|
|
|
|
تۇنجى مۇھەببەت
ئېزىز مەتكىرىم(ئاتەش)
ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ،
ئۇنتۇلماي كەلمەكتە تۇنجى مۇھەببەت.
سۆيگۈدىن ئۇرۇلغاچ قەلبىمگە خەنجەر،
قايتىدىن ئىزدەشكە قالنىدى جۈرئەت.
بۇلۇپ مەن سۆيگۈدە تۆكۈلگەن ياپراق،
بىلىنىپ مەن كۆيگەن شۇقىزغا يانتاق.
مەھبۇبەم بول دىسەم،دىسىمۇ ياق-ياق،
ئۇنتۇلماي كەلمەكتە تۇنجى مۇھەببەت.
گەرچە ئۇ يۇرتىغا كەتسىمۇ تىمەن،
لىكىن مەن قىلىندىم كۆيۈمسىز بىر تەن.
كەتكەچكە يۈرۈكۈم ئاشۇ قىز بىلەن،
قەلبىمنى ئۆلـتۈردى تۇنجى مۇھەببەت. ئازابلىق كەچمىشىم ئەتمەكتە داۋام،
دەقىقە بەرمىگەچ قەلبىمگە ئارام.
تىزگىنسىز سېغىنىش قىلىپ بىئارام،
مىنى زەپ قىينىدى تۇنجى مۇھەببەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ASMAR1204 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-19 02:10 PM
|
|
|
|
|
|