پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
مۇھەممەت مۇسا(مەرگەن)
قاچتى مەندىن شادىمان چاغلار،
پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
قالدى دىلدا ھەسرەت ۋە داغلار،
پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
چاغلىيالماي باشتا ئۆزۈمنى،
تىكتىم ھەريان خۇنۇك كۆزۈمنى.
ئاڭقىرالماي قىلغان سۆزۈمنى،
پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
ئايرىماستىن ياخشى-ياماننى،
قۇم-شىغىلغا ئاتتىم خاماننى.
دان ئالالماي يىغدىم ساماننى،
پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
يۈردۈم ھەريان بىكار لاغايلاپ،
ئازغانلارنى سۆيدۈم ئاۋايلاپ.
ھاڭغا موللاق ئاتتىم ۋاي-ۋايلاپ،
پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
ئۆتتى كۈنلەر تىكمەي-تېرىماي،
تۇرارمەنغۇ دېدىم قېرىماي،
قويلىرىمغا خازاڭ سىرىماي،
پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
ئىچتىم،چەكتىم،قىمار ئوينىدىم،
كېچە-كۆندۈز ئويناپ تويمىدىم،
جاھان مېنىڭ دەپلا ئويلۇدۇم،
پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
نەسىھەتكە سالمىدىم قۇلاق،
پاتقاقلارنى كەچتىم مەن ئۇزاق،
شەيتان قۇردى يولۇمغا توزاق،
پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
كەتتى قولدىن پۇرسەت-ئامەتلەر،
بولدى يادەك،تاغدەك قامەتلەر،
بەزدى مەندىن سالام-ساھەتلەر،
پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
ھىچكىم ماڭا بولدى قارىماس،
بولغاچ ئۆزۈم كارغا يارىماس،
سالالمىدىم ھاياتقا ئاساس،
پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
يۈرۈشلىرىم شۇنچە ۋەيرانە،
كۆرگەن كىشى دەيدۇ دىۋانە،
نىشانەم يوق ئۆتتۈم سەرسانە،
پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
ئىشلىمىگەچ چىشلىيەلمەيمەن،
مادارىم يوق كېشنىيەلمەيمەن،
ئادەم سىياق تىك يۈرەلمەيمەن،
پۇشايماننىڭ دورىسىبارمۇ؟
ئۆسۈپ كەتتى چاچ بىلەن ساقال،
دۈم چۈشىمەن تەگسە گەر شامال،
يۈرەلمىدىم ھەرگىزمۇ خوشال،
پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
ئەل-ئاۋامغا قىلمىغاچ خىزمەت،
ھىچكىم ماڭا قىلمايدۇ ھۆرمەت،
ياغدى ماڭا ھەرياندىن نەپرەت،
پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
تاپالمىدىم چىقىش يولۇمنى،
سوزۇپ ھەريان كۆڭۈل-قولۇمنى،
قىلالمىدىم جارى رولۇمنى،
پۇشايماننىڭ دورىسى بارمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhammatmusa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-20 11:54 AM