karluq02 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 01:46 PM
بۇنداق سورۇندىغۇ مەن يوق، لېكىن، قىمارنى چەكلىگەن ھۆك ...
قىمار ماشىنىسىنى ھۆكۈمەت ياسىمايدۇ، كومپيۇتېر تېخنىكىسى يۇقىرىلار ياسايدۇ، ھەر ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، ياخشىغىمۇ يامانغىمۇ ئشىلەتكىلى بولىدۇ.
ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت قانۇنلىرىدا قىمار ئويناش چەكلىنىدۇ، بىزنىڭ ناھىيىنىڭ ھاكىم خەت ساندۇقىغىمۇ بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقخانىدا قىمار ئوينىغانلىق ئەھۋالى توغرىسىدا ئىنكاس چۈشۈپتىكەن، كىچىككىنە ناھىيىدە قانۇنلۇق رەسمىيىتى بار ئويۇنچۇقخانىلاردىن 20 دەك باركەن، ئۇلار كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ئىجازەتنامىسى ئالغانىكەن، شۇڭا قانۇنلۇق تىجارەت سورۇنى ھېسابلىنىدىكەن، بىراق ئويۇنخۇمارلار كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنىنى قىمارغا ئايلاندۇرۋاپتۇ.
مېنىڭ شەخسى پىكرىم ئوينايدىغانلار بولمىسا ئۇ سورۇنلارمۇ تەبئىيلا تاقىلىدۇ يەنە بىرى شۇ سورۇنلاردىكى قىمار ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتىپ، سىنغا ئېلىپ تورلارغا، ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا يوللاپ بېرىدىغانلار چىقسا ئۇلارنىڭ قۇيرۇقىنىمۇ قۇم باسىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا EnQa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-19 01:58 PM