مۇقەددىمە:
ئانا ئۇ _ كۆكتىكى نۇر چاچقان قۇياش ،
ئانا ئۇ _ بىز ئۈچۈن ھىمايە قاياش .
ئـانـا ئـۇ _ پەرزەنتـكە ئاتار بـارىنى ،
بىز ئۈچۈن بېرىدۇ ھەممىگە بەرداش .
ئانا ئۇ _ دىللاردا بۈيۈك پەرىشتە ،
ئانا ئۇ _ مەڭگۈلۈك ئورنى ئەرىشتە .
ئانا ئۇ _ پەرزەنتكە باغلانغان يىپتۇر ،
ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن مۇقەددەس رىشتە .
ئېسىمنى بىلسەم مەن دۇنياغا كېلىپ ،
دادام ھەم باشقىنى ئەسلىيەلمەيتىم .
پەقەتلا ھەمراھتى ماڭا شۇ ئانام ،
گۆدەكلىك _ كۆڭلىنى بەزلىيەلمەيتىم.
ئانامنىڭ پاك كۆڭلى گويادۇر ئالەم ،
ماڭا ھەم شۇ مېھرى ئىدى يار _يۆلەك .
ئەركىلەپ ئۆتەتتىم ئۇنىڭغا كۈندە ،
ھېچنىمەم بولمىغاچ ئانامدىن بۆلەك .
ئاناممۇ قەۋەتلا ئامراق ئىدىكى ،
دۇنيادا سەن بىرلا يالغۇز بالام دەپ .
گەرچە ئۇ راھەت كۈن كۆرمىسىمۇ ھىچ ،
كۈنلىرى مەن ئۈچۈن ئۆتەتتى غەم يەپ .
شۇنداق بىر شارائىت چوڭ قىلدى مېنى ،
بالىلىق چاغ بىلەن خوشلاشتىم ئاستا .
مەكتەپلىك ھاياتنى باشلىدىم بىردىن ،
چوڭ بولۇپ قاپتىمەن ئۆزۈم تۇيماستا .
مەكتەپكە كىرىپمۇ يۈرةتتىم بىغەم ،
قوياتتىم ئانامغا گاھى ئەركىلەپ .
مەكتەپكە بارمايمەن دېسەم ئوينىشىپ ،
ئاپىرىپ قوياتتى مېنى يېتىلەپ .
ئۈلگۈرتۈپ بېرەتتى جاپاكەش ئانام ،
تاماقنى ئەتىگەن ۋة ياكى چۈشتە .
مەكتەپتىن قايتقۇچە بولاتتى تىت_تىت،
ئۇنىڭ شۇ ئەس يادى مېنى كۈتۈشتە .
ھورۇنلۇق قىلىپ مەن گاھى چاغلاردا ،
ئويغىنىپ بولساممۇ تۇرمايتىم سەھەر .
ئالدىراپ مەكتەپكە ئۇچاتتىم ئاندىن ،
چۈنكى تىل ئاڭلايتىم كېچىكسەم ئەگەر .
ئىچ ئاغرىپ بىچارە جاپاكەش ئانام ،
توشۇيتى تاماقنى كەينىمدىن مېنىڭ .
دەيتتى ھەم:ئىسسىقىدا يەۋالغىن بالام ،
يېمىسەڭ ماغدۇر يوق ،ئاجىزلار تېنىڭ.
بەڭباشلىق چىرمىغان كەپسىز كاللامدا ،
ئويلىماي يۈرەتتىم ئانا مېھرىنى .
كېيىنچە بىلدىمكى_ كەلمىدى قايتا ،
ھەر ۋاقىت ئەسلىدىم گۈزەل چېھرىنى .
شۇنداق قىپ مەكتەپنى پۈتتۈردۈم تېزلا ،
يۇقرىلاپ ئوقۇشقا بولمىدى ئىمكان .
ئوقۇتاي ، ئوقۇغىن ! دېسىمۇ ئانام ،
ئائىلە ئەھۋالىم ئۆزۈمگە ئايان .
مەكتەپتىن چىقىپ مەن يۈردۈم ئۆيۈمدە ،
گاھىدا ئوينايتىم ھەپتە _ ھەپتىلەپ .
خىيالغا كىرمەيتى ئۆينىڭ ئىشلىرى ،
بىچارە شۇ ئانام قانداق قىلار دەپ .
قەدىمىم يەتكەنتى گۈزەل ياشلىققا ،
پەقەتلا تۇرمايتىم ئۆيدە كۈندە كەچ .
چىقما دەپ يالۋۇرۇپ قالاتتى ئانام ،
كۆزلىرى ياش ئةگىپ مەندىن غەم يېگەچ.
ئاخشىمى تەبئىيلا جەم بولۇپ دوستلار ،
پو ئېتىپ تۇراتتۇق كىچىك دوقمۇشتا .
كۈلۈپمۇ كېتىمىز بولغاچقا گەپلەر ،
گاھىدا بالىلىق گاھى تۇرمۇشتا .
كەينىگە كىرگەچكە بەزى دوستلارنىڭ ،
ئۆگەنگەن ئىدىم مەن تاماكا _ ھاراق .
ئىچسەممۇ چەكسەممۇ سىرىتتا يۈرۈپ ،
چاندۇرماي يۈرەتتىم ئانامغا بىراق .
ماڭغانتىم بارغانچە تۇيۇق يوللارغا ،
ئازدۇرغاچ مېنى بۇ شەيتانى ھەۋەس .
گاھىدا ئاخشىمى پاراڭ سېلىشساق ،
گاھىدا ئىچىشىپ بولار ئىدۇق مەس .
بىلمەيمەن قانداقچە ئۆگەندىم قىمار ،
ئۇتتۇم ھەم دەسلەپتە ئۈچيۈز نەچچە يۈەن .
خوشلۇقتا بازارغا ئاتلاندىم شۇئان ،
ئۇچامنى قامدىدىم ئاشۇ پۇل بىلەن .
بارغانچە قىزىقىپ قالغان ئىدىم مەن ،
ئەقلىمنى يوقاتقان ئاشۇ قىمارغا .
ئانامغا پەرۋاسىز چىقىپ كېتەتتىم ،
قالسىمۇ گوياكى ئوخشاپ بىمارغا .
بىر كۈنى تۆتەيلەن كىردۇق تاۋكاغا ،
باشقىچە قىزىغان ئىدى بۇ سورۇن .
بەزىلەر بۇ جايدا ئىچەتتى ھاراق ،
ئالدىرىماي بىر چەتتىن ئالدۇق بىز ئورۇن .
سەل تۇرۇپ قوشۇلدۇق بىزمۇ سورۇنغا ،
ھەيران_ھەس قالاتتىم بۇنچە كۆپ پۇلغا .
پۈتۈنلەي ئەس يادىم شۇ پۇلدا ئىدى ،
سەزمەيتىم ماڭغاننى بىر تۇيۇق يولغا .
بىردىنلا تۇيۇقسىز بۇزدى سورۇننى ،
ئارىدىن قوپالراق بىرسىنىڭ سۆزى .
قول شىلتىپ ئۆز ئارا باشلاندى جىدەل ،
لېكىن شۇ پۇلدىلا ھەممىنىڭ كۆزى .
ئاۋال ئۇ ئۇزاتتى قولىنى پۇلغا ،
يىغىشقا باشلىدى پۇللار مېنىڭ دەپ .
بىزمۇ ھەم بوش كەلمەي تارتىپ پۇللارنى ،
ئۇرۇشقا باشلىدۇق ئۇنى ھەر تەرەپ .
تىمتاسقا چۆمسىمۇ جىمى يەر جاھان ،
توختىماس بۇ ئۆيدىن جىدەل ئاۋازى .
دەرقەمدە پۇللارنى بۆلۈشسەكمۇ تەڭ ،
تويمايتى بۇ كۆزلەر بولۇپ نارازى .
خارتىلداپ ياتاتتى بىز ئۇرغان يىگىت ،
يۈز كۆزى قان بىلەن بويالغان ئىدى .
قورقۇپ بىز چۆرىدەپ ئولتۇردۇق ئۇنى ،
بارغانچە ئۇنىڭغا نەپەس يەتمىدى.
داۋامى بار............