ۋاقتىڭىزنى قەدىرلەڭ،ۋاقتىڭىزغا مەبلەس سېلىڭ
بىسمىللاھى رەھمانىر رىھىم
جىمىي ھەمدۇساناھ،گۈزەل ماختاشلار پۈتۈن ئالەمنى ياراتقۇچى ۋە تەربىيىچى بولغان ئاللاھقا بولسۇن.ئاللاھنىڭ سالىمى ۋە رەھمىتى ھاياتىنى ياخشىلىق ئۈچۈن ئىشلەتكەن ۋە شۇنىڭغا چاقىرغان پەيغەمبەر مۇھەممەت سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بولسۇن!
ۋاقىت بولسا ئىنساننىڭ ھاياتى،ئۇنى ھەرگىز زايە قىلماسلىق كېرەك.پايدىسىز ۋە يامان ئىشلارغا سەرپ قىلماسلىق كېرەك.ۋاقتىنى زايە قىلماي تېجىگەن كىشى ئەقىللىق ۋە سائادەتمەن ھېسابلىنىدۇ.ئەي ئنىسان،ۋاقىتنى يامان ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزمەستىن،ئاللاھ رازى بولدىغان ئىنسانلارغا پايدىلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىشىڭىز كېرەك.ئۆمرىڭىزنىڭ ھەربىر مىنۇتىدا ھۆرمىتىڭىزنىڭ،ئىززەت-ئابرويىڭىزنىڭ ئوستۇن بۇلىشىغا قەدەممۇ قەدەم ئۇل سالالايسىز.ئائىلىڭىزنى بەخىت سائادەتكە باشلىيالايسىز.ئاللاھنىڭ ئالدىدا بەخىتلىك بولاي دىسىڭىز ۋاقىتنى زايە قىلماڭ،بىر مىنۇت ۋاقىت ئىچىدىمۇ نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلالىشىڭىز مۇمكىن.شۇ ئارقىلىق ياخشى بولالايسىز كۆپ ئەجىر تاپالايسىز،تۆۋەندە بىر مىنۇتتا قولىڭىزغا كىلدىغان ياخشىلىق يوللىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
(1) بىر مىنۇت ئىچىدە سۈرە <فاتىھە>نى بەش قېتىم ئۇقىيالايسىز.بىر ئوقىسىڭىز 1400 ساۋاب،بەش ئوقىسىڭىز 7000 ھەسسە ساۋاب،ئويلاپ كۈرۈڭ!
(2) بىر مىنۇت ئىچىدە<قۇلھۇۋاللاھۇ ئەھەد> نى ئون قېتىم ئوقۇيالايسىز،ئۈچ ئوقۇسىڭىز <قۇرئان> نى بىر قېتىم ئوقۇغان بۇلىسىز،دېمەك بىر مېنىۇت ئىچىدە قۇرئاننى ئۈچ ئۇقۇغانلىق ساۋابىنى ئالالايسىز(بۇخارا رىۋايىتى)
(3) بىر مىنۇت ئىچىدە قۇرئاندىن بىر ۋاراق ئوقۇيالايسىز،بىر خەتكە 10 ياخشىلىق بىرلىدۇ.
(4) بىر مىنۇت ئىچىدە بىر ئايەت ئوقۇيالايسىز ياكى يادلىيالايسىز،بىر ئايەت ئۈگەنسىڭىز ياكى يادىلىسىڭىز ئاللاھ جەننەت دەرىجىسىدە ئۈستۈن قىلىدۇ.
(5) بىر مىنۇت ئىچىدە <رەسۇلىللاھ> قا 20 قېتىم دۇرت ئوقۇيالايسىز،ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ سىزگە 20 قېتىم رەھمەت ئوقۇيدۇ.
(6) بىر مىنۇت ئىچىدە ئاسمان-زېمىننىڭ يارتىلىشىنى تەپەككۇر قىلالايسىز.
(7) بىر مىنۇت ئىچىدە ئاللاھتىن گۇناھلىرىڭڭىزغا كەچۈرۈم تىلىيەلەيسىز.
(8) بىر مىنۇت ئىچىدە ئۇرۇق-تۇققانلىرڭىزغا تېلغۇن بىرى ياخشىلىق تىليەلەيسىز.
(9) بىر مىنۇت ئىچىدە بىر قانچە مۇسۇلمانغا سالام بىرىشىڭىز مۇمكىن.
(10) بىر مىنۇت ئىچىدە بىر يامان ئىشنى تۇسۇيالىشىڭىز مۇمكىن.
(11 )بىر مىنۇت ئىچىدە ئائىلىڭىزنى ياخشى ئىشقا بۇيرىيالىشىڭىز مۇمكىن.
(12) بىر مىنۇت ئىچىدە بىر كىشىگە ياخشىلىق قىلىشىڭىز مۇمكىن.
(13) بىر مىنۇت ئىچىدە بىر كىشىگە نىسھەت قىلىشىڭىز مۇمكىن.
(14) بىر مىنۇت ئىچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ يولىدىن بىر زىيانلىق نەرسىنى ئېلۋىيەلەيسىز.
(15) بىر مىنۇت ئىچىدە بىر مىسكىنگە غەمخورلۇق قىلالايسىز.
(16) بىر مىنۇت ئىچىدە <ئاللاھ ھەممە نۇخساندىن پاكتۇر،ئاللاھنى مەدھلەيمەن،ئاللاھ بۈيۈك مۇقەدەستۇر> نى ئون قېتىم دىيەلەيسىز.
دېمەك ھەركۈنى پايدىسىز بىھۇدە زايە بۇلۋاتقان بىر نەچچە مىنۇتلىرىڭىزنى ياخشى يوللاغا،ياخشى ئىشلارغا سەرىپ ئەتسىڭىز،ئايلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ياخشىلىقلارنى توپلىغان بۇلىسىز،ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزدىن ياخشى پايدىلانسىڭىز
كۆپرەك ساۋابقا ئىشەلەيسىز،
ئەي قېرىنداشلار بۇ ئىشلار سىزنىڭ ئاخىرەت ئىشلىرىڭىزغا پايدىلىق،بۇ ئىشلارنى قىىلىش تەس ئەمەس.پەقەت ۋاقتىڭىز بولسىلا بولىدۇ،قىلىىش،ئۆگىنىش تەس ئەمەس،مەيلى سىز قەيەردە بۇلۇڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا قىلالايسىز.
ئۇلۇغ ئالللاھ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن،ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇۋەپپىقىيەت قىلسۇن،ئاللاھنىڭ رەھمىتى،سالىمى،بەركىتى ھەممىڭىزغا بولسۇن،ئامىن!
مەنبە:ماتىرىياللار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-19 03:01 PM