مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 832|ئىنكاس: 12

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38457
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2013-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 01:39:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىم -ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا مەلۇم بىر نام ئارقىلىق بىر - بىرىنى پەرىقلەندۈرۈشتىكى شەرتلىك بەلگىسى . ئۆتمۈشتە ۋە كۈنىمىزدە، ھەر قانداق بىر جەمئىيەت ۋە مىللەت، ئۆزلىرىگە خاس بولغان مىللىي ئەنئەنە ۋە ئادەتلىرىگە، دىنىي ئېتىقادىغا، مىللىي پەلسەپە-تەپەككۇرىغا ئۇيغۇن ئىسىملارنى ئىشلەتكەن ياكى ئىشلىتىۋاتماقتا. ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق- سوغاقلارنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ ،تالاي - تالاي ئەمىلى تەجىربىلەردىن ئالەمشۇمۇل ئىلمىي خۇلاسىلەرنى يەكۈنلەپ، ئۇيغارلىقنىڭ ( مەدەنىيەتنىڭ ) يۈكسەك پەللىسىنى تەكرار ياراتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ تىنىمسىز  ھايات مۇساپىلىرىدە  رەڭدار، مول مەزمۇنلۇق ئىسىم قويۇش مەدەنىيىتىنىمۇ ياراتقان .
بالىغا ئىسىم قويۇش ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن تارتىپ مۇراسىم تۈسىنى ئالغان بولۇپ، بۇ خىل مۇراسىم قەدىمكى زامانلاردا ‹‹ كۆدەن ›› دەپ ئاتىلاتتى. كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقان ئىسىم قويۇش ئادىتى بويىچە، بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈنلۈك (بەزى ھاللاردا يەتتە كۈنلۈك) بولغاندا ئائىلە ئەزالىرى ئۆز ئارا كېڭىشىپ تاللىغان ئىسىمنى بالىغا قويۇش ئۈچۈن، ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا قازان قاينىتىپ، ئۇرۇق-تۇغقان، قەۋم-قېرىنداشلىرىنى يىغىپ، ئۆز جەمەتى ياكى يۇرتىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئىلمى ۋە دىنىي جەھەتتە كامىل، پەزىلەتلىك،  مويسىپىت ئاقساقال كىشىنى بالىغا ئىسىم قويۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئىسىم قويۇش مۇراسىمىغا ئىشتراك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تاھارەت ئېلىپ پاكلانغاندىن كېيىن سورۇنغا ھازىر بولىدۇ. مويسىپىت كىشى بالىنى قولىغا ئېلىپ، ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان جەيناماز ئالدىغا كېلىپ، بالا (بوۋاق) نىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر ئېيتىپ، «سىزنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن جەننەتتىن چىققان ئىسمىڭىز پالانچى بولدى» دەپ جاكار قىلىپ، جاينامازغا بىر دومىلىتىدۇ. ئاندىن بوۋاقنى يەنە قولىغا ئېلىپ ئىسمىنى چاقىرىپ مۇبارەكلىگەندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ قولىغا بېرىدۇ.

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى شۇ ئىسىملار بارلىققا كەلگەن تارىخىي دەۋرگە قاراپ مۇنداق 3 تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:


1. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىتن بۇرۇنقى كىشى ئىسىملىرى

بۇ دەۋردە بارلىققا كەلگەن ئىسىملار مۇنداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
بىرىنچىدىن، قەدىمكى تۈركىي (ئۇيغۇر) تىلىنىڭ لۇغەت فوندىدىكى پېئىل ۋە نەرسىلەر ناملىرى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاساسى قىلىنغان بولۇپ، ھەممىسى بەلگىلىك مەنىگە ئىگە. مەسىلەن، ئەردەن ، كۆلتېكىن، پانتېكىن، ئارسلان، تاش، تۆمۈر، سۈپۈرگە، چاۋا دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار.
ئىككىنچىدىن، قەدىمكى تەبىئەت ئېتىقادى ۋە تۇتېم ئېتقادى ئاساسىدا ئىسىم قويۇش. مەسىلەن، كۈن (كۈنتۇغدى)، ئاي (ئايتولدى)، يۇلتۇز، دېڭىز، كۆك («ئوغۇزنامە»گە قاراڭ) تاغ، قۇت (بەخت)، چولپان، بۆكە، يولۋاس... دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرىغا «بەگ»، «خان» (خاقان)، «تېكىن» قاتارلىق قوشۇمچىلار ئۇلانغان.
ئۈچىنچىدىن، ئىسىم قويۇلغۇچىنىڭ كەلگۈسىدە باتۇر، ئىرادىلىك، قەيسەر بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن شۇ خىل خۇسۇسىيەتلىك نەرسىلەرگە تەققاسلاپ ئىسىم قويۇش. مەسىلەن، چىنتۆمۈر، قىلىچ، لاچىن، قاپلان، بۇغرا، ئالپ (ئالپ تېكىن)، توڭا (ئالپ ئەرتوڭا- يولۋاسنى يەڭگۈچى باتۇر) قاتارلىقلار.
تۆتىنچىدىن، بالا توغۇلغان مەزگىلدە كۆزگە چېلىققان ۋە ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېرىشكەن نەرسىلەرنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن شۇ نەرسىنىڭ ئېتىنى ئادەمگە قويۇش. مەسىلەن، تىكەن (تىكەنبار)، ئىتباي، دەريا، قوتازباي، ئورمان (ئورمانبەك، ئورمانجان)، تاي (نۇرتاي)، سامساق، تۇر، ئالتۇن، كۈمۈش، كېپەك، پالتا، كەكە،...قاتارلىقلار. ئومومەن بۇ دەۋردە بارلىققا كەلگەن ئىسىملار ئاددىي، چۈشىنىشلىك ۋە مەنىلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان.

2. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرى

بۇ دەۋردىكى كىشى ئىسىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئىسىم قويۇش ئادىتىدىن پۈتۈنلەي چەتنەپ كەتكىنى يوق، بەلكى قەدىمكى ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسى ئاساسىدا ئادەم ئىسىملىرى تېخىمۇ كۆپ خىل بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى. بۇ دەۋردىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈش مۇمكىن.

بىرىنچى، ئىسلام دىنى كىرىشتىن ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن ئىسىملار يەنىلا تۈپ ئىسىملىك رولىنى يوقاتمىدى. مەسىلەن، تۇغ (تۇغلۇق)، ئوغۇز (ئوغۇزخان)، ئاي (ئايخان)، تۇر (تۇران)، تۇراق، توختى (توختاش)، بوساق، تارخان دېگەنلەردەك.

ئىككىنچى، قەدىمكى تۈپ ئىسىملارغا باشقا تىللاردىن كىرگەن ئىسىملار ياكى ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قوشۇلۇپ، قوش ئىسىمغا ئايلىنىش ھادىسىسى بارلىققا كەلدى. مەسىلەن، تۇرسۇنمۇھەممەت، مۇھەممەتتۇردى (جانلىق تىلدا مەتتۇردى)، مۇھەممەتروزى (مەتروزى)، توختىغازى، خۇدابەردى، ئىگەمبەردى، تۇرسۇنپاشا، پەخرىنۇر، قەلبىنۇر، مېھرىنىسا، مېھرىئاي، ئاينۇر، نۇرلان... دېگەنلەردەك.

ئۈچىنچى، بۇ دەۋردە ئۇيغۇر تىلى لۇغەت فوندىغا كۆپلەپ سىڭىپ كىرگەن ئەرەب، پارس ئاتالغۇلىرىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدىن ئېلىنغان ئادەم ئىسىملىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
( 1 ) ئاللانىڭ سۈپەتلىرىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويۇش. مەسىلەن، خالىق ياراتقۇچى)، سەمى (ئىشىتكۈچى)، غوپۇر (ئەپۇ قىلىش)، قادىر (قۇدرەت ئىگىسى)، ئابدۇلقادىر (ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قۇلى)، ئابدۇلكېرىم (خۇدانىڭ بەندىسى، قۇلى)، نەجمىدىن (دىننى يورۇتقۇچى يۇلتۇز)، پەيزۇللا (خۇدانىڭ پەزىلەتلىك بەندىسى)، نايىپ (نامازغا دالالەت قىلغۇچى).
( 2 ) مالائىكىلەر (پەرىشتىلەر)نىڭ ئىسىملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش (مىكائىل، ئىسراپىل...).
( 3 ) پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتلىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش) مەسىلەن، داۋۇت، ئىدىرىس، مۇسا، ياقۇپ، ئەيسا، ئىلىياس، يۈسۈپ، سۇلايمان، ئىبراھىم، ئىسمايىل، ئىشاق، مۇھەممەت... قاتارلىقلار).
( 4 ) چاھاريارلارنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش (مەسىلەن، ئابابەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئېلى...قاتارلىقلار).
( 5 )مۇقەددەس ئانىلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش (مەسىلەن، ھاۋا (ھاۋا ئانام)، خەدىچە (بۈۋىخەدىچە)، سارە، مەريەم، پاتىمە (بۈۋىپاتىمە)، بۇئايشەم...قاتارلىقلار).
( 6 ) دىنىي مەزھەپ ۋە دەرىجە ناملىرىنى ھەمدە «قۇرئان كەرىم»دىكى سۈرە (ئايەت)ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش (موللا، داموللا، ئىشان، سوپى، بۈۋى، ئاغىچا، ئىمام، قازى، ياسىن...دېگەنلەردەك).
( 7 ) ئىسلام كالېندارىدىكى ئاي، پەسىللەر ۋە يۇلتۇز ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش (مەسىلەن، شەمسىيە، قەمەرىيە، قەمىرىدىن، رامىزان، رەجەپ، سەپەر، قەمەر، زۇلھەججە، مۇھەررەم، ماھى (ماھىگۈل)، نىسا، چولپان، باھار، نورۇز، رورى، ھېيت(ھېيتاخۇن)، شەيبان (شەبان)، ئارزۇ (ئاتارۇت)، قۇربان، ھۇشۇر، بارات...قاتارلىقلار).
( 8 ) تارىختا ئۆتكەن قەھرىمانلار، تارىخىي شەخسلەر ۋە فولكلوردا يارىتىلغان تىپىك ئوبرازلارنىڭ ئاتلىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش (مەسىلەن، ئىسكەندەر، ھارون، پەرىدون، ئارسلان، تاھىر، زۆھرە، غېرىپ، سەنەم، پەرھات، شېرىن، لەيلى، ھۆرلىقا، زەينەپ، زۇلەيخا، يۈسۈپ، ئەھمەت، تومارىس، ئابۇموسلىم، سەئىد، خىزىر...قاتارلىقلار).
( 9 ) مۇقەددەس جايلارنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش (مەسىلەن، مەدىنە، مەككە، قۇددۇس، ئېھرام، مىسىر، ئىسلامبۇل (ئىستامبۇل)، بۇغدا...قاتارلىقلار).
( 10 )دىنىي پائالىيەت ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش(مەسىلەن، ئىبادەت، ئىمانەم، ئىسلام، ھاپىز، تالىپ، مۇخلىس، رازى، غازى، جۈمە، ئازنا، جەننەت، ۋەلى، غايىپ، ۋاجىت، ھىدايەت، ۋارىس، ئىشان، سۈننەت، ئىنايەت...قاتارلىقلار).

3. ھازىرقى زامان كىشى ئىسىملىرى

بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قەدىمكى ساپ ئۇيغۇر ئىسىملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش،  ئەرەب - پارسچە ئىسملارنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ ئىسلاھ قىلىش، دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يېڭى ئىسىملارنى ئىجاد قىلىش، ئىخچام ۋە روشەن مەنىدارلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن. مەسىلەن، شىرئەلى، شىرمەممەت (شىرمۇھەممەت)، ئىقبالەم، يارمۇھەممەت، ئوغلەم، ئوغۇلنىسا، شەھرىبانۇم، قۇتلۇق، ئاينۇر، روشەنگۈل، نۇرلان، ئۈمىد، يالقۇن، دولقۇن، غەيرەت، غالىپ، ئازات، بەختىيار، ئەركىن، دولقۇن، غەيرەت، غالىپ، ئازات، بەختىيار، ئەركىن، ھۆرىيەت، پەزىلەت، جۈرئەت، سائادەت، سالامەت، كۈرەش، دىلشات، مۇرات، غەلىبە، ئادىل، سادىق، يادىكار، خالىس، ئەلا، مۇنەۋۋەر، ئۆتكۈر، يارقىن، ياشار، نادىر، گۈزەل، دېموكرات... دېگەنلەرگە ئوخشاش. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئىسىملىرىدا ئاسمان جىسىملىرى، جاي ئىسمى، مېتال، قورال-ئەسۋابلار ناملىرىدىن ئېلىنغان ئىسىملار (ئايگۈل، يۇلتۇز، ھاۋاخان، ھەسەن، ھۈسەن، ئالتۇنگۈل،كۈمۈشئاي، زۇمرەت، گۆھەر، ياقۇت، ئالماس، تاشپولات، دىنار، تىللاخان، شەمشەر، پالتاخۇن... قاتارلىقلار)؛ ئۇچار قۇش ۋە ھايۋانات نامىدىن ئېلىنغان ئىسىملار (شۇڭقار، سۆسەر، قۇندۇز، بۇلبۇل، ئارسلان، يولۋاس، شىر... قاتارلىقلار)؛ يېمەك -ئىچمەك، گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخلەر نامىدىن ئېلىنغان ئىسىملار (ھەسەلخان، ناۋاتگۈل، توقاچخان، مايسىگۈل، ياسىمەن، غۇنچەم، تاجىگۈل، چىمەن، چۇغلۇق، جىنەستە، بادام، زەيتۇنە، يانتاق، نېلۇپەر، ئىپارخان... قاتارلىقلار)؛ ھەرقايس تارىخىي دەۋرلەر ۋە زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىسىملار (ئىسلاھات، كاممۇنا، مەدەنىيەت، پىدا، غالىبىيەت، مەملىكەت، دۆلەت... قاتارلىقلار)؛ ھەرخىل فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن قويۇلغان ئىسىملار (مەڭلىك، مەڭلەشخان، خالىدەم، خالمۇھەممەت، سۇنبۇلقىز، خالبۈۋى، مايمۇنە... قاتارلىقلار) قاتارلىق ئىسىملارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.
90-يىللاردىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئەڭ مۇھىم يۈزلىنىشنىڭ بىرى تاللىنىۋاتقان ئىسىملەرنىڭ مەنىسىگە، مىللىيلىقىغا دىققەت قىلىش؛ ئاتا-ئانا پەرزەنتىگە قويغان ئىسىم ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى (قىلغان، قىلالىغان، قىلالمىغان، قىلماقچى بولغان) دۇنيا قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇش؛ پەرزەنتىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشتىن ئىبارەت بولىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ئەر-ئايال ئىسىملىرى سۆزلەرنىڭ ئۇرغۇسى ۋە ئۇلىنىدىغان قوشۇمچىلار ئارقىلىق روشەن پەرقلىنىدۇ.
ئادەتتە ئەرلەرگە قويۇلىدىغان ئىسىملار جاراڭلىق، كەسكىن، ئۇرغۇلۇق، نوقۇل مەنىگە ئىگە بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلەر بىلەن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا خاسلىشىپ نىسپىي ھالدا مۇقىملاشقان. مەسىلەن، پولات، تۆمۈر، ئالماس، قادىر، قابىل، ئۆتكۈر، باتۇر، غەيرەت، ئېلشات، دىلشات، سەمەت، ئىدرىس، ئوسمان، ھابىل، مامۇت، ۋاھاب، ئوبۇل...دېگەنلەردەك، قىزلارغا قويۇلىدىغان ئىسىملار نەپىس، يېقىملىق، رەڭدار، سىموۋۇللۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا قىزلارغا خاس ئىسىم بولۇپ مۇقىملاشقان. مەسىلەن، گۈلشەن، مېھرىبان، قۇندۇز، سەييارە، مودەنگۈل، غۇنچەم، دىلبەر، گۈلئايىم، گۈلچەھرە، نەبىرە، نەسىمە، ھۆرلىقا، گۈلباھار، مەلىكە، قەلبىنۇر، ئاسىمە، ھۆرەم، نۇرگۈل...دېگەنلەردەك. ئەرلەر ئىسمىغا كۆپرەك ئاخۇن، خان، جان، باي، بەگ، ۋاي، تاي، قۇل قاتارلىق سۈپەت قوشۇمچىلىرى؛ قىزلار ئىسمىغا كۆپرەك گۈل(تۈپ ئىسمىنىڭ ھەم بېشىغا، ھەم ئايىغىغا ئۇلىنىدۇ)، خان (خېنىم)، قىز، بانۇم، نىسا، بۈۋى، نۇر، ئاي قاتارلىق سۈپەت قوشۇمچىلىرى ئۇلىئىدۇ. مەسىلەن، ئۆمەراخۇن (ئۆمەر + ئاخۇن)، تۇرسۇنجان، ئابدۇرەشىتخان، موساباي، پاساربەگ، چىنەۋاي، نۇرتاي، تۇرسۇنتاي (ئەرلەر ئىسملىرى)، ئايىمخان، ئازنىخان، مەريەمخېنىم، ئامانگۈل، مېھرىبانۇن، بەختىنىسا، ئەمبەرنىسا، ئايقىز، گۈلقىز، پەخرىنۇر، خالبۈۋى، جەننەتبۈۋى، مېھرىئاي، مەلىكەئاي...قاتارلىقلار. بۇ جىنسىيەت قوشۇمچىلىرى بەئازىدە ئەرلەرگە خاس ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇش ئارقىلىق قىزلار ئىسمى ياسىلىدۇ(مەسىلەن، توختى دېگەن ئەرنىڭ ئىسمىغا قىزلارنىڭ ئىسمىنى ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ئۇلانسا، ئۇ قىزلار ئىسمىغا ئۆزگىرىدۇ. توختىگۈل، توختىخان، توختىقىز، تۇرسۇن (ئەرلەر ئىسمى) گۈل، تۇرسۇنئاي، تۇرسۇنقىز دېگەنلەرگە ئوخشاش.

يەنە بەزى ئەلەر ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «ئە»،«ئەم»تاۋۇشلىرىنىڭ ئۇلىنىش بىلەن ئوغۇللارغا خاس ئىسىم قىزلارغا خاس ئىسىمغا ئايلىنىپ كېتىش ھادىسىسىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، رەخىم -رەخىمە، كەرىم -كەرىمە، رەشىت-رەشىدە، ئابىت -ئابىدە، ئادىل-ئادىلە، سەلىم -سەلىمە، خەمىت-خەمىدە، زاھىت-زاھىدە، سابىر-سابىرە، ئېلدان-ئېلدانە...قاتارلىقلار.

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى تۈپ سۆز بىلەن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپمۇ يېڭى ئىسىم ياسىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، پاشاخان-خانپاشا، نۇرمۇھەممەت-مەھەممەتنۇر، نازىگۈل-گۈلناز، گۈلباھار -باھارگۈل، گۈلنۇر -نۈرگۈل، نىساگۈل-گۈلنىسا... دېگەنلەردەك. شۇنداقلا، بەزىدە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ئۆزئارا بىرىكىپ مۇقىملاشقان خاس ئىسمىغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىسىم ئاي + خان = ئايخان، خان + ئاي =خانئاي، گۈل + قىز = گۈلقىز، گۈل + بانۇم= گۈلبانۇم، بۈۋى + خان = بۈۋىخان، ئاخۇن + جان = ئاخۇنجان، جان + بېك = جانبېك، ئاخۇن + باي = ئاخۇنباي، خان + قىز = خانقىز، گۈل + نىسا = گۈلنىسا...ۋە باشقىلار.

يەنە بەزى ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا «ئەك»«ئەم» قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىش بىلەن ئەركىلىتىش، كىچىكلىتىش، كەمسىتىش مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، توختى- توختەك، غوجى -غوجەك، بەختى-بەختەك، خەلچەم -خەلچەك، موللا -موللەك، قادىر -قادىرەم، غوپۇر-غوپۇرەم، ناسىر -ناسىرەم، گايىت-گايىتەم... دېگەنلەرگە ئوخشاش.

ئۇيغۇرلاردا نەسەب قوغلىشىپ، ئەجداد -ئەۋلادلىرىنىڭ نامىنى ئەسلەپ تۇرۇش، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمەسلىك مەقسىتىدە ۋاپات بولغان دادىسى ياكى بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى ئوغۇل نەۋرىسىگە، مومىسىنىڭ ئىسمىنى قىز نەۋرىسىگە ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بىر تۇغقانلىرىنىڭ نامىنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ قويۇش ئادىتى كۈچلۈكرەك، بۇ ئوغۇلنى چاقىرغاندا بوۋىسىنى، قىزنى چاقىرغاندا مومىسىنى ئەسلەيدىغان تۇرمۇش ئادىتى شەكلىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. قويۇلغان ئىسمىنى ئاتاشتىمۇ بالىلىق، ياشلىق، قىرانلىق (ئوتتۇرا ياشلىق)، قېرىلىق دەۋرلىرى بويىچە ئاللېگورىيىلىك ئىسىم ياكى ھەرخىل ئىسىم ياسىغۇچى سۈپەت قوشۇمچىلىرىنى قوشۇش شەكلى بىلەن پەرقلىق ئاتاش ئادىتىمۇ بار. مەسىلەن، يېڭى توغۇلغان بوۋاق بالىلارنى ئوغۇل بولسا «پاقلىنىم»، «قوزام»، «غوجام»، «قۇرغۇيۇم»، «سۇلتىنىم»؛ قىز بولسا «مۇنچىقىم»، «گۈلۈم»، «ئالتۇنۇم»، «ئايپاشا»، «خانئايىم» دەپ ئەسلى ئىسمىنى ئاتىماي، ئەركىلەتمەي نام بىلەن ئاتايدىغان، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئىسىم ياسىغۇچى سۈپەت قوشۇمچىلىرىنى قوشماي، تۈپ ئىسمى بويىچە، كېرەم، مەھەممەت، سەمەت، قادىر، ناسىر...دەپ بىۋاستە ئاتايدىغان (قىزلار ئىسمىدىمۇ مۇشۇنداق) ئادەت بار. پەقەت ئوتتۇرا ئاش ۋە قېرىلىق مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىنلا ھۈرمەت مەنىسىدە يۇقىرىقى سۈپەت قوشۇمچىلىرى (ئاخۇن، ئاخۇنۇم، بەگ، بېگىم، خان، خېنىم، بۈۋى...)قوشۇپ ئاتىلىدۇ ھەمدە ياشلىق دەۋرىدە ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلىدىغان«گۈل»، «قىز» قوشۇمچىلىرى «خان» ياكى «خېنىم»، «ئاچا» قاتارلىقلارغا ئالمىشىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ئىسمىنىڭ ئالدى ياكى كەينىگە تەگئات قوشۇپ ئىشلىتىدىغان ئادەت ئىلگىرىكى زامانلاردا قىسمەن دائىرىدە ئاقسۆڭەك ، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئارىسىدا مەۋجۇد بولغان بولسىمۇ، ئەمما، ھازىرغىچە ئومۇم خەلق ئادىتىگە ئايلىنىپ يېتىپ كېلەلمىگەن. ھازىر پەقەت ئىسمى - ئاتىسى شەكلىدىكى ئەندىزە قوللىنىلماقتا. 2000 - يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا تەگئات قوللىنىش ھەققىدىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش - تەشۋىقات ئەۋج ئالدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەگئات قوللىنىش ئىستىكى بارغانسېرى ئۇلغايماقتا. ۋاھالەنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەگئات قوللىنىش ئىشى تېخى قانۇنلاشتۇرۇش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگىنى يوق. بىر قىسىم پىكرى ئويغاق زىيالىيلار بۇ ھەقتە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺩﯦﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ :

(1) ﻗﻮﺷﻜﯧﺰﻩﻙ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﺶ، ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺗﯩﻤﻪﺩﯨﻦ ﺗﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺳﻪﻥ -ﮬﯜﺳﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ. ﻗﻮﺷﻜﯧﺰﻩﻙ ﺗﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻮﻏﯘﻝ، ﺑﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﻏﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﮬﻪﺳﻪﻥ، ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﭘﺎﺗﯩﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﻪﺭﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﭘﺎﺗﯩﻤﻪ، ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺯﯙﮬﺮﻩ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ.
(2) ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰﻳﺎﻗﯘﭖ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ، ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺷﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻴﺘﺎﻳﻠﻰ ﺋﻪﺭ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ « ﻣﻪﺕ» ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ (ﻣﻪﺗﺘﯘﺭﺳﯘﻥ، ﻣﻪﺗﻘﯘﺭﺑﺎﻥ، ﻣﻪﺗﺮﯗﺯﻯ. …) ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ؛ ﺋﻪﺭ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ « ﺋﯩﻤﺎﻡ » ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ (ﺋﯩﻤﺎﻡ ﮬﻪﺳﻪﻥ ) ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ؛ ﺋﻪﺭ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ « ﺋﻮﺑﯘﻝ » ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ (ﺋﻮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ، ﺋﻮﺑﯘﻝ ﺳﯩﺪﯨﻖ )ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ؛ ﺋﻪﺭ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ « ﺗﯘ » ﻳﺎﻛﻰ « ﺋﺎﻕ »ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ (ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ، ﺋﺎﻗﻨﯩﻴﺎﺯ )ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ؛ ﺋﻪﺭ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ « ﻗﺎﺭﻯ »ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ (ﻏﺎﭘﭙﺎﺭ ﻗﺎﺭﻯ، ﺳﺎﺗﺘﺎﺭ ﻗﺎﺭﻯ ) ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯘﭼﺎ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ؛ ﺋﻪﺭ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ «ﺟﺎﻥ » ﺳﯚﺯﻯ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ (ﻣﯘﺳﺎﺟﺎﻥ، ﺋﺎﺑﻼ ﺟﺎﻥ )ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﯘلجا ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ « ﮔﯜﻝ »، « ﻧﯩﺴﺎ » ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ (ﻧﯘﺭﮔﯜﻝ، ﺭﻩﻳﮭﺎﻧﮕﯜﻝ، ﺗﯘﺭﻧﯩﺴﺎ، ﺋﺎﻳﻨﯩﺴﺎ )ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﺑﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ «ﺑﯜﯞﻯ »،«ﻗﯩﺰ » ﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ (ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺒﯜﯞﻯ، ﺋﺎﻳﯩﻤﻘﯩﺰ ) ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﯘﻟﺠﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ، ﺋﯩﺴﮭﺎﻕ، ﺳﻮﭘﻰ، ﺩﯗﮔﺎﻣﻪﺕ، ﺋﻮﻟﻤﺎﻳﯩﺖ، ﻗﺎﻳﯩﺖ. …ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺴﯩﻤﺨﺎﻥ، ﺋﺎﻟﻤﺎﺭﺍﺧﺎﻥ، ﻣﺎﻳﺴﯩﺨﺎﻥ، ﺋﻪﺯﻧﯩﺨﺎﻥ. ….ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


لەقەم ۋە تەخەللۇس كىشىلەرگە باشقىلار ۋە ئۆزى تەرىپىدىن قويۇلغان قوشۇمچە نام بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان.

لەقەم كىشىلەرنىڭ مىجەز، خۇلقى، پىسخىك ئالاھىدىلىكى، فىزىئولوگىيىلىك بەلگىلىرى، كەسپىي خۇسۇسىيىتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن قويۇلىدۇ. مەسىلەن، تۇراق تاڭگا، ھەمرا قويچى، مامۇت قاسساپ، سىدىق موزدۇز، غوپۇر قاسقان، ئابلا سوپۇنچى، تۇرسۇن پەشمەت، ھىمىت باخشى، ھەسەن مىزگان، تۇراپ دېھقان، ياقۇپ ئاشلەڭپۇڭ، ھوشۇر قەندال، داۋۇت دەللال، ھامىت مەزىن، بائىز بابكار، قەييۇم سەيپۇڭ، ئايۇپ قاسقان، ئابلەت قەندەل (كەسپىي لەقەم)، تۇردىيار قوڭغۇز، ھەمرا قاقباش، غولام كۆك (ئۇششۇق)، روزى تۇقىناق، ھەمدۇل قاۋان، تۇراپ شاتىراق، مۇختەر كاۋا، تىللا يورغا، جامال سەتەڭ، ئابلىز گاچا، سىدىق كېكەچ، (پىسخىك لەقەملەر)، ئەمەت سېررىق، قاسىم داگازا، روزى تۆگە، قاسىم پىستە، ھاشىم قارىلاق، ئېلاخۇن كۆككۆز، مەمتىمىن قارىقاش، تۇرسۇن قۇشقاچ، سادىرخاڭرۇق، سېيىت موزاي، تۇران قورچاق، (فىزىئولوگىيىلىك لەقەملەر)، سېيىت نوچى، سادىر پالۋان، تۆمۈر باتۇر، ھىسام دەلدۈش خېلىل لەقۋا، ھاشىر تۈلكە (جەسۇرلۇق ياكى نۇقسان-سەۋەنلىكلىرىگە ئاساسلىنىپ قويۇلغان لەقەملەر) قاتارلىقلار. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شەخس لەقەمدىن باشقا يەنە، يۇرت -مەھەللىلەرنىڭ ئورتاق لەقىمى بولۇپ، ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە شۇ يۇرت-مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ شەخسىي لەقىمى سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. يۇرت لەقەملىرى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس بولۇپ كېلىۋاتقاچقا، ھېچقانداق كىشى ئۇنىڭدىن غەيرىيلىك ھېس قىلمايدۇ. مەسىلەن، قارا قۇرۇم ئازغانسال ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ نەسەب تەزكىرىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار تارىختىن بۇيان -«غازىلەر-»، -«كەللەكلەر-»، -«قوڭغۇزلار-»، -«بورداقلار-»، -«توخۇلار-»، -«لاتىلار-» -«پورلار-»، -«كوشاڭلار»، -«توقۇناقلار-»، -«قارنى يورۇقلار-»دېگەنگە ئوخشاش ئون خىل لەقەم تۈركۈمى بويىچە ئاتىلىپ، ھەرقانداق زامان، ئورۇن، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەھەتلەردە ئەجدادىنى پەرق ئېتىشنىڭ بىرخىل بىرلىك بۆلۈنمىلىرىنى ھاسىل قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى شەھىدانە خوتەن، غېرىبانە يەكەن، ئەزىزانە قەشقەر، غازىيانە ئاقسۇ، ۋەلىيانە كۇچار، غەلىيانە تۇرپان دېگەنگە ئوخشاش شۇ رايونلارنىڭ تارىخىي خاراكتېرستىكىسىمۇ يۇرت لەقىمى كاتېگورىيىسىگە كىرىدۇ.

لەقەمنىڭ يەنە بىر خىلى-تەخەللۇس بولۇپ، ئۇ سىموۋوللۇق خاراكتېرىگە ئىگە. تەخەللۇس كۆپ ھاللاردا ئەسلى ئىسمىنىڭ ئورنىدا قوللىنىلىدۇ ياكى ئەسلى ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا تەخەللۇس كۆپرەك ئارزۇ -ئىستەك غايىۋى مەزمۇن ياكى يۇرت تەۋەلىكىنى بىلدۈرىدۇ. غايىۋى مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان سىمۋوللۇق (مىتافورىلىق)تەخەللۇسلار كۆپ ھاللاردا ئەسلى ئىسىم ئورنىغا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، لوتفى، جامى، ناۋائى، ساككاكى، زەلىلى، خىرقىتى، گۇمانا، نەفىسى(ئاممانىسا خېنىم)، نىزارى، غېرىبى، سەبۇرى، قاينام ئۆركىشى، ۋەباشقىلار. بۇنداق تەخەللۇسنى كۆپرەك يازغۇچى -شائىرلار، ئالىملار ۋە سەنئەتكارلار قوللىنىدۇ. تەۋەلىكنى ئىپادىلەيدىغان تەخەللۇسلار ئاساسەن ئەسلى ئىسمىغا ئۇلىنىپ، شۇ كىشىنىڭ تۇغۇلغان يۇرت -ماكانىنى ئىشارە قىلىدۇ. مەسىلەن، مەھمۇت قەشقەرى، ئەھمەد يۈكنەكى، ئەبۇنەسىر فارابى، قېدىرخان يەكەندى، موللا مۇسا سايرامى، ئەھمەدشاھ قارىقاش ۋە باشقىلار.

ئومۇمەن، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك كۆپ خىللىققا، رەڭدارلىققا ۋە مەنىدارلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇنى تەتقىق قىلىش مۇھىم قىممەتكە ئىگە. شۇنداقلا ئۇ يەنە ئېتنوگرافىيە، تارىخ، فولكلور، پىسخولوگىيە، يەر -جاي ئاتلىرى ئىلمى، دىنشۇناسلىق...قاتارلىق پەنلەر بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.

پايدىلانمىلار:

1.ئۇيغۇر ئۆرپە ئادەتلىرى ( كىتاب ).
2.مىراس ژۇرنىلى 2008 - يىللىق 3 - سان.
3.ئىسىمشۇناس ئۇستاز مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ قەشقەر ئەدەبىياتى ۋە قەشقەر پداگوگېكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرناللىرىغا بېسىلغان مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرى.
4.دوكتور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ ‹‹ تۈرك ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئۈستىدە تەتقىقات ›› ماۋزۇلۇق ماقالىسى.
5. ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى ( كىتاب ). بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-20 09:45 AM  


ئانىلارغا شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ :«قىز تۇغماڭلار،شەرمى ھايا تۇغۇڭلار،ئوغۇل تۇغماڭلار،غورۇر جاسارەت تۇغۇڭلار »

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84726
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2012-9-5
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 10:14:30 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  قېرىندىشىم !  قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ! !!!
مانا ماۋۇ تېما نەق ماڭا يېزىلغاندەكلا  .....
ئۈلۈشكۈن  ... يەنى 16-چىسلا ئاكامنىڭ ئايالى بىر ئوغۇل بوۋاق يەڭگىدى ،   ھازىر بىزنىڭ ئۆيدە دەل مۇشۇ ئوغۇل بوۋاققا ئىسىم قويۇش توغۇرلۇق مۇزاكىرە بولۇنۋاتىدۇ،   بۇ ئاكامنىڭ ئىككىنجى پەرزەنتى،  بىرىنجىسىمۇ ئوغۇلتى،  ئۇنىڭ ئىسمى ئەزىمەتجان ،  ئاكامنىڭ ئىسمى بولسا  سەمەتجان !   ئەمدى بۇ كىچىك ئاخۇنغا نېمە دەپ ئىسىم قويۇش كېرەك ؟؟؟
قەدىرلىك تورداشلىرىم ،   زادى ياردەم قىلمىساڭلار بولمىدى  !!
(سەمىمىي ياردەم سوراۋاتىمەن،   قېرىنداشلىرىمنىڭ  سەمىمىي بولۇۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1332 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 12:05:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elipba2 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-20 10:14 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  قېرىندىشىم !  قولىڭىزغا دەرت كەلم ...

بۇ يەردە ئىسىملار كۆپكەن ، شۇ يەردىن تاللىۋېلىڭ !
https://uyghur-archive.com/misranim/forum.ph ... 9%D8%B3%D9%89%D9%85

ئاتمايدىغان تاڭ يوق ،
پاتمايدىغان كۈن يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5171
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 01:28:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elipba2 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-20 10:14 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  قېرىندىشىم !  قولىڭىزغا دەرت كەلم ...

ئىسملارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئابدۇللا، دادىسىنىڭ ئىسمىغا ماسلاشتۇرۇش شەرت ئەمەس بولغاندىكىن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5171
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 01:29:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elipba2 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-20 10:14 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  قېرىندىشىم !  قولىڭىزغا دەرت كەلم ...

چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ماختىغان ئىسىمدە ئۇ.......

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6049
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 572 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 08:04:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elipba2 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-20 10:14 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  قېرىندىشىم !  قولىڭىزغا دەرت كەلم ...

''  ئەبرار ''   بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىمۇ بەك ياخشى

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84726
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2012-9-5
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 08:19:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kar0923 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-20 08:04 PM
''  ئەبرار ''   بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىمۇ بەك ياخشى

مەنىسىنىمۇ قوشۇپلا  يوللىۋەتمەي !  قېرىندىشىم !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66918
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4772
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 11:21:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ‹‹ ئەبرار ›› ئەرەبچە ئىسىم بولۇپ لۇغەت مەنىسى: ياخشىلار  دېگگن بولىدىكەن .

توختىماي خەت پۈتتۈم ،تەرلەپ  پىشانەم   ئۆزۈم كەتسەم ،خېتىم قالسۇن نىشانەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90120
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2013-1-15
ئاخىرقى: 2013-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 12:32:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز . مڭنىڭمۇ  مۇشۇنداق تىما يوللاش ئويۇم باتى سىز گە كوپ رەھمەت.  ھازىر بىز ياخشى ئسلامى ئسىملارنى تاللاپ قويشىمىز كىرەك  ئۇدۇنياغا بارغاندا شۇ باللىرمىزغا قويغان ئىسمدىن ئاللانىڭ غەزىپىگە ئۇچىرمايلى . سىلەر مۇنداق ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى ئاڭلىغانمۇ دوسلار ( ۋىنىرا - سۇبارا )توۋە دىققەت قىلمىساق  ئەتە-ئۆگۈن جىكسۇن رامبو  شارۇلخان دەپ قويدىغانلار چىقدىغان ئوخشايدۇ،

كىممۇ دەيدۇ؛ ‹‹ياۋروپالىق-مەدەنى››
نە ئەدەپ بار،نە ھايا،قىپيالىيالىڭاچ بەدىنى.
گەر مەدەنىيەت   ئىچىش بولسا بەدەننى،
دىسەڭلارچۇ،ھايۋان بىزدىن بەكرەك مەدەنى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87376
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 856
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 08:52:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇنبەردە قالايمىقان پۈچەك ئىنكاس يازماڭ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش