قىزىق
مـۇنـبـەردە ئـەڭ تـولا راســتـىنـلا يـېـزىـق ،
نە چاپاق،بەك ئاپپاق،يوق ئەسلا جىجىق .
گېپىم جىق ئەزالار، گەپ قـىلاي سـىلـىق ،
تىلىم دەپ كاپشىيمىز تۇتسىمۇ ھېقىق .
ئىـمـلاغـا كــارى يـوق بولـغىـنى قىـزىـق .
پـىلانســىز تـۇغـۇتـتا ، تـۇغـۇلغان كەبى ،
ئـەزا دەپ مۇنبەرگە كىرەر ئەشەددىـي.
بىر كىردى، كارى يوق كىرمەيدۇ قەتئىي،
سان ئەمەس دەل سۈپەت كىرەك ئەقەللىي.
كىلونـلاپ ئازنـى تـوق قــىلغـىـنى قىـزىق .
قارىـسا تېمـا كـۆپ، ئـىنكاسـلارچۇ؟ ئـاز ،
بوپتىلا ، چوت سۇقۇپ زادى بۇنداق ياز .
دېمەيـلى بىلمىدىم قانـداق تېمـا سـاز ،
دان يـەپـلا شەپىسىـز قـىلىمىـز پـەرۋاز .
كىملەردىن قورقۇپ شۈك بولغىنى قىزىق .
ئىنكاس ياز دەپ قويـسا قىـلىشىپ تەنە ،
پـۈچـەك گەپ-سۆز بـىلەن قىلۇر تەنتەنە .
ياخشىكەن ، ناچاركەن...قورچاق بار يەنە ،
مەدەتمۇ ،مازاقمۇ ، قانداق سەپسەتە ،
ئـەزا دەپ بـىـر ھـۇقۇق بەرگىـنى قىـزىق .
يازالـمـاي تېمــىـنى سـۆكتـۇق مەيـلىـدى ،
گـەر بــولـسا خاتـالىـق ئـاپـتـۇر رازىــدى .
تىللاشـلار تەنــقىدنى باسـتى ،چەيلىدى .
شـۇ سـەۋەپ ئـەزانـىـڭ ســوۋۇدى رايـى .
مۇنبەرنىڭ بۇغۇق بوپ قالغىـنى قىزىق .
شۇنداق بىر تېما بار ، ئىنكاسلار نۇرغۇن ،
شىكايەت غەيۋەتتە ، ھالى بەك سۇلغۇن .
شۇنداق بىر تېما بار ، ئىنكاسلار ئۇيغۇن ،
تەلەپكە، كـۆڭـۈلـنى قـىلـغۇسى تــۇيغـۇن .
شۇنداقنـىڭ قۇرۇق بوپ قالـغىـنى قىزىق .
سۆزلىـسە ، مـۇنبـەرگە ئـەزاغا گەپ كۆپ ،
تــۇرايـلى مـۇنبـەرگە دائــىـم كـۆيـۈنــۈپ .
قىزىق ئىش تۇرمىسۇن دائىم كـۆرۈلـۈپ ،
قىزىق ئىش بولسىلا تۇرماستىن كۈلـۈپ .
بىـر ئويلاپ باققانـمۇ ھەقىـقـىي قىلىـق .
مۇنبەر بەگلىرىگە
قىلدى يوقتىن بار ئۇنى تۆلەپ بەدەل،
نام بېرىپ<مۇنبەر>ئاتاپ شۇنچە گۈزەل.
خاسلىقى، مەۋھۇملۇقى ياقتۇردى ئەل ،
شۇ گۈزەل مەۋھۇم ئورۇندا بىر مەھەل .
ئاتىلىپ مۇنبەر بېگى تۇتتۇڭ ئەمەل .
راستلا سەن بولدۇڭ مانا يۈزمىڭدە بىر ،
<بېگى>دەپ كۆرسەتمىگىن ھەرگىز كىبىر.
بولمىساق مۇنبەردە بىز ھالىڭ ئېغىر،
ئويلىساڭ:-<مەن ماي بولاي>بىز دەل زىغىر.
ئۇنتۇما دەل بىز ئەزا تۇتساڭ ئەمەل .
-تارتىشىپ دوستۇم ئىدى ئاۋۇ مېنىڭ ،
سەن نېمە تەڭ بولمىغىن قىلما غىدىڭ.
بىر دېسەم ئككى دېيىش نېمە ھەددىڭ،
دېمىگىن مۇنبەر ئەمەس ھەرگىز سېنىڭ.
بولسا گەر شۇنداق تەنھا تۇتتۇڭ ئەمەل .
تېمىنى تەستىقلىغىن دادىل بولۇپ ،
بەر باھا تەكلىپ-پىكىر دادىل بولۇپ .
شۇندىلا ئەزا ساڭا قايىل بولۇپ ،
سۆيگۈسى مۇنبەرنى چىن مايىل بولۇپ.
بولغۇسى ساڭا ئەسرا تۇتتۇڭ ئەمەل .
چىن كۆزەت بىر تېمىغا قىلما ئىما ،
بايقىغىن قانداق تېما نادىر تېما.
يارىسا شەخسەن ئۆزۇڭ نادىرلىما ،
نەچچە باش بىرگە بولۇپ بەرسۇن باھا.
مۇنبىرىم تاپقاي راۋا تۇتتۇڭ ئەمەل .
مەن دېگەنتىم تېمىدۇر ھۆسنى بېزەك،
ئەلۋەتتە مۇنبەرگىمۇ تېما كېرەك .
بەرسىلا بار تېما دەپ ساڭا دېرەك ،
قارىغىن ئەخلەتمۇ يا غۇنچە-چېچەك.
كىشىگە بەرسۇن داۋا تۇتتۇڭ ئەمەل .
تېما ۋە ئىنكاس بىلەن ھەمدەمدە بول ،
مۇنبىرىم ئەزا بىلەن دەرقەمدە بول .
ئويلىغىن مۇنبەر نېمە ؟سەن پۇت قولى بول.
مەيلى يېڭى -كونىغا بۆلگىن كۆڭۈل .
ئىناقلىق بولسۇن پەيدا تۇتتۇڭ ئەمەل .
ئاڭلىغىن ئۇشبۇ سۆزۈم مۇنبەربېگى ،
مەن ئەمەس بارچە ئەزا يۈرەك گېپى .
مۇنبىرىم -راست قوينى كەڭ شۇنچە سېخى.
ئەمما سەن تەرتىپكە سال دەل شۇ چېغى .
بولغۇسى ھەممە شەيدا تۇتتۇڭ ئەمەل .
مەنبەسى: ئەپچىلەم