماڭلار " ئىمام ئەھمەد خاتىرلىگەن .

5.قەبرىستانلىقلاردا تەرەتنىڭ پەرزىنى سوراش شەرتمۇ؟

ج:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرىستانلىقلاردا تەقدىرگە  ئوخشاش مۇھىم مەسىلىلەرنى بايان قىلاتتى . تەرەتنىڭ پەرزىنى سوراش  شەرت ئەمەس .

6.قەبرىستانلىقلاردا ئىبادەت قىلىش توغرىمۇ؟

ج؛قەبرىستانلىقلاردا ئىبادەت قىلىش مۇشرىكلىك .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن؛"قەبرىستانلىقلاردا ناماز ئوقۇماڭلارۋە ئۇ يەردە ئولتۇرماڭلار".ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن؛"يەھۇدىي ناسارالار ئۆزلىرىنىڭ ئەنبىيالىرىنىڭ قەبرىسىنى مەسچىت قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن  ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى ."ئىمام ئەھمەت خاتىرلىگەن.

"ئاللاھ  " قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:"نامىزىڭدا يۈزۈڭنى مەسچىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن (ئى مۆمىنلەر) سىلەرمۇ قەيەردە بولماڭلار (نامىزىڭلاردا)يۈزۈڭلارنى مەسچىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار".سۈرە بەقەرە 144-ئايەت

مازايى ماشايىقلارنىڭ قەبرىلىرىگە بىرىپ ئىبادەت قىلىشنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كاپىرلارنىڭ  بۇتخانىلىرىغا بىرىپ بۇت ئالدىدا ئىبادەت قىلغانغا ئوخشاش  مۇشرىكلىك دىگەنىدى.

7.نەزىر دىگەن نىمە ؟ئۆلۈكلەر گە ئاتاپ نەزىر بىرىش توغرىمۇ؟

ج: نەزىر دىگەنلىك ئەھدى قىلىش ياكى نىيەت قىلىش دىگەنلىك .

نەزىرنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا  ئاللاھ مۇنداق دىگەن:"ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيىتتى : پەرۋەردىگارىم مەن قورسىقىمدىكى بالىنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن)ئازات قىلىنغان ھالدا  چوقۇم سىنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم. بۇ نەزىرىمنى قۇبۇل قىلغىن  سەن ھەقىقەتەن  ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن  بىلىپ تۇرغۇچىسەن ". سۈرە ئال ئىمران 35-ئايەت.

نەزىر دىگەنلىك يۇقارقىغا  ئوخشاش ياخشى ئىشلارغا نىيەت قىلىش نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش  نەزىر دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  نەزىر قىلىشنى چەكلەپ مۇنداق دىگەن:"نەزىر دىگەن تەقدىر نى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ،ئۇپەقەت بىخىللارنى بىخىللىقتىن قۇتقۇزىدۇ".ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن.

ئۆلۈكلەر گە ئاتاپ نەزىر بىرىش ۋە  ئاق باغلاپ قارلىق تۇتۇش  3-7-20-40-كۈنى  ۋە  يىلى  بولدى  دىگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلار بىلەن  نەزىر بىرىش بۇددا دىنىنىڭ ئادىتى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن؛"كىمكى كاپىر قەۋىملەرگە ئوخشاش بىر ئەمەلنى قىلسا  ئۇ كىشى شۇ  قەۋىمدىن بولىدۇ ."ئىمام ئەھمەد خاتىرلىگەن.

8.مازايى -ماشايىخلار قەبرىسىگە ئاپىرىپ ھايۋان بوغۇزلاش توغرىمۇ؟

ج:بۇنداق قىلىش  مۇشرىكلىك ،ئاللاھ مۇنداق دىگەن :"پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ،(پەرۋەردىگارىڭ ) ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغىن".سۈرە كەۋسەر 2-ئايەت

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"كىمكى ئاللاھتىن باشقىلكار ئۈچۈن ھايۋان بوغۇزلايدىكەن   ئاللاھ ئۇنىڭغا لەنەت قىلىدۇ." ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن.

قان قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"ئىسلام دىنىدا قان قىلىش  يوق "ئەبۇ داۋۇت خاتىرلىگەن، مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ مۇنداق  مۇشرىكلىك ۋە كاپىرلىققا يىتىدىغان  ئەمەللەرنى قىلماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.

9.قەبرىلەرنى ھەشەمەتلىك قاتۇرۇش ،تۇغ ئەلەم ئېسىش ۋە گۈللەرنى ئېسىش توغرىمۇ؟

ج:مۇنداق قىلىش خاتا. بەزى كىشىلەرنىڭ  قەبرىلەرگە ھايۋاننىڭ بىشى ، مۈڭگۈزلىرى ھەرخىل شەكىلدىكى بايراقلار ۋە گۈللەرنى ئىسىپ داۋاملىق يىڭىلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز،مۇنداق قىلمىشلار يەھۇدىي ناسارالارنىڭ ۋە خۇداسىزلارنىڭ  گۈل چەمبىرەك ئىسىپ قويغىنىغا ئىسىپ قويغىنىغا ئوخشاش كۇپۇرلۇق.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"گەج پىششىق خىش قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى بىلەن قەبرە ياسىماڭلار ۋە قەبرىلەردە ئولتۇرماڭلار  بىنا سالماڭلار".ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن.

10.ئاياللارنىڭ مىيىتىنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ھىكمەت ئوكۇپ سۈلكى ئوينىشى توغرىمۇ؟

ج:مۇنداق قىلىش بىدئەدچىلىك.بۇنداق قىلىشلار   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر زامانىدا كۆرۈلمىگەن  ئىش .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"كىمكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان بىر ئەمەلنى قىلسا  بۇ ئەمەل قۇبۇل قىلىنمايدۇ".بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن.

11.مازالارنى تاۋاب قىلىش ۋە ئۇلاردىن ياردەم سوراش توغرىمۇ؟

ج:بۇنداق قىلىش كاپىرلىقتۇر."ئاللاھ "مۇنداق دىگەن:"قەدىمقى بەيىتنى (يەنى بەيتۇللانى )تاۋاب قىلسۇن". سۈرە ھەج 29-ئايەت.

"ئاللاھ"مۇنداق دىگەن:"ئى ئاللاھ ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز دەڭلار".سۈرە پاتىھە5-ئايەت.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"سورىساڭلار ئاللاھتىنلا سوراڭلار،ياردەم سورىساڭلارمۇ ئاللاھتىنلا سوراڭلار !".تىرمىزى خاتىرلىگەن.

تاۋاپ قىلىشقا لايىق جاي پەقەت بەيتۇللادۇر،سوراشقا تىگىشلىك زات پەقەت ئاللاھتۇر.

12.چىراق نان  دەپ نانغا شامنى قاداپ يىيىش ،يولدىن تۈتۈن ئۇۋۇقى تىرىپ ئىسرىقلاش توغرىمۇ  ؟

ج:بۇنداق قىلىش بىدئەتچىلىك  .چۈنكى  بۇ  قىلمىشلار  شامان  دىنى ، بۇددا  دىنى ۋە  ئوتپەرەسلەرنىڭ  ئىبادەتلىرى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"كىمكى كاپىر قەۋىمگە ئوخشاش بىر ئەمەلنى قىلسا ئۇ كىشى شۇ قەۋىمدىن بولىدۇ".ئەبۇ داۋۇد خاتىرلىگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"كىمكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان بىر ئەمەلنى قىلسا ئۇ ئەمەل ھەرگىز قۇبۇل قىلىنمايدۇ."بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن.

13.مەۋلۇد ئوقۇش توغرىمۇ؟

ج:مەۋلۇد ئوقۇش بىدئەتچىلىك.چۈنكى مەۋلۇد ئوقۇغۇچىلار (يەنى رەۋسۇلىللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلىگۈچىلەر)رەسۇلىللاھنى ماختاپ ، ئىلاھلاشتۇرۇپ كۆككە كۆتۈرۈشىدۇ.ئۇلارنىڭ شىئىرلىرى پۈتۈنلەي ماختاش بىلەن تولغان، ئاللاھتىن باشقىنى ماختاش  مۇشرىكلىك .

"ئاللاھ"مۇنداق دىگەن:"جىمى ھەمدۇ سانا  ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارلىقى ئاللاھقا خاستۇر."سۈرە پاتىھە2-ئايەت.

"ئاللاھ"مۇنداق دىگەن:"بىشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا ئىجابەت قىلغان ،ئۇنىڭ بىشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋىتىدىغان  ۋە سىلەرنى زىمىننىڭ ئىز باسارى قىلغان كىم؟".سۈرە نەمىل 62-ئايەت.

"ئاللاھ"مۇنداق دىگەن:"ئى مۇھەممەد ئۇلارغا ئىيىتقىنكى مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇكى سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىرلا ئىلاھتۇر .كىمكى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقەت بولۇشنى ئۈمىت قىلىدىكەن ياخشى ئىش قىلىدىكەن ياخشى ئىش قىلسۇن.پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھىچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن"...سۈرە كەبە 110-ئايەت.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"ناسارالار ، مەريەم ئوغلى .ەيسانى ماختىغاندەك مىنى ماختىماڭلار،مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر بەندە.مىنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار ">ئىمام بۇخارى خاتىرلىگەن.

مەۋلۇد(تۇغۇلغان كۈن خاتىرلەش) ئوقۇش رەسۇلىللاھ ۋە ساھابىلەر زامانىدا كۆرۈلمىگەن بىر ئىش.بۇ ئىش  شام پادىشاھى مۇزەپپەر  تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان. بەر زەنجى دىگەن كىشى قەسىدىسىنى يازغان. شۇ سەۋەپتىن  مۇسۇلمانلار ئارىسىغا  تارقىلىپ كەتكەن.تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزۈش ئەمەلىيەتتە ناسارالارنىڭ (خىرىستىيانلارنىڭ)ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ  تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغان بايرىمى. مۇسۇلمانلار ئىچىدە  مۇھەممەھ ئەلەيھىسسالامنى  ماختاپ ئىلاھلاشتۇرۇپ  مۇنداق پائالىيەتلەرنى قىلىشى ھەقىقەتەنمۇ مۇشرىكلىك .

14.كاھىن  رەمباللارنى ۋە پالچىلارنى  غەيىپنى بىلدى دەپ ئىشىنىش توغرىمۇ؟

ج: ئۇلارغا غەيىپنى بىلدى دەپ ئىشىنىش كاپىرلىق.

"ئاللاھ"مۇنداق دىگەن:"ئاللاھدىن بۆلەك ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكىلەر غەيىپنى بىلمەيدۇ".سۈرە نەمىل 65-ئايەت.

"ئاللاھ"مۇنداق دىگەن:"غەيىپنىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر . ئۇنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ".سۈرە ئەنئام 59-ئايەت

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"بىركىشىنىڭ ئالدىغا پالچى رەمبال ياكى كاھىن كىلىپ بىر نىمىلەرنى دىسە ئۇنۇڭغا ئىشەنسە چوقۇم  ئۇ  كاپىر دۇر ! بۇ توغرۇلۇق مۇھەممەھ ئەلەيھىسسسالامغا ئايەت نازىل بولغان". ئىمام ئەھمەت خاتىرلىگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"كاھىنلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ دىدى.كىشىلەر ئى رەسۇلىللاھ  بەزىدە ئۇلارنىڭ دىگىنى توغرا چىقىپ قالىدۇغۇ؟ دىگەندە رەسۇلىللاھ جاۋابەن  ئۇ كاھىن لار شۇ توغرا گەپنى پەرىشتىلەردىن ئاڭلىۋالغان جىندىن ئالىدۇ،جىن ئۇ  ئاڭلىۋالغان سۆزنى دوستى كاھىنغا دەپ بىرىدۇ،كاھىن ئۇ سۆزگە يۈز يالغاننى قىتىپ تارقىتىدۇ".ئىمام بۇخارى خاتىرلىگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"كىمكى كاھىنلىق قىلىدىكەن  ياكى كاھىنلىق قىلغۇزىدىكەن ئۇ بىزدىن ئەمەس".تەبرانى خاتىرلىگەن.

15.بەزى ئايەتلەرنى ئەبجەد  تەرتىۋى بويىچە يىزىپ دۇكانلارغا چاپلاپ قويسا سودىسى راۋاجلىنامدۇ؟

ج: مۇنداق قىلىش ئەخمەقلىق.

"ئاللاھ"مۇنداق دىگەن:"يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بىرىشنى ئاللاھ مەرھەمەت يۈزىسىدىن ئۆز ئۈستىگە ئالغان ". سۈرە ھۇد6-ئايەت

"ئاللاھ"مۇنداق دىگەن:"ئۇ مىنى ياراتقان  ئۇ(ئاللاھ) مىنى ھىدايەت قىلىدۇ ، ئۇ مىنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ ،ئاغرىپ قالسام ساقايتىدۇ..." سۈرە شۇئەرا78-77-79-80 ئايەت.

"ئاللاھ"مۇنداق دىگەن:"ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھىسابسىز رىزىق بىرىدۇ". سۈىمران 37-ئايەت .

"ئاللاھ"مۇنداق دىگەن:"ئاللاھ بەندىلىرىدىن قايسى ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ  قىلماقچى بولسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ،كىمنىڭ رىزقىنى تار قىلماقچى بولسا  ئۇنى تار قىلىدۇ .ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر"سۈرە ئەنكەبۇد 62-ئايەت .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"يۈرەكسىز تىجارەتچى كۆپ پايدىدىن مەھرۇم قالىدۇ.يۈرەكلىك تىجارەتچى كۆپ پايدىغا ئېرىشىدۇ".ئىمام مۇسلىم ۋە بۇخارا خاتىرلىگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"رىزقىمنى كەڭ بولسۇن ياكى ئۆمرۈم ئۇزۇن بولسۇن دىگەن ئادەم يىقىن تۇغقانلىرى ۋە يىقىنلىرىغا رەھىم قىلسۇن".بۇخارى خاتىرلىگەن.

16.باشقىلار ئۆيگە كىرگەندە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىش توغرىمۇ؟

ج: مۇنداق قىلىش بىدئەتچىلىك مۇشرىكلىك.

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"كىمكى باشقىلارنىڭ  ئۆزىگە ئورنىدىن تۇرۇشىنى ياخشى كۆرسە  ئۇ كىشى دوزىقتىن ئۆزىگە بىر كىشىلىك جاي تەييارلاپ قويسۇن«.مۇسلىم خاتىرلىگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"سىلەردىن ھىچكىم  بىرەر ئادەمنى قوپقۇزۇۋىتىپ ئورنىدا ئولتۇرۇۋالمىسۇن ،لىكىن سۈرۈلۈپ ئورۇن بوشىتىپ بىرىڭلار». بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن.

باشقىلارغا ئورنىدىن تۇرغانلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"بۇرادىرىڭگە زىيان سىلىش ئۈچۈن سەيتاننىڭ بۇرادىرى بولماڭلار» بۇخارى خاتىرلىگەن.

«ئاللاھ »مۇنداق دىگەن:«ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلار  ،ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھىسابلىنىسىلەر ».سۈرە ھۈجۈرەت 13-ئايەت

بەزى كىشىلەر باي ،ئىلىملىك،  ئەمەلدار ياكى مەرتىۋىلىك كىشىلەر بولسا  ، ئورۇن بوشىتىپ  ھۆرمەت قىلدۇق دىيىشىدىكەن ، ئەمما ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشى  چوقۇم ئەڭ تەقۋادار كىشى . ھۆرمەتلەش بولسا كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بولىدۇ،ئەگەر سىز بىر ئۆلىمانى ھۈرمەتلىمەكچى بولسىڭىز  ئۇنىڭ توغرا بولغان پىكىرىنى قوللاڭ ، توغرا ئىش ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇڭ ... كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە  ئىرىشمەكچى بولغان ھەرقانداق كىشى  ئورنىنى سورۇننىڭ تۆرىدىن ئەمەس  ، كىشىلەر قەلبىنىڭ تۆجرىدىن ۋە  جەننەتتىن ئىزدىشى  كىرەك  !

17.تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش توغرىمۇ ؟

ج: بۇنى ئۆتكۈزۈش  بىدئەتچىلىك .چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ۋە  ساھابىلەر زامانىدا  مۇنداق ئىشلار كۆرۈلمىگەن .  مۇنداق قىلمىشلار  يەھۇدىي – خىرىستىئانلارنىڭ ئادىتى .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"ھەرقانداق بىر كىشى  كاپىر قەۋىمگە ئوخشاش بىر  ئەمەلنى قىلسا  ئۇ كىشى  شۇ قەۋىمدىن بولىدۇ». ئەبۇ داۋۇد خاتىرلىگەن .

18.خەتنە تويى ئۆتكۈزۈ ش  شەرتمۇ؟

ج: بۇنداق قىلىش بىدئەت .  ساھابىلەر ۋە پەيغەمبەر  زامانىدا   بۇنداق ئىش كۆرۈلمىگەن  ،  بەزىلەر خەتنە توي  ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە  پۇل يىغماقتا بۇ چاكىنا ئادەملەرنىڭ پۇل تىپىشتىكى دەسمايىسى بولۇپ قالدى . ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىدا خەتنە ئۈچۈن  توي  ئۆتكۈزۈش  بەلگىلەنمىگەن.

19.توي كۆينىكى كىيىش مۇسۇلمانلارغا ھالالمۇ؟

ج: توي كۆينىكى كىيىش مۇسۇلمانغا ھارام. چۈنكى ئۇ  يەھۇدىي خىرىستىيانلار ھاياسىزلارچە لايىھەلىگەن  يىرىم يالىڭاچ كۆرۈنىدىغان كىيىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن:"كىمكى كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرىدىن  بىر ئەمەلنى قىلسا  ئۇ كىشى شۇ قەۋىمدىن بولىدۇ ».  ئىمام ئەھمەد خاتىرلىگەن . توي  كۆينىكى كىيگەن  مۇشرىك  قىزلارغا  نىكاھ ئوقۇش  جائىز  ئەمەس.............


ۋاقت قىسلىق  سەۋەبلىك  مۇشۇنچىلىك  يوللاندى  !  كىتابنىڭ پۈتۈن قىسمى  ئىلكىتاب  قىلىپ ئىشلەۋاتىمەن !

پات ئارىدا  يوللايمەن !  ئاللا  خالىسا !  


تەھرىردىن:  ئالدىنقى يىللاردا دىن ـ ئېتقادغا ئائىت تېمىلارغا مۇۋاپىق چەك قۇيۇش ھەققىدە سۆزلىگىنىمدە بەزى تورداشلار <<دىننىڭ گېپى چىقىپ بولغىچە جىم تۇرالمايدۇ>> دېگەن قالپاقنى ھەدىيە قىلدى.بىر يەردە ناخشا، بىريەردە بۇنداق تېما ... قالغىنىنى ئۆزۈڭلار ئويلاپ بېقىڭلار.  يەنە بىرى  بۇ خىلدىكى تېمىلارنى يوللىغاندا ئىملاسىنى قايتا ـ قايتا تەكشۈرۈپ، تۈزىتىپ يوللاڭلار. كىچىككىنە خاتالىق تۈپەيلى مەزمۇن ئۆزگىرەپ كېتىپ، گۇناھكار بولمايلى.  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-20 03:24 PM  


تىرىشچانلىق بىزدىن ، مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31178
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4770
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 1381 سائەت
تىزىم: 2011-2-20
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 04:53:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78849
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4207
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 04:58:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىگەم بىزنى توغرا يولغا باشلىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 05:19:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزدىكى قۇرئان-ھەدىس دۇردانىلىرى بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا ساقلىنىۋاتقان بىدئەت قىلمىشلىرنى چۆرۇپ تاشلىشىغا ياردىمى بولغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15691
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 05:40:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلامغا ئارلىشىپ قالغان بىدئەتلەر ھازىر ئازراق ئازلىغاندەك بىلىنىدۇ ماڭا .
ئىسلامدا يوق ئىشنى ئىسلامغا ئارلاشتۇرغانسىرى بۇ سۈيۈملۈك دىنىمىز بەك تەسلىشىپ كىتىدۇ .

خەپ ! ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت.

!!!افۇرقان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 593 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 05:49:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ALDIRAX يوللىغان ۋاقتى  2013-1-20 05:40 PM
ئىسلامغا ئارلىشىپ قالغان بىدئەتلەر ھازىر ئازراق ئازلى ...

نەدىكىنى  يىڭى  يىڭى  بىدئەتلەر   پەيدا  بولۇۋاتىدۇ!

تىرىشچانلىق بىزدىن ، مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84308
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 492 سائەت
تىزىم: 2012-8-25
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 06:01:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماشائاللاھ  سز گە .......


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 06:12:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن جەنۇبى قوۋۇقتىكى خانتەڭرى مەسچىتىگە كۆپرەك كىرىمەن .بەلكىم كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى تامغا يېزىلغان (ئابدۇللا ئىبنى ئۈمەر «پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام سىلەردىن بىرىڭلار ۋاپات بولسا ئۇنى ساقلىماڭلار ۋە ئۇنى قەبرىگە تىز قۇيۇڭلار دەپنىدىن كىيىن ئۇنىڭ باش تەرپىدە بەقەرنىڭ ئەۋۋىلىنى ،پۇت تەرپىدە بەقەرنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇڭلار» دىگىنىنى ئاڭلىدىم دەپ رىۋايەت قىلدى .مىشكات 189-بەت)دەپ يېزىقلىقنى كۆرگەن بۇلىشى مۇمكىن  .بۇنداق بولغاندا دەپنە مۇراسىمىدىن كىيىن تۇپراق بېشىدا چۇقۇم سۈرە بەقەرنى ئۇقۇش كىرەكمۇ قانداق ؟
مەقسىدىم ھەرگىزمۇ تالاش-تارتىش قىلىش ئەمەس .شۇڭا ئىنكاسىمنى ئختىلاپ دەرىجىسگە كۆتۈرۋەتمىسەڭلار .ئۇلۇغ ئاللاھ پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئىختىلاپ قىلىشتىن ساقلىغاي.بولسا مۇشۇ ھەقتە يەنىمۇ كۆپرەك ئىزدىنىپ باقساق دىمەكچىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   vmvdwar-uyhur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-20 06:12 PM  


ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23719
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3754 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 06:19:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن  . ئۇلۇغ ئاللاھ قېرىنداشلىرىمىزنى ۋە مىنى بىدئەتتىن يىراق قىلغايسەن ، ئامىن .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82107
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1904
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 490 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 06:36:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  خەلقىمىز  دەل ئېھتىياجلىق تىمىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش