قىيا باقىسەن
ھەر كۈن ماڭساڭ يۈرەكىمگە ئوتلار ياقىسەن،
بۇلاق كەبى كۆزلىرىڭدە قىيا باقىسەن.
ئىغىز ئاچسام ساڭا سۆيگۈ ئىزھار قىلغىلى،
شۇئان مەندىن كۆزلىرىڭنى ئىلىپ قاچىسەن.
ئارمان بىلەن كۈتكەنئىدىم ئۈمىد ئۈزمەستىن،
كۆڭلۈم سەندە بولغاچ باشقا يارنى سۆيمەستىن.
ئۇتاي دەيمەن سىنىڭ نازۇك چىن كۆڭلۈڭنى مەن،
لىكىن مىنى قىينىدىڭ سەن كۆڭۈل بەرمەستىن.
ئەجەپمۇ بىر گۈزەل ھەمدە كەڭرى بۇدۇنيا،
چىن سۆيگۈسىز دۇنيا ماڭا زۇلمەتتۇر گويا.
كۆڭۈل بەرگىن مىنى ئۇنچە قىينىماي جانان،
ئۆركەشلەيدۇ قەلبىم سەنچۈن،بوپ كەبى دەريا.
نۇر ئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر
2013-يىلى 19-يانۋار (ئۈرۈمچى)