قېرىنداش
شاتلىقىمغا جۈر بولۇپ كۈلەلەمسەن قېرىنداش؟
يىقىلسام گەر ۋايسىماي يۈلەلەمسەن قېرىنداش؟
چىن دىلىڭدىن گۈل كەبى ئىپار چېچىپ يولۇمغا-
دۈشمىنىمگە تىكەن بۇپ ئۈنەلەمسەن قېرىنداش؟
سۇدا ئېقىپ، ئوتتا تەڭ كۈيەلەمسەن قېرىنداش؟
مىنىڭ ئۈچۈن دائىم يەڭ تۈرەلەمسەن قېرىنداش؟
كۈلپەت كەلسە بېشىمغا،يۈگۈرۈپ كىلىپ قېشىمغا-
بىر ناننى تەڭ ئىككىگە بۈلەلەمسەن قېرىنداش؟
يامان ئىشتىن مىھرىڭنى ئۈزەلەمسەن قېرىنداش؟
تەنبىھ بىرلە ئۈزۈڭنى تۈزەلەمسەن قېرىنداش؟
توغرا يولدا، ھەق يولدا قانچە جاپا تارتساڭمۇ-
ئىككىلەنمەي ،تەمتىرمەي يۈرەلەمسەن قېرىنداش؟
ئۇدۇن ئوغلى شېئىرى
2013- يىلى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى شەھرى ئۇدۇن