مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2096|ئىنكاس: 46

تىلەمچىلەرگە پۇل بېرىش كېرەكمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3256
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 12:39:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايا مۇنبەردە بىر تېمىنى كۆرگەنتىم ،تېما مەزمۇنى مۇنداقكەن:
شۇنداق بازار قايناق ، ئاۋات دوقمۇشتا ئارلىقى 10 مىتىردىن كەم كەلمەيدىغان ئىككى يەردە ئىككى خىل ئادەم ئولتۇراتتى . بىرىنىڭ قولىدا تەسۋى سىيرىۋاتقان ، ئۇچىدا تون ، بىشىدا سەللە بار ئىدى . ئۇيەنە ئىنتايىن تەمبەل ساغلام كىشى ئىدى .ئۇ ئىھتىمال يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئادەملەرگە قۇرئان ئوقۇۋاتقان بىلىنەتتى . ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئادەملەر ئۇنىڭ ئالدىغا 5 موچەن ، بىر يۈەن ھەتتا 5 يۈەن تاشلاپ ماڭاتتى . ھەرقىتىم ئالدىغا غازاڭدەك پۇللار ئۇچۇپ چۇشسە قاراپ قوياتتى .
يەنە بىرسى بولسا قولىغا بىردانە راۋاپ كۆتۈرۋالغان ، ئۆزى پاكىز ، رەتلىك كىينىۋالغان ،يالاڭباشتاق ئىدى .  قاملاشسۇن قاملاشمىسۇن . بىر ئىككى پەردە چىلىپ كىشىلەردىن ياردەم تىلىمەكتە ئىدى . ئۇمۇ ئىنتايىن تەمبەل ، ساغلام كۆرنەتتى . ئەمما ئۇنىڭ ئالدىغا چۈشكەن پۇل ئاۋۇ تون ، سەللە كىيۋالغان ئادەمنىڭكىگە قارغاندا ئاز ئىدى . بۇ تىلەمچى پەرۋاسىز ھالدا داۋاملىق مۇزىكا چىلىۋاتقان ئىدى .

سىز بولسىڭىز قايسىغا بىرەتتىڭىز ؟  

ئىنكاسلارغا قارىسام،ئاساسەن كۆپىنچە دوستلار تەسۋى سىيرىۋاتقان ، ئۇچىدا تون ، بىشىدا سەللە بار كىشىگە بېرىدىكەن،ئاز ساندىكىلەر قولىغا بىردانە راۋاپ كۆتۈرۋالغان ، ئۆزى پاكىز ، رەتلىك كىينىۋالغان ،يالاڭباشتاق ئادەمگە بېرىدىكەن،

مېنىڭ كۆزقارشىم:
پىرىنسىپ بويىچە ھېچقايسىسىغا بېرىشكە بولمايدۇ. بېرىشكە توغرا كەلسە مەن ئاشۇ يوللاردا جۇللۇقى چىكەتكەن ئېغىر ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىتنى سۆرەپ  ئەسكى تۈسكى يىغىدىغان يېشى 80-90دىن ئاشقان خەنزۇلارغا بېرىمەن.ئۇلار ھېچ بولمىغاندا مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشكە تۆھپە قوشتى. بەلكىم بۇنداق دېسەم كۆپىنچىڭلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكىرى چىقىشى مۇمكىن،بىراق سىلەردىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ،سىلەرچە شۇ قۇرئان تۇتۇپ ئولتۇرغان تىلەمچىنىڭ نىيىتى دۇرۇسمىدۇ؟ سىلەر پەقەت شۇ تىلەمچىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپلا پۇل بېرىسىلە ،ئەمەلىيەتتە شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى  、ئۇلار پەقەت پۇل تېپىش ئۈچۈنلا شۇخىل ئۇسۇلنى تاللىغان(مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسىدە ئىمانسىز ،تەرەتسىز ...قۇرئاننى تۇتسا قاتتىق يامان بولىدۇ دەيدىغان گەپ بار,  )بۇلۇڭ پۇچقاقلاردىكى شۇ پۇتلا كاشاڭ قاسماق لاۋزاتىلەمچىلەرنى كۆرسەم ......ھەي...كاللاڭلارنى سىلكىۋېتىڭلا قېرىنداشلىرىم،تېخى شۇ 370 كۈننىڭ بىرەرىدە يۇيۇنمايدىغان مەينەتلەر خۇدايىم بىرنىڭ ئورنىغا مىڭنى بېرە  ئۇ بولا بۇ بولا دەپ قويسا راس شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ پۇل بېرىدىكەندىلەر ...توۋا  توۋا.....ئۇنداق لاۋزىلارنى ئاللاھمۇ راۋا كۆرمەيدۇ....تېخى يوللاردا بىرەر خەنزۇ تىلەمچىنى كۆرۈپ قالساڭلار ،ھەيران قالىدىكەنسىلەر ،خۇددى تىلەمچىلىك ئۇيغۇرلارغىلا خاستەك ...ۋاي نادانلىق....
بولدىلا سىلەرگە گەپ قىلغان باكا...ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا ئىش يوق... بەلكىم گېپىمنىڭ پايدىسىمۇ بوپ قالا....

ئاخىرىدا دېمەكچى بولغۇنۇم يوللاردىكى تىلەمچىلەرگە ئەمدى پۇل بەرمىسەك، پۇل بېرىدىغان ئادەم ئازايسا تىلەمچەلەرمۇ ئازىيىدۇ دېگەن گەپ،ئاخىرىدا شەھەر مۇھىتىمۇ گۈزەللىشىدۇ، تىلەمچى مىللەت دەيدىغان يامان ئاتاقتىنمۇ بارابارا قۇتۇلالىشىمىز مۇمكىن.
باشقىچە تەكلىپ  پىكىرىڭلار بولسا ئوتتۇرىغا قويۇڭلا...
100APPLE_IMG_0275.JPG
照片 618.jpg


سەھرانى سۆيىمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10514
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 866 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 10:18:29 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچىمۇ پۇل بېرىشكە بولمايدۇ. بۇ ھەقتىكى پىكرىمنى مۇشۇ مۇنبەرگە يوللىغان قاچانغىچە تىلىنىپ ئۆتىمىز ناملىق يازمامدا ئوتتۇرىغا قويغانمەن.

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80716
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4045
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-5-27
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 11:00:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تىلەمچى بىلەن ھەقىقىي ياردەمگە مۇھتاج كېشىنى پەرقلەندۈرۈلىۋىلىشىمىز كېرەك.

شۈكىرى ئاللاھ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 1202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7796
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5049 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 11:51:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىككىلىسىگە بىرەتتىم ، چۈنكى ئىنسان خورما چاغلىق نەرسىنى بولسىمۇ سەدىقە قىلىپ دوزاختىن ساقلىنىش كېرەك ، ساق بولسۇن ياكى ياش بولسۇن تىلەمچىلىك قىلپ قولىنى كۆتۈرگەن ئىكەن بېرىش كېرەك ، ئۇلار ھاجەتمەنلەردۇ ، تىلەمچىلەر ئۈچ كۈنلۈك ھاجىتىدىن چىققۇدەكلا قىلىش كېرەك ، كەسىپ قىلۋالسىا جازاسى ئۆزىگە ، ساۋابى بىزگە بولىدۇ .
ئازغىنە پارچە پۇللارنى چىقىرىش بىز ئۈچۈن ئېغىر كىلەرمۇ ؟ باشقىلاردىن قولنى كۆتۈرۈپ تىلەپ ئولتۇرغان قارا كۆزلەرگە ئاسانمىدۇ ؟ شۇ ئازغىنا ئاتىغان پۇلىمىز بىزنى كەمبەغەل قىلۋەتمەيدۇ بەرمىسەك باي بوپ كەتمەيمىز قىرىنداشلار

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78072
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3823
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 12:01:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەرگۇسى كەلگەنلەر بېرىۋەرسۇن، مەن بولسام ھەرگىز بەرمەيمەن ،ساۋاپ ئىزدەپ سەدىقە بېرىدىغانلار سىلەر نىمىنداق شەخسىيەتچى، ئوزۇڭلارنى دوزاختىن ساقلىنىش ئۇچۇن، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىكەنسىلەر،

ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلالايدۇ،شۇنىڭ ئۇچۇن سەن قىلغاننى مەنمۇ قىلالايمەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1332 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 12:08:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئا موماينىڭ ئالما ماركىلىق يانفۇنى باركىنا

ئاتمايدىغان تاڭ يوق ،
پاتمايدىغان كۈن يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3256
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 12:34:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2013-1-20 11:51 AM
مەن ئىككىلىسىگە بىرەتتىم ، چۈنكى ئىنسان خورما چاغلىق ن ...

ماۋۇ گېپىڭىزنى ئەڭ ياخشىسى بىر قىسىم تەييارتاپ ھۇرۇن كىشىلەر ئاڭلاپ قالمىسۇن ،بولمىسا ئۇلار ھازىرلا يوللارغا چىقىپ   سىزدەك كىشىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ،(مۇنبەردە بۇنداق كىشىلەر يوققۇ دەيمەن)
كەسىپ قىلۋالسىا جازاسى ئۆزىگە ، ساۋابى بىزگە بولىدۇ دەپ ناھايىتى ياخشى دەپسىز،لېكىن سەدىقە بېرىپ دوزاختىن ساقلىنىش كېرەك دېگەن گېپىڭىز تازا لايىقىدا ئېيتىلمىغانمۇ قانداق؟ مېنىڭچە ھەقىقى دىيانەتلىك ،پاك مۇسۇلمان يوقسۇللارغا خەيرىخالىق قولىمىزنى سۇنساق ،چوڭ ساۋاپ بولىشى مۇمكىن،بىراق شۇ دوقمۇش-دوقمۇشلاردىكى ناپاك ،دىنسىز كىشىلەرگە سەدىقە بەرسەك دوزاختىن ساقلانغىلى بولارمۇ؟ ئەكىسچە بىز ئۇلانىڭ بۇ ئىشىنى قوللىغان بوپ قالىمىز....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 536 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 12:35:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە مۇشۇ گەپمۇ ، ھەر ئىككىلىسىگە بېرىۋېرمەن ، قولۇمدېىن كەلسىلا ئالدىمغا ئۇچۇرغاننىڭ ،تىلەپ كەلگەننىڭ ھەممىسىگە بېرمەن .
يەنە بىرگەپ تىلەمچى بىزدىلا ئەمەس ھەممە مىللەتتە بار ، ھەر زاماندا بار ھەم بۇلۇدۇ .

ھەربىريىڭى قەدەم ئالغىنڭدا ، باسقان قەدەملىرىڭ ئۈچۈن پۇشايمان يەيسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90301
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-1-19
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 12:39:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە، ھەقىقى مۇھتاج كىشىلەر كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىشتىنمۇ نۇمۇس قىلىشى مۇمكىن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3256
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 12:46:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مسكىنÍÍ يوللىغان ۋاقتى  2013-1-20 12:35 PM
يەنە مۇشۇ گەپمۇ ، ھەر ئىككىلىسىگە بېرىۋېرمەن ، قولۇمد ...

شۇنچە كايىغاننىڭ ھېچبىر پايدىسى بولماپتۇ  يا ئاللا،
ماۋۇ ئىنكاسلارغا قاراڭ.
1.مەنمۇ مۇشۇنداق يالغان تىلەمچلەرنى كۆپ ئۇچراتقاچقا ‹دىۋانىلار دۇچ كەلگەن ئۈچ مەسىلە›دىگەن ماقالىنى يازغان ئىدىم.ئۇلار تىلەمچى ئەمەس ،ئالدامچىلاردۇر.
2.بىزدىكى تىلەمچىلىكنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر ،قازاق قىرىنداشلاردىن تىلەمچى چىقمايدىغانلىغىغا ھەيرانمەن . بۈگۈنكىدەك ئاسايىشلىق كۈنلەردىمۇ جان بىقىش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپمۇ تېلەيدىغان تىلەمچىلەرگە پۇل بەرمەسلىك كېرەك . ھەقىقەتەن بىشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە جامائەت ياردەم قولىنى سۇنسا بولىدۇ .ھۆكۈمەتمۇ ھەم قاراپ تۇرمايدۇ ، ئادەتلەنگەن تىلەمچى ياكى تىلەمچىلىكنى كەسىپ ئورنىدا كۆرۇپ قول ئۈزمەيۋاتقانلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك .مەن ئەمگەك ئىقتىدارى بارلارغا ھەرگىز پۇل بەرمەيمەن ................
3.سەللە ئارتىپ،تەسۋىي سىيرىۋاتقان ئادەمگە بىر تىيىننىمۇ بەرمىگەن، ئۇنى يانغا تارتىپ نەسىھەت قىلغان بولاتتىم. ئەگەر قولۇمدىن كەلسە ئۇنىڭ بىر ھالال ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇۋېلىشىغا ياردەم قىلاتتىم. چۈنكى نەزىرىمدە تەسۋىي،سەللە ۋە قۇرئان ئىنتايىن مۇقەددەس مەنىگە ئىگە، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ پۇل تېپىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ھېسىداشلىقىنى قولغا كەلتۈرىدىغان قورال قىلىشقا بولمايدۇ!! قانچە جاپا تارتسا، كۈچى خارلانسا مەيلى، لېكىن بىر ئىخلاسمەن مۇسۇلماننىڭ ئوبرازى، غورۇرى يوقىتىلسا بولمايدۇ!!  ئەگەر ئىچكىرىدە ياكى ياتلارنىڭ يۇرتىدا بىر ئۇيغۇر دوپپا كىيىپ،ساپساق ،بىجىرىم تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان، يولدىن ئۆتكەنلەرگە بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ ئولتۇرغىنىنى كۆرسەڭلار ئىچىڭلار ئاچچىق بولمامدۇ؟              
4.راسىت ،  ئۇلار بىچارە ئەمەس،  يۇزى ئىنتايىن قېلىن ، ساختىپەز كىشىلەر، مىيىپ ياكى ئاغرىقچان بولسا ئۇنىڭ يولى باشقىچە،  لىكىن مېنىڭچە ساپمۇساق ئادەمنى بىچارە دەپ سەدىقە بەرسەك بولمايدۇ ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان بولىمىز
5.........................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش