ئاللاھ بۈيۈكتۇر
بىزگە چەكسىز رەھىم ئەيلىگەن،
تۆھبە قىلساق بىزنى كەچۈرگەن،
قەلبىلەردىكى سىلارنى بىلگەن،
مەڭگۇ ھايات رەببىم بۈيۈكتۇر.
نام-ئەمەللەرنى قولغا بەرگەندە،
گۇناھلىرىمىز ئېغىر كەلگەندە،
چەكسىز مېھېر-شەپقىتى بىلەن،
رەھىم قىلغان ئىگەم بۈيۈكتۇر.
ئىخلاس بىلەن باشنى ئىگىشكە،
چىن يۈرەكتىن ياخشى كۈرۈشكە،
جان تەسەددۇق قىلىپ ئۈلۈشكە،
لايىق ئىگەم ئاللاھ بۈيۈكتۇر.
لەختە قاندىن ئىنسان ياراتقان،
كۆك ئاسمانغا يۇلتۇر تاراتقان،
ھەق سۆزلەرنى بىزگە ئاڭلاتقان،
راھمان سۈپەت ئىگەم بۈيۈكتۇر.
ھەممىنى جۈپ كامىل ياراتقان،
بېرىپ جېمى مەخلۇققا تاراتقان،
كائىناتنى تىگىنلەپ تۇرغان،
ئىلمى چەكسىز ئاللاس بۈيۈكتۇر
.
قىيامەتتە جان كىر گۈزۈپ،
مەشەرگاھقا ھەممىنى يىغىپ،
تارازىگە بىر-بىرلەپ سېلىپ،
ھېساب ئالغان ئىگەم بۈيۈكتۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-19 03:14 PM