مۇنبەر ‹‹مېغىزلىرى››غا بىر شىڭگىل
ئۇزۇن سەپەر سىنايدۇ باھادىرلار روھىنى،
‹‹بوز قىر بىلەن ئۇچۇرشىش ››نەتىجىسى سەپەرنىڭ،
ئاتامانلار ھەر جايدا ئامان بولسۇن ئىلاھىم،
ئۈنسىز بەدەل بەرگەنلەر پەخرىدۇر ۋەتەننىڭ.
بىر قازان سۇ كۆپ ئەمەس بىر چىمدىم تۇز ئالدىدا،
ئەل قاتارى تەر تۈكۈپ ئەل بىلەن تەڭ كۈلدىڭىز،
ھىكمەتلەردە ھاسسىللاپ ئەۋلادلارنىڭ كۈيىنى،
ھەقدادىغا يەتكۈزۈش بولدى خالىس ئويىڭىز.
.
دۇنيا بىلەن ئۇيغۇرنى تۇتاشتۇرۇپ ئۈمۈتتە،
ھەر بىر سۆزگە ئىقبالدىن دۇردانىلەر ئاستىڭىز،
راست ئالتۇنغا ياقۇت كۆز ياراشمامدۇ ھەر جايدا،
بايلىق چىققان كانلاردىن گۆھەرلەرنى قازسىڭىز.
دەرتمەنلەرنىڭ دەردىگە داۋا ئىدى تەلقىنلەر،
روھنىڭ شىپا يامغۇرى قېنى ئۇستاز ئەزىزان؟،
گۈلخان يېقىپ زۇلمەتكە تەسلىم بولساق ھىكمەتكە،
شاھ مەشرەپنىڭ قەھرىدە لاۋۇلدايتى بۇ جاھان.
.
مەنزىل ئۇزۇن يول خەتەر ئىرادىنى تاۋلاشقا،
ئۆزىڭىزنى ھەر قاچان مۇشكۈلاتقا ئۇردىڭىز،
دوئىلىدا ھاياتنىڭ يۈز قىزارتماي ئۇتۇشقا،
تەقدىرداش بىز ھەمىمىز بىزنى سەبداش بىلسىڭىز.
زۇلمەتلەردە ھىلالدەك كۆكتىن نىشان بولماققا،
نىيەت قىلىپ ئاھ ئۇرۇپ دەردىڭىزنى تۆكسىڭىز،
بىز چۈشەنمەي بەزىدە سىزگە ئاچچىق تەڭلەپتۇق،
ئەستەغپۇرۇللا-! ۋاي ئېسىت-!! بىزنى ئەپۇ ئەتسىڭىز...
كۈندە يېڭى قۇياشنى كۈتىۋالغان سەھەردەك،
يېڭى-يېڭى تېمىلار كۆز ئاچىدۇ كۈنلۈكى،
ھادۇقىڭىز چىققۇسى- نومۇس ئەمدى غاپىللىق،
چۇقانلاردىن بۇزۇلسا بىزدە غەپلەت ئۇيقىسى.
قىزلار دەيدۇ ھەممىسى ئەپچىلەمدە ئۈچۈم بار،
كۈلكە چاخچاق كۆڭۈلنىڭ ئەينىكىنى چاققانمۇ،
ھازىر جاۋاپ ئۆزىڭىز ئۆتكۈر ئىكەن سۆزىڭىز،
ئەمدى داستان كۈتىمىز بۇنى ئويلاپ باققانمۇ.
ھىساپ-كىتاپ ئىنسانغا ئىككى ئالەم نەتىجە،
ئەقىدە ھەم ئېتىقاد بولدى بىزگە دەرسىڭىز،
ئىنكاسىڭىز تېتىملىق تېمىلىرىڭىز كەم دېدار،
ئاللاھ ئىگەم شاد قىلسۇن بىزگە ساۋاق بەرسىڭىز.
رەھبەرلەرگە ئۇچۇق خەت تېمىسىنىڭ
ئاپتۇرىغا:
قايناپ تېشىپ يۈرۈپتۇق يارىمايدۇ قىزلار دەپ،
ساداسىنى ئاۋامنىڭ رەھبەرلەرگە سۇندىڭىز،
مەغرۇرلۇقنىڭ ئېتىدا مەيدە كېرىپ يۈرگەندە،
يىگىتلەرگە بىر سۇئال دادىللىقتا قويدىڭىز.
سىزنى بىلىپ قالدۇققۇ سەزگۈر چېچەن قىزچاق دەپ،
خەلقئارا دىن مۇنبەرگە سالام ئېلىپ كەلسىڭىز،
جاھان كەزمەك ئاسانمۇ بولسا ئاڭلاپ تۇرايلى،
ئۇچۇر دەۋرى دەيدىغۇ بىزگە خەۋەر بەرسىڭىز.
مۇنبىرىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن تەر تۆكىۋاتقان بارلىق
قېرىنداشلارغا:
تولۇق ئەمەس يازغىنىم كېمى كۆپتۇر يەنىلا،
تەقدىرداشلار كۆپ ئاقىل ئۇنى تەتۈر چۈشەنمەس،
تىل -تاپىغا لايىقى لاۋا بىلىپ ئۆزىنى،
لىكىن چوغدەك يانمىغان<<مەن>>دەك ئۆزىنى بىلەلمەس.
مەنبە:لاۋا0998
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-19 04:56 PM