لەۋلىرىم يېرىق + تەنلىرىم سۇغاق= كاككۇكى باغراش
1.لەۋلىرىم يېرىق
ئالدىمدا ئېرىق سۇ ئىچمىدىم ،
يىراقتا نىگار مەن كەچمىدىم .
لەۋلىرىم يېرىق سايراپتىمەن ،
يار ئىسمىدىن ئەگىپ كەتمىدىم.
ئۇسساپ كەتتى گۈللىرىم چاڭقاق،
سۇندۇم ساڭا سۆيگۈ جامىنى .
تولدۇرۇپ قۇي نەملەنسۇن لېۋىم ،
چەككەندىكىن يۈرەك تارىنى .
سەپەر ئۇزۇن قالدىم تەمتىرەپ ،
قىلغىن جانان يۇلۇمنى پارلاق .
سۆيگۈ تىلەي يېرىق لېۋىمگە ،
تۇغۇلمىسۇن ھىجرانلىق بوۋاق .
يېرىق لەۋگە تىلەيمەن سۆيگۈ ،
چىللىدىم ئۇزۇن ئاتمىدى تاڭ .
كۈيلىرىم جىق ساڭا ئاتىغان ،
سېغىنىشقا تېپىلماس بىر ھاڭ .
لەۋلىرىم يېرىق يېرىق بەك جىق ،
ئەمەس ساڭا يېرىلىش سىرلىق .
سۆيگۈ بەرگىن مېھرىڭدىن جانان ،
يۇمران لەۋنى قىلمىغىن قىرلىق .
باغراش كاككۇكى...
2013.01.20
شەھىرى--كورلا
2.تەنلىرىم سوغاق
كېچە سوغاق تەنلىرىم سوغاق ،
كۆكتىن ياغدى سېغىنىش قەھرى.
يۈرەكتە ئوت لەۋلىرىم مۇزلۇق ،
يا ئىللىتماس جاناننىڭ مېھرى .
كېچە سوغاق تەنلىرىم سوغاق ،
كەتمەس يىراق سېغىنىش كۆچۈپ.
مەھكەم باستىم باغرىمغا مەشنى ،
مەش ئوتىمۇ قالدى ھەم ئۆچۈپ .
كېچە سوغاق تەنلىرىم سوغاق ،
يۆگەپ ياتقان يوتقان ھەم سوغاق .
قۇچاق ئاچتى مۇزلۇق سېغىنىش ،
قۇيۇپ بەرمەس ۋىسالنى سۇلاق .
كېچە سوغاق تەنلىرىم سوغاق ،
ئۇيقۇ ئاچچىق تەملىرى قىرتاق .
ئاندا-ساندا كەلگەن سادالار ،
سېغىنىشقا سالالماس قىلتاق .
كېچە سوغاق تەنلىرىم سوغاق ،
خانەمدە بار مۇزلۇق بىر دەۋىر .
رەيھان پۇراپ كەلسە نىگارىم ،
ئىللىپ قالار رەھىمسىز تەقدىر .
باغراش كاككۇكى...
2013.01.20
شەھىرى--كورلا