مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3606|ئىنكاس: 47

يېڭى ئۆي تۇتىۋاتقان قىز-يىگىتلەر ئۈچۈن. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34513
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4129
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 291 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 02:34:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلغىلى 3 يىلدىن ئاشقان بىر دوسۇم بار ئىدى .بۇ دوستۇم ئايدا بىر ئىككى قىتىم ئايالى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالىدۇ ،بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش جىدەلنىڭ مەنبەئەسى ئادەتتىكى شۇنداق كىچىك ئىش .دوستۇمنىڭ ئېيىتقانلىرىغا قاراپ دوستۇمدا گۇناھ يوق ،ئايالىنىڭ مىجەزى ئوسالمىكىن دەيمەن .
يىقىندا بۇ دوستۇمنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىر ئىش مىنى بەكلا ھەيران قالدۇردى .بىر كۈنى دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ بۇ ئىككىسىنىڭ مائاشىنى سوراپ قالدىم .دوستۇم ئۆزىنىڭ ئايدا 3500يۈەندىن كۆپ مائاش ئالىدىغانلىقىنى ئايالىنىڭ 3300يۈەن ئەتراپىدا مائاش ئالىدىغىننى ئېيىتتى .بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مەن دوستۇمغا:سىلەر ئايدا 7000يۈەن كىرىم قىلساڭلار ئىككىڭلارنىڭ(ئۆينىڭ) خىراجىتى ئۈچۈن 3000يۈەننى چىقىرۋىتىپ 4000يۈەندىن بانكىغا قويساڭلار بۇ توي قىلغان ئىككى يىلدا يۈز مىڭ يۈەن پۇلۇڭلارمۇ يىغىلىپ قاپتۇ ئەمسە دىسەم دوستۇم ماڭا غەمكىن ھالدا ئايالىم 6000يۈەن يىغىپتۇ ،مەن شۇ بىر نەچچە مىڭ يۈەن ئىھتىماللىق ئۈچۈن ئىلىپ قويغان پۇلۇم بار دەيدۇ .مەن بۇ جاۋابقا شۇنداق ھەيرەن قىلىپ ئىچكىرلەپ سورىسام ئۇ ماڭا :بىز توي قىلىپ 3 ئايدىن كىيىن ئىقتىسادنى قانداق باشقۇرۇش توغرىسا ئايالىم بىلەن مەسلىھەتلەشكەن،مەن شۇ چاغدا ئايالىمغا ھەر ئىككىمىزنىڭ مائاشىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر قىسمىنى خىراجەت قىلىپ بىر قىسمىنى ساقلايلى كىيىنچە بىر ئىشلارغا ئەسقاتىدۇ دىگەن ،شۇ چاغدا ئايالىم :مائاش كارتىڭىزنى ماڭا بەرسىڭىز مەن ياخشى ساقلاپ بىرىمەن ،پۇل لازىم بولسا مەن بەرسەم قالغىننى ساقلاپ قويساق بولىدۇ ،ئىقتىسادنى مەن تۇتىمەن دىدى .مەن بىر ئوغۇل بالا بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇنىڭغا قوشۇلغۇم كەلمەي ' سەن قىز بالا بولغاندىكىن ماڭا بەر دىدىم،لىكىن ئۇ كەسكىن ھالدا مەن بىرسىنىڭ قولىدىن پۇل تىلەپ (سوراپ)خەجلەشنى ياقتۇرمايمەن،سىز كارتىڭىزنى بەرسىڭىز بىرىڭ مەن بەرمەيمەن ،جاپادا ئىشلەپ تاپقان پۇلۇمنى نىمىشقا سىزگە تۇتقۇزاتتىم ،دىگەندىن كىين ئىچىم ئاچچىق بولۇپ بۇ گەپنى تىلغا ئالماي، كىيىنچە ئىددىيسى ئۆزگۈرۈپ قالار دەپ بۇ گەپنى قايتا تىلغا ئالمىدىم .ئۆزىمىز ئۆزىمىزنىڭكىنى خەجلەپ ،ئايالىمى تاماققا تەكلىپ قىلىپ ياكى ئۇ مىنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ ،مەن ئۇنىڭغا سوۋغا بىرىىپ ياكى ئۇ ماڭا سوۋغا بىرىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمەستەك ئۆتىۋاردۇق .مانا ھەش-پەش دىگۈچە بالىمىزمۇ ئىككىگە كىرىپ قاپتۇ،شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايالىم بالىمىزمۇ چوڭ بولىۋاتىدۇ ،بالىمىز ئۈچۈن پۇل يىغمىساق بولمايدۇ، ئىقتىسادنى بىرلەشتۈرۈش پۇل يىغىلى دىگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن ئايالىمغا قانداق بىرلەشتۈرىمىز دىسەم :سىز ئوغۇل بالا ،مەرتلىك قىلىپ پۇلنى تىز خەجلىۋىتىسىز شۇڭا مائاش كارتىڭىزنى ماڭا بەرسىڭىز مەن ساقلاپ بىرىمەن ،خەجلەشكە تىگىشلىك يەرلەرگە دىسىڭىز مەن بىرىمەن دىدى.شۇنداق دىگەن چاغدا ئايالىمنىڭ ئىككى يىل ئىلگىركى دىگەن گىپى <<مەن بىرسىنىڭ قولىدىن پۇل تىلەپ (سوراپ)خەجلەشنى ياقتۇرمايمەن>> دىگەن گىپى ئىسىمگە كىلىپ سەن ئەينى ۋاقىتتا بىر قىز بالا تۇرۇپ مۇشۇ گەپنى قىلغان مەن ئوغۇل بالا تۇرۇپ سەندىن پۇل سوراپ خەجلەمدىم دەپ رەت قىلدىم ۋە مەن بۇ  پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم:بىرىمىزنىڭ كارتىسىنى پۇل ساقلايدىغان قىلايلى ،يەنە بىرسىمىزنىڭ كارتىسىنى خەجلەيدىغان قىلايلى ،خەجلەيدىغاننى مەن تۇتاي ،ساقلايدىغاننى سەن تۇت دىسەم ئۇنىڭغىمۇ قوشۇلمىدى.شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىمىز ئاچچىقىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ پۇلىنى ئۆزىمىز خەجلەپ ،ئۆيىمزدە بەركەت يوق شۇنداق ئۆتىۋاتىمىز دەپ ئەھۋالىنى بايان قىلدى.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مەن بەك ھەيراق قالدىم .دوستۇمنىڭ مىجەزى شۇنداق ياخشى ،بىرسىگە ئازارى يوق ،قولىدىن بەك ئىش كىلىدىغان بالا ئىدى .يىقىندىن بىرى تۇرمۇشى شۇنداق جىدەل ماجرادا ئۆتىۋەرگەچكە ھاراققا بەكلا ئۈگۈنىۋالدى.
مىنىڭچە بولسا دوستۇمنىڭ ئىقتىساد جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ بىرىنى ئايالى قوبۇل قىلغان بولسا دەپ ئويلايمەن .
يىڭى توي قىلغان قىلغان دوستلار ۋە توي قىلغىلى ئۇزۇن بولغان ئاكا-ھەدىلەر بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىڭلارنى ۋە تەجىربە ساۋاقلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساڭلار ،پۇتۈن قىرىنداشلار ئورتاقلىشىم مۇشۇ دوستۇمغا ئوخشاش كۈنگە قالغان ئەر-ئاياللار ئۈچۈن توغرا يول كۆرسۈتۈپ بەرسەڭلەر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rixat1210 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-19 02:37 AM  


ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1987
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19149
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7469 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 01:06:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىرىنى ھۆرمەتلىمىگەن چوكاننىڭ خىتىنى بىرىش كىرەك . ئۇ تۈزەلگەن تەقدىرمۇ بىرەر شەرىت ئاستىدا تۈزىلىدۇ بولمىسا بىكار .... لەنەت بۇنداق خوتۇنلارغا .
پەيغەمبەر سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام مۇنداق دىگەن : ئەگەر ئىنسانغا ، ئىنسان ئىبادەت قىلىشقا توغرا كەلسە ئاياللارنى ئۆز ئەرلىرىگە بۇيراتتىم .. دىمەك ئەركىشى ئۆينىڭ تۈرىكى ، ئۆينىڭ خوجايىنى . جەمىيەتتە ھازىر بىر قىسىم كادىر قىزلار ئەرلىرىنى باشقۇرۇش كويىدا .  بەلكىم ئىرىدىمۇ باردۇ يا ھاراقكەش ياكى پاھىشۋاز ۋە ياكى قىمارۋاز . شۇڭا ئاشۇ چوكانمۇ ئىشەنمىگەن گەپ . شۇنداق بولغان تەقدىرمۇ ئىرىغا يول قويۇش كىرەك دەپ ئويلايمەن . خەنسۇ بولمىغاندىكىن ئائىلە باشلىقنىڭ ۋەزىپىسىنى ئايالىغا تاپشۇرۇپ بىرىدىغان .


ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 2560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28807
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6325 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 01:11:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال كاسىر،ئەر بوغالتىر بولسا بولىدۇ.

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17731
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 01:20:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى توي قىلغان بولسۇن ياكى كونا ئەر - خوتۇنلار بولسۇن ئوخشاشلا پىكىر بىرلىكى بولۇش كېرەك . ئختىسادى ھىساۋات ئېنىق بولۇشى ، ئائىلە ئەھۋالىنى ئىختىسادقا ئاساسەن بەلگىلەش لازىم .
‹‹ يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇپ ›› بىر - بىرىنىڭ پىكىر تەلىۋىنى ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ قارار چىقىرىش ئارقىلىق ئۆز ئارا كۈيۈنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىناق ئائىلە مۇھىتى ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىدىن ھوزۇر ئېلىش كېرەك .
بىر - بىرىگە ھەقىقىي كۈيۈنگەن بىر جۈپلەردىن بولغانلار ئۆيدىمۇ ، يوتقاندىمۇ ، سىرتتىمۇ ، خىزمەتتىمۇ بىر - بىرىگە سادىق بولۇدۇ .


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4479
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 01:34:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولدىشىنىڭ توغرا پىكىرىگە ھۆرمەت قىلمىغان مۇشۇنداق ئايالغا يۇلغۇن تايىقى ھالالدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87310
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 83
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-11-16
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 02:08:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق چاغدا  چوقۇم  كىيىنلىكنى ئويلىشى كېرەك. چۇنكى بەزى چاغلاردا ئەرلەر بەك مەردلىك قىلپ قويۇدۇ ، ئىقدىسادنى ئەرەلەر تۇتسا ئاينىڭ ئاخىرىغا  بارمايلا  مالىيەدە  قىزىل   رەقەم  كۆرۈنمەمدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7934
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10204 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 02:28:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىدارە - ئورگانلاردا جۈجاڭ بىلەن شۇجىنىڭ ‹مالىيەنى مەن تۇتىمەن!› دەپ جىدەل قىلغىنىغا ئوخشاش ئىش بوپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7934
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10204 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 02:34:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى مەنمۇ ئەستايىدىل بىر گەپ قىلاي:

ئىقتىساتنى ئەر باشقۇرسىمۇ بولىدۇ، ئايال باشقۇرسىمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ، لىكىن بۇ يەردە بىر ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك، ئۇ بولسىمۇ <ئىشەنىچ> ، ئىقتىسات باشقۇرۇشتا <ئىشەنىچ> بولمايدىكەن، مەيلى قانداق خىلدىكى باشقۇرۇش بولسۇن، ھەممىسىدىلا چاتاق چىقىدۇ، بۇ يەردە ئېيتىلغان <ئىشەنىچ> دىگىنىمىز < بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈش> ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم.

ئىقتىساتنى ئايال باشقۇرسۇن، ئەر بولغۇچى ئۆز خوتۇنىغا ئىشەنسۇن!
ئىقتىساتنى ئەر باشقۇرسۇن، ئەر بولغۇچى ئۆز خوتۇنىنى پۇلسىز قويمىسۇن(قەرىز ئېلىپ بولسىمۇ)!


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 03:02:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ خوتونىنىڭ قولىغا قاراپ ئولتۇردىغان ئەرلەنى ............(ئاغىزىمدىن سائەت چىقىپ كەتمىسۇن يەنە .......)

ھەربىريىڭى قەدەم ئالغىنڭدا ، باسقان قەدەملىرىڭ ئۈچۈن پۇشايمان يەيسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77787
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3895
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-3-22
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 03:33:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە   بولغاندا بىر -بىرى  بىلەن ئىناق -ئىتتپاق ئۆتسە ئىقتىساد مەسلىسىگە كەلسەك ، ئالدى بىلەن چۇقۇم بىر-بىرگە ئىشىنشى لازىم .تۇرمۇشتا ئۆزنى ئويلىمسىمۇ ئۆز پەرزەنتېىنى ئويلېشى لازىم .

ئەسالامۇ ئەلەيكۇم  ! تۇرداشلار
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش