سەن بولمىساڭ كۆڭلۈمدە تۈتەك
1
ئاي نۇرىغا تەشنادۇر كېچە،
گۈللەرنىڭمۇ چىرايى ئۆچەك.
چاغ ئۆتىدۇ ، نۇرلار ئۆچىدۇ،
سەن بولمىساڭ كۆڭلۈمدە تۈتەك.
دەرد-ئازابنىڭ قىزىل چىرىقى،
يوللۇرۇمدا يېنىپ تۇرىدۇ.
قاچان كۈلەر يېشىل چىرىقى،
تۈن كېچىلەر قاپاق تۈرىدۇ.
سەن بولمىساڭ كۆڭلۈمدە تۈتەك،
جان-جېنىمنى كۆيدۈرەر پىراق.
دەريالارمۇ ئازلىق قىلىدۇ،
قاندۇرۇشقا يۈرەكنى چاڭقاق.
2
باھار ماڭا چىراي ئاچمايدۇ،
ئۇسساپ كېتەر ھەر بىر تۇپ گېياھ.
سەن بولمىساڭ كۆڭلۈمدە تۈتەك،
چۈشىنىكسىز قاراڭغۇ دۇنيا.
ئالەم مۇزدەك،كۆزلىرىم خىرە،
تىپىرلايدۇ يۈرىكىم دەردلىك.
سەن بولمىساڭ كۆڭلۈمدە تۈتەك،
كۆرىنىدۇ ھەممە ھەسرەتلىك.
گۈللەر يالغان چېچەكلەر يالغان،
سۆزلەر يالغان، كۈلكىلەر يالغان.
سەن بولمىساڭ كۆڭلۈمدە تۈتەك،
باغلار ئۆكسۈپ، چېكىمەن پىغان.
تۆكۈلمەيدۇ ئاسماندىن ئاپتاپ،
غەمدە باغلار، جىمجىت دالىلار.
سەن بولمىساڭ كۆڭلۈمدە تۈتەك،
قەلبىم زېدە، يۈرەك يارىدار.