باشلىق سېنى ئۆستۈرىمەن
دەپ قويغانغا
ئات چاپتۇرۇپ يۈردۈڭ پاخال چەللىلەرگە،
باشلىق سېنى ئۆستۈرىمەن دەپ قويغانغا.
نەزەر تاشلاپ يوغان-يوغان «سەللەر»گە،
باشلىق سېنى ئۆستۈرىمەن دەپ قويغانغا.
كېچە-كېچە باقتىڭ باشلىق ئىشىكنى،
ئەركىلىتىپ ھەتتا بۆرە كۈچكىنى.
تام غۇلاچلاپ چەكتىڭ ئاستا رۇجكىنى،
باشلىق سېنى ئۆستۈرىمەن دەپ قويغانغا.
يۈركىڭدە ئەمەل ئىشقى،مەستانە سەن،
باشلىقىڭنىڭ ئەتراپدا پەرۋانە سەن.
بۇيرۇقىغا پەرماندارسەن،مەردانە سەن،
باشلىق سېنى ئۆستۈرىمەن دەپ قويغانغا.
باشلىقىڭنىڭ سايسىغا تازىم قېلىپ،
نەزرىڭدە ئۇنى خۇددى خېزىر بىلىپ.
نىمە دىسە قالتىس دېدىڭ چاۋاك چېلىپ،
باشلىق سېنى ئۆستۈرىمەن دەپ قويغانغا.
سوۋغات بىرىپ ئايالىغا ،بالسىغا،
ھەلەپ ئېتىپ ئېغىلدىكى كالسىغا.
ھەمدەم بۇلۇپ خۇركىگە،نالىسغا،
باشلىق سېنى ئۆستۈرىمەن دەپ قويغانغا.
چاپنىنىڭ توپىسنى تۇردىڭ قېقىپ،
ئاۋايلىدىڭ تۈگمىسنى رەتلىك ئېتىپ.
ئادىمىيلىك قىممتىڭنى بولدۇڭ سېتىپ،
باشلىق سېنى ئۆستۈرىمەن دەپ قويغانغا.
ئۈمۈتلۈنۈپ نۇرى ئۆچتى كۆزلىرىڭنىڭ،
قېنى قاچتى ئانار كەبى يۈزلىرىڭنىڭ.
كەتتى تەمى شىرىن-سۇخەن سۆزلىرىڭنىڭ،
باشلىق سېنى ئۆستۈرىمەن دەپ قويغانغا.
باشلىقىڭغا پۇخرالارنى چېقىپ كەلدىڭ،
شەپقىتىدە سېسىق جاننى بېقىپ كەلدىڭ.
خىيالىڭدا مۇنبەرلەرگە چېقىپ كەلدىڭ،
باشلىق سېنى ئۆستۈرىمەن دەپ قويغانغا.
ئۇخلىماي چۈش كۆردۈڭ ئەسنەپ، قالدىڭ داغدا،
پەرۋا قىلماي ئويناپ يۈرەر باشلىق باغدا.
ئەخمەق بولۇپ كەلدىڭ ئاداش ھەممە چاغدا،
باشلىق سېنى ئۆستۈرىمەن دەپ قويغانغا.
باشلىق تالاي ئادەملەرگە ۋەدە بەرگەن،
شۇ يوسۇندا ئەپلەپ-سەپلەپ دەۋەر سۈرگەن.
بىل،يەم بولۇر يولۋاس بىلەن بىللە يۈرگەن،
ئالداندىڭ سەن ئۆستۈرىمەن دەپ قويغانغا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-19 09:56 PM