|
|
|
|
نېمە دېگۈلۈك
بىر قىسىم خەنزۇۋان ئوقۇغۇچىلرىمنىڭ ئانا تىل ساۋادىنى چىقىرىمەن دەپ يۈرسەم ،ئۇلارنىڭ مەشىق دەپتىرىدىن بۇلارنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ‹‹ يىغلايمۇ يا كۈلەيمۇ ؟››
رەنجىمە
سېنىڭ ئۆتكەن دەرسىڭنى چۈشەنمەيمەن رەنجىمە. ھەر سائەت كاپىلدايسەن مەن بىلمەيمەن رەنجىمە.
ئو...... بىلەلمەيمەن رەنجىمە.
سىناق ئالساڭ سىناقتىن ئۆتەلمەيمەن رەنجىمە. سەن بەرگەن تاپشۇرۇقنى، ئىشلىمەيمەن رەنجىمە.
ئو....... ئىشلىمەيمەن رەنجىمە.
بىر كاللىنى ئىككىگە بۆلەلمەيمەن رەنجىمە. خىياللىرىم بەك تولا ئۆگىنەلمەيمەن رەنجىمە.
ئو....... ئۆگنەلمەيمەن رەنجىمە.
ئازاپ
ئازاپ يوق دەپ كىم دەيدۇ، مەكتەپتىكى تۇرمۇشتا. كەلمىدى دەپ كىم دەيدۇ، دەرسلەرگە ۋاقتىدا.
مەكتەپتىكى ئاداۋەت شۇنچە دەھشەت كارامەت. تىللىشىدۇ دەسلەپتە، مۇىشت-پەشۋا ئاقىۋەت.
دەيدۇ شۇ نۆتەك خانىم جىم ئولتۇرساڭ بولمامدۇ؟ دەيدۇ ھەم ساراڭ مەلىم، سەن ئۆگەنسەڭ بولمامدۇ؟
يىغلايمۇ يا كۈلەيمۇ؟ دەرس ئىچىدە ئۆلەيمۇ؟ ئۈچىيىمنى سۇغۇرۇپ، دوسكىلارغا ئاتايمۇ؟
مەن پەقەت ئىملانى تۈزەپ يوللاپ قويدۇم. كاللا ئىشلەپ قويۇپتۇ. ئەمما ‹‹ھازىرقى بالىلار كارامەت›› . كاللىنى جايىغا ئىشلەتسە بولاتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-20 09:49 AM
|
|
|
|
|
|