مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 336|ئىنكاس: 4

ئابلەت جۈمە تۇپراق : تېرىغاننى ئورىسەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90242
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 01:32:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تېرىغاننى ئورىسەن


(ژانىرى: يانداش)


ئابلەت جۈمە تۇپراق


(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى)


     شۇنداق، «تېرىغاننى ئورىسەن»، بۇ ئول زاماندىن قالغان ماقال – تەمسىل، شۇنداقلا بۈگۈن ئۇ ھارۇت رەسۇل قادىرى يازغان بالىلار تەربىيىسىگە ئائىت كىتابنىڭ نامى. قاراڭ بۇ نامغا: ئۇ ئىخچاملىق ۋە مەزمۇندىكى ئاجايىپلىقى بىلەن ئادەم ئەقلىنى لال قىلىدۇ. بىز ئاتا- بوۋىلار تەپەككۇر جۇغلانمىسىنىڭ جەۋھىرى بولغان بۇ ئۇقۇمغا سىڭگەن ئەڭ كەڭ، ئەڭ چۇڭقۇر مەنىلەرنى بىر-بىرلەپ يېشىپ بولالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەمما رىئاللىقىمىزدىكى كەچۈرمىشلەر ۋە بەختسىزلىك، بولۇپمۇ بالا دەردى كەلتۈرگەن ئازاب، ئاۋارىچىلىقلار، شۇنداقلا يەنە بەخت بەرگەن ئاسايىشلاردىن ئۆزىمىز تەم ئېلىش زۈرۈر بولغان دىتاللارنى، مەنتىقىلەرنى تەدبىقلاپ، ھاياتنىڭ مەنىدارلىقى، مەزمۇندارلىقى ۋە خاتىرجەم ياشاش مۇھىتىنى بەرپا قىلىشقا لازىملىق روھى، جىسمانىي مەلھەملەرنى بەرپا قىلىشىمىزدا گەپ يوق.

    جەمئىيەتتە بالا دەردى ۋە باللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازاب سەۋەبلىك ئۆلىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان، پىشكەللىك تارتقان  ئاتا- ئانىلار بەك كۆپ،  بىراق ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا ئالدىغا قاراپ، ئىچىگە تىنىپ ياشايدۇ، چۈنكى كىشىلىك ھاياتتا ئادەمنىڭ بېشى ئاغرىيدىغان ئىشلار بۇلا ئەمەس، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ياشىماق تەس، تۇرمۇشنى تۇرمۇش قىلماق بەك قىيىن دەپ ۋايسايدۇ، ئەمما يەنىلا ياشىمىساق، تۇرمۇشنى تۇرمۇش قىلىپ ئۆتمىسەك بولمايدۇ. چۈنكى ھېچكىم ياشىمايمەن دېمەيدۇ، ياشىساملا دەيدۇ، ھايات شۇنداق تاتلىق، شېرىن.شۇڭىلاشقا ئادەم ھېچ قاچان ھاياتقا تۇيمايدۇ، دۇنيانىڭ بارلىق خۇۋلىقىنى كۆرۈپ بولغان، ھېچ نەرسىدىن ئېلىشى قالمىغان ئادەمنىڭ بېشىغا  ئۆلۈم كەلسىمۇ يەنە ھاياتقا تۇيماي ياشاش ئىستىكىدە تەلمۈرىدۇ دەيدۇ. مانا شۇنداق ھاياتتا بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بەخت پەيزىنى سۈرىمىز، بىپەرۋالىقىمىز، سەۋەنلكىمىزدىن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئازابىنى، دەردىنى تارتىمىز، شەرت- شارائىتنىڭ قىسىشىنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىمىز. بىرسى مۇنداق دېدى: مېنىڭ ھاياتىمنى قىسقان تەقدىر بالا غېمىدىن پەيدا بولغان پۇشايمان دېدى. بۇ جەھەتتە ئويلىساق، بىزنىڭ پەيزىنى سۈرىدىغان بەختىمىزگە قارىغاندا، تارتىدىغان كۈلپەتلىرىمىز ھەقىقەتەن كۆپ. بۇ كۈلپەت نەدىن كېلىدۇ، تۇرمۇشتىن، ھاياتىمىزدىن، قىلىقىمىز ۋە ھاياتلىق قانۇنىيەتلىرىگە تەتۈر يول تۇتۇپ، ئازغۇنلۇققا دۇچار بولۇشىمىزدىن، بىلىپ تۇرۇپ توسۇش زۈرۈر بولغان، ئالدىنى ئېلىش تامامەن مۇمكىن بولغان ئىشلارنى بىجىرمەسلىكىمىزدىن، مەسئۇلىيەتسىز، نادانلىقىمىزدىن كېلىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق – چۈچىكىنى كۆپ كۆرگەن، جەمئىيەتنى كۈزەتكەن بىر قىسىم ئەقلى كامىللار پىشىپ يېتىلگەن تەجرىبىسىگە ئاساسەن نادانلىق تۇغۇلغاندىن كېيىن باشلىنىدۇ دەپ قارىدى. بۇ چۇڭقۇر مەنىگە ئىگە قاراش. راست، ئادەم تۇغۇلۇپلا دانا يارالمايدۇ، بەلكى چوڭ بولۇش، تەربىيىلىنىش، تەجرىبىگە ئىگە بولۇش داۋامىدا دانالىقنى ھەم يەنە نادانلىقنى ئۆزىگە جەم قىلىدۇ. دانالىق بولسا پەرۋىشكە مۇختاق بولىدۇ، چۈنكى بىر تال ئۇرۇقتىن چىققان بىخنى ئاسرىساق نۇتا بولىدۇ، نۇتىنى ئاسرىساق، قوغدىساق، پەرۋىش قىلساق غول، ياغاچ بولىدۇ. مۇبادا بىز ئۇنى پەرۋىش قىلمىساق ياكى ئىگىپ قويساق، ئۇ بىز ئويلىغاندەك ياغاچ بولماي نابۇت بولىدۇ ياكى كېرەكسىز ياغاچ بولۇپ قالىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئادەم ھاياتى ۋە ئۇنىڭ دانالىق مۇقامى پەرۋىش ۋە ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان تەدبىركارلىق ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. نادانلىقنى بەربات قىلىدىغان ئالدىنقى شەرت، ئامىلمۇ دەل مۇشۇنداق مەنبە بولىدۇ. ئەجداتلىرىمىز ئاقىل، دانا بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان، نادانلىقىنى بولسا قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئالغان ۋە ئۇنى كۆپ خىل يول، تەدبىر، ئامال بىلەن چەكلىگەن. لېكىن بىز بۈگۈنكى كۈندە شۇنداق قىلالىدۇقمۇ؟ شۇنداق قىلدۇق دەپ جاۋاب بەرسەك بولىدۇ، لېكىن شۇنداق دەپ بولۇپ دېلىغۇلمۇ بولۇپ قالىمىز. چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن ئاتا- ئانىلىرىمىز بالىلىرى سەۋەبىدىن ئۆزى بەرپا قىلغان نادانلىق ئاسارىتى كەلتۈرگەن سەرگۈزەشتىلەر بەدىلىگە يىغلاۋاتىدۇ. بۇ بىر ئادەمگە، بىر ئائىلىگە، بىر پۈتۈن جەمەتكە كەلگەن بەخىتسىزلىك! ئۇلار بۇنداق بەختسىزلىك كېلىشتىن بۇرۇنقى كۆرۈنمەس سەۋەب، ئامىللارنى نېمىشقا توسمىدى؟ بىلمىدىمۇ ياكى بىلىپ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدىمۇ؟ بۇ تەقدىرچىلىكتىن بولدىمۇ ياكى تەدبىرسىزلىكتىن كېلىپ چىقتىمۇ؟

   بىر قارىسىڭىز، ئۇنىڭدىكى سەۋەبلەرگە دەستەك، باھانىلەر بەك كۆپ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئول زاماندىكى بالا تەربىيىسىگە قاراپ باقايلى: ئەجداتلار پەرزەنتلەرنى ئانا سۈپىتى بىلەن تۇيۇندۇرۇپ باققان: بۇ بالىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى ئاشۇرغان ۋە بالىنىڭ روھى، جىسمانىي ساغلاملىقىنى مۇستەھكەملىگەن، ساغلام بەدەن ئارقىلىق جىسمانى، روھى كۈچىنى ئاشۇرغان؛ ئۇلار يەنە بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزى باققان، ئۆزى تەربىيلىگەن: بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئەڭ ياخشى بولغان ئۇزۇقلىنىش، ئۆسۈپ – يېتىلىش مۇھىتىنى ياراتقان؛ تەربىيىلەشتە بالىنىڭ كېلەچىكىنى نىشان قىلغان ھالدا ئادىمىيلىكنى يېتەكچى قىلغان ئەدەپ- ئەخلاق، شەرمىي- ھايا تەدبىرلىرى ۋە تۇرمۇش ھاسىلاتلىرى، ياشاش يوللىرى، قانۇنىيەتلىك بولغان يەرۇ - اسمان جىسىملىرى، كەلگۈسىدە ياردىمى بولىدىغان ھەر تەرەپلىمە بىلىم ۋە ياشاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر ياكى بىر نەچچە خىل ھۈنەر- كەسىپ بىلەن باغلىغان. بۇ بىر قاتار بېرىكىشلەر ساغلام تەنلىك، ساغلام ئەقىللىق نۇرغۇن دانىشمەنلەر، ئۇلۇغلار، بۈيۈك مۇتەپەككۇرلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان. بۈگۈن بولسا ئۇنداق ئەمەس. بالىلارنى بىردەك كىچىكىدىن باشلاپلا جەمئىيەت تەربىيىلەيدۇ: بالىلارنىڭ سۈتى ھايۋاناتلارنىڭ، ئۇزۇقلۇقى بولسا، خىمىيىلىك تەركىپلەرگە تۇيۇنغان بېرىكمە ماددا، تەربىيىلىنىش ئورنى يەسلە بىلەن باغچىدىن ئىبارەت مۇرەككەپ ئىجتىمائىيەتكە تەۋە ئوپچە ماكان، بۇ يەردىكى تەربىيە مەزمۇنى ۋە تەربىيە ئۇسۇلى باشقىلارنىڭ رۇھىيىتى بىلەن قىلىپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەلەپ ۋە ئۆلچەمنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، شۇڭا بالىلار بىزدىن، ئائىلىدىن يىراق. نېمىلا بولسۇن،  بۇنداق بېكىنمە تەربىيە مۇھىتىدىكى بالىلارنىڭ روھىيىتىنى ئىلمىي ياشىتىش ئارزۇسىنىڭ مەسئۇلى سۈپىتىدە قۇبۇل قىلدۇق. بۇ سېلىشتۇرمىلار بىزگە نۇرغۇن سۇئاللارنى قويىدۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرىدۇ، يەنىمۇ ئىنچىكىلىسەك نۇرغۇن بوشلۇقلارنى تونۇتۇپ، بىزنى تەخىرسىزلىك قوينىغا ئالماي قالمايدۇ. ئەمدى زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇلارغا قارىسىڭىز، راستىنلا بېشىڭىزنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ قاتىدۇ: خىزمەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، ئائىلىنىڭ، تۇرمۇشنىڭ يۈكى پەقەت خىزمەت ئارقىلىق يېنىكلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىزمەت بەك سىجىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىكىنى پەيدا قىلغان. بالىغا قاراشقا، ئۇنىڭ روھىغا سىڭىپ كىرىشكە زادىلا پۇرسەت يوق ياكى بەك ئاز، ئۇنى بىۋاسىتە تەربىيەلەش ئىمكانىيىتى ناھايىتى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى زامان  ئاتا- ئانىلىرىدا بالا تەربىيەسىگە ئائىت تۈزۈكرەك تەجرىبە، ساۋاق، ئۇسۇل- چارە يوق. دېمەك ئىككىنچى بىر خل تەرەپتىن ئويلىنىش زۈرۈر، يەنى بالىلار تەربىيەسى ئۈچۈن تۈزۈلمىدىكى بەزى نەرسىلەرنى بوشىتىش، ئىمكانىيەت يارىتىپ راۋانلاشتۇرۇش، تەربىيە ئۇسۇلىدا، مەزمۇندا ئۆزىگە خاس روھىيەت ھالىتىنى پەيدا قىلىش بويىچە ئىسلاھ قىلىش ۋە ياكى قانۇن ياردىمى ئارقىلىق ئاتا- ئانىلارنىڭ بىۋاسىتە تەربىيەلەش پۇرسىتىنى ھازىرلاپ، ئۇنىڭ داۋامچانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇ مۇمكىنمۇ؟ ھازىرچە مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ، لېكىن كېلەچەكتە ئىشقا ئېشىش مۇمكىنچىلىكى زور.

   خۇش، مۇشۇ بىر قاتار ئەھۋاللار بىزگە بالا تەربىيىسىدە نېمىلەرنى ھېس قىلدۇرىدۇ؟ مېنىڭچە، بۇ ھەقتە بىلىش ۋە تەجرىبىلەرنى يولغا قويۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۇيغۇسىنى ھەم  رىئاللىق بىلەن تەربىيىلەشتىكى يېتەرسىزلىكىنى تولدۇرۇشنى، كەم تەرەپلەرنى بېرىكتۈرۈپ يولغا قويۇش زۆرۈريىتىنى بىشارەت قىلىدۇ.

    تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىمۇ يەسلى ئومۇملاشقان، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ تەجرىبىسى مول، ئەڭ مۇھىمى ئۇلار كۆپ خىل، كۆپ قاتلاملىق باشقۇرۇش، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بالىلاردا ئۇنۋىرسال ساپا ھازىرلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان. شۇ نەرسە ئايان بولسۇنكى، ئۇلارنىڭ يەسلى تەربىيىسىگە ئائىلە تەربىيىسى ناھايىتى كۈچلۈك سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئائىلە بالىلار تۇرمۇشىنىڭ نىگىزى قىلىنغان، ئىتىقاد، ئۆزىگە خاس روھىيەت ئەركىن رەۋىشتە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرۇلغان. بىز بولساق، بالا تەربىيسىدە بېقىشنى ئاساس قىلغان، دائىم تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان، قېلىپلاشقان، بەكمۇ ئاددىي ھەم خائىشچان مۇھىت ئىچىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىلەن ناھايىتى كىچىك دائىرىدىكى تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ يېتەكلىشىنى تەربىيىلەش مەنبەسى قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بالىلاردا ئەركىنلىك تۇيغۇسى يوق، قىسىلىش ئىچىدىكى تار دائىرىلىك يېتەكلىنىش ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ روھىنىڭ كەڭلىك ئىچىدە پەرۋاز قىلىشىنى چەكلەپ تۇرىدۇ، ھەرىكىتى ئەركىنلىك بىلەن تولغان چەكسىزلىكنى ئەمەس، ئەمىنلىك بىلەن بېزەلگەن يۈزەكى غايىۋىلىك بىلەن بۇغۇپ قويۇلغان. شۇ ۋەجىدىن بالىلار ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىكلەرنىڭ تەپەككۇرى ۋە چەكلىك ھەرىكەت يۈنۇلىشىدە ياشاپ، ھەرىكەت، تەپەككۇر كەڭلىكىنىڭ بوشلۇقىغا شۇڭغۇيالمايدۇ. مانا بۇلار ئاتا- ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ يۈكى بولۇپ، ئۇنى ھەل قىلىش ۋە بالىلارنى بۇ تۈشەكتىن تارتىپ چىقىپ، پەرۋاز قىلدۇرۇش مەسئۇلىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتسە بولمايدۇ. لېكىن، بۈگۈنكى زامان ئاتا- ئانىلىرىنىڭ بالىلارغا بېرىكىشكە ۋاختى يوق، ئۇلار تۇرمۇشنىڭ ھەلىكچىلىكى، تۇرمۇش رېتىمىدىكى باش قاشلىغىلى چولىسى يوق كەسكىلىك ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھاجىتى، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئۆتۈپ، بالىلىرىنىڭ تەبىيە ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش، زېھنى ۋە خاس روھىيەت، تەپەككۇر، ئەقىدە – ئىتىقاد، بىرلىك، جاسارەت ھەم كىشىلىك تۇرمۇشقا دائىم ماياك بولىدىغان ئەدەپ- ئەخلاق، ئېسىل پەزىلەتلەرنى سىڭدۇرۇش مۇھىتى يارىتىشقا ئىرىشەلمەيدۇ. مانا بۇ بالىلارنىڭ جەمئىيەت تەربىيىسىنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق قۇبول قىلىپ قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەب، بالىلار كۆپ ھاللاردا جەمئىيەت قاتلىمىدىكى غەيرى نۇرمال نەرسىلەرنى تېزدىن ئۆزلەشتۈرۈۋېلىپ، يارامسىز، دىتسىز ئادەملەر توپىنىڭ شەكىللىنىشىكە سەۋەب ھازىرلىغان. بۇ سەۋەب بالىلاردا «يۇغان – يۇغان دېپلۇملارنى كۆتۈرۈپ كەلسىمۇ،تالاغا چىقسا كوچا قاڭداشتىن، ئۆيگە كىرسە قاچا بىكارلاشتىن باشقا ھېچ نەرسىگە يارىماس بەندىلەردىن » قىلىپ قويۇشنى پەيدا قىلغان.

   ھارۇت رەسۇل قارىدى يازغان، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «تېرىغاننى ئورىسەن» ناملىق كىتاب بىزگە بۇ جەھەتتىكى نۇرغۇن تەجرىبىنى ۋە ساۋاقنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭدىكى ئورنەكلەردىن: «18 ياشتا ئۆيدىن چىقىپ كېتىش»قائىدىسى بىزگە قاراپ سۈرۈلمەكتە، ئاشۇ گەپلەرگە بىر قاچا ئاش سۈيى بېرەمدۇ؟ مۇشۇ كەنتتىن ئۆتۈپ كەتسەك، ئەمدى بۇنداق دەڭ يوق، ياشىسۇن« شەرق ئاتىلىقى» ۋە «شەرق ئانىلىقى» قاتارلىقلار بالا تەبىيەسىدىكى بوشلۇقلىرىمىزغا پالاق ئۇرغان. بۇ بىزنىڭ بالا تەربىيىسىدىكى كۆز نۇرىمىزنى تېخمۇ تولۇقلاپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. «تېرىغاننى ئورىسەن» كىتابىدا بالا بېقىش، تەربىيىلەشتىكى بايانلارنى ئاددى ھالدا قاراش بىلەن قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا بىزدىكى بالا تەربىيىسىنىڭ ئومۇمىي جەريانى ۋە تۈپكى ئامىللارنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب، نەتىجە مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى جانلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، بۇ تۈپ سەۋەب ئامىللىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى چەكلەش، ئالدىنى ئېلىش، شۇنىڭدەك ئۇنى سىيلىقلىق بىلەن ياخشىلاش ئارقىلىق، ئائىلىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ياراملىق كىشىلىرىنى يارىتىش، ياراملىق، قابىل تەربىيىچى، تەسىرلەندۈرگۈچىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ تەدبىرلىرى نۇرانە رەۋىشتە يۈز ئاچقان. بىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بالا تەربىيىسىدە ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلدۇق، بۇنىڭدىكى تۈپ قىزغىنلىق بالا تەربىيىسى جەريانىدا پەيدا بولغان كەمتۈكلۈكنى ھەل قىلىش ۋە ئۇنى يېڭىلاش ئارقىلىق بالىلاردىن كۈتكۈن ۋە بالىلار ئارقىلىق نىشان قىلغان مەقسىدىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بولمايدۇ دېيەلمىسەكمۇ، ھەقىقەتەن بىزنىڭ روھىيەت، خاسلىق قاتارلىق بىر قاتار ئومۇمىيلىقىمىزغا سىڭىپ ئۆزلەشكەنلىرى ناھايىتى ئاز. شۇنى ھېس قىلدۇكى، بىز يەنىلا ئەجداتلارنىڭ بالا تەربىيىلەش ئەنئەنە، ئۇدۇمىنى ئۆرنەك قىلىش ئەڭ ياخشى چىقىش يولدۇر. شۇنداقلا ئۇ« بالا دەردى، بالا دەردى، يەنە شۇ بالا دەردى» دەپ ناخشا بىلەن ھەسرىتىمىزنى يەپ يۈرۈشتىن ساقلىنىشىنىڭ دەسمايىسى!

     ھارۇت رەسۇل قادىرىنىڭ «تېرىغاننى ئورىسەن» كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلىرىدا پىكىر يېڭىلىقى بولۇش بىلەن بىر چاغدا تەجرىبە ئۇتۇقى ۋە  ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان تەربىيە ئۆرنەكلىرى يەكۈنلەپ بېرىلگەن، ئۇ بىزنىڭ ئۆلگە سۈپىتىدە تاللاپ قوبۇل قىلىشىمىز ۋە ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ قوللىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. كىتابتا مۇنداق بايانلار بار: مۇشۇ كۈنلەردە «ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈكنى، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ» دەيدىغان مەنتىقىسىزلا گەپ جاراستانغا ئايلاندى،ئەسلىدە دۇنيانى نېمە تەۋرىتىدۇ؟ قانداق تەۋرىتىدۇ؟ دېگەنلەر تارىخىي ماتېرىيالىزمدا ئۇزاق دەۋىرلەر ئىلگىرىلا ئاللاقاچان ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ بولۇنغان. دۇنيانى تەۋرىتىدىغان ئانىلارنىڭ قولى ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ ئەمگىكى! ئانىلارنىڭ بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرىتىدىغانلىقى، يەنە بىر قولىدا ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىدىغانلىقى راست. ئەمدى ئاۋۇ بۆشۈكتە ياتقاننىڭ يېتىلگەندىن كېيىن زادى نېمىنى تەۋرىتىدىغانلىقى، قانچىلىك تەۋرىتىدىغانلىقىغا ياكى ھېچ نەرسىنى تەۋرىتەلمەستىن، ئەكسى ھالدا تەقدىر شاماللىرىدا ئۆزى ياپراقتەك تەۋرەنگىنىچە ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىمۇ؟ بۇنى بىر نېمە دەپ بولمايدۇ. بۇ گەپ ئەسلىدە « ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرىتىدۇ ھەم ئاشۇ بۆشۈكتە ياتمىش پەرزەنت ئارقىلىق دۇنياغا  يا ئاڭلىق – مەقسەتلىك ھالدا، يا ئىستىخىيەلىك يۇسۇندا بەلگىلىك مەزمۇنلارنى ناھايىتى چوڭقۇر قوشۇپ قويالايدۇ، دېسەك دۇرۇس بولاتتى. چۈنكى ئانىلارنىڭ بۆشۈك تەۋرەتكەن قولى  ئارقىلىق پەرزەنتكە سىڭگەن مەزمۇنلار ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا گەۋدىلىك رول ئوينايدىغان ھەم شۇنداق مەزمۇنلارنىڭ جۇغلانمىسى جەمئىيەتكە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولىدۇ.ئەلھال، ئەقىللىق، پاراسەتلىك، غەيرەتلىك ۋە جەسۇر ئانىلاربالىلار مەنىۋىيىتىگە ياخشى، ئۇلۇغۋار مەزمۇنلارنى سىڭدۈرەلىسە، نادان، بىپەرۋا، دېۋەڭ ئانىلار بولمىغۇر مەزمۇنلارنى سىڭدۈرۈپ ماڭغان بولىدۇ...ئىنسانلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە ئانىسىدىن يۇقمىش تەربىيە مەزمۇنلىرىنىڭ سىڭىشى بەكمۇ چۇڭقۇر بولىدۇ، شۇڭا ئادەم دۇنياغا كۆز ئېچىشى بىلەن ئانا تەرىپىدىن مەنىۋىيىتىگە خۇددى قوم دۆۋىسىگە تۆكۈلگەن سۇدەك سىڭىشكەن مەزمۇنلارنى بىر ئۆمۈر ھەمراھ قىلىدىغانلىقى ئېنىق، سەبىيلىكتە ئۆزلىشىپ كەتكەن نەرسىلەر تاشقا مۆھۈر باسقاندەك ئۆزگەرمەس بولىدۇ، چىقىرىۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېىش بەكمۇ تەس. ھەتتا بىزدە مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى سۈرەتلەيدىغان « سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار» دەيدىغان ھېكمەتلەر كېلىپ چىققان...شۇنداق قىلىپ، بۇۋاقلىقتىن تاكى كەمپىر – چاللارغىچە ھەممىنىڭ مەنىۋىيىتىدە مۇشۇنداق ئانا تەربىيەسى مەزمۇنلىرى ساقلانغان بولىدۇ. چۈنكى پەقەت بۇۋاقلىقتىن تاكى 3-4 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە ئادەم مەنىۋىيىتىنىڭ تۈپ ماھىيەتلىرى مۇقىملىشىپ بولغان بولىدۇ، روھىيەتكە مۇشۇ مەزگىلدە سىڭىشىپ كەتكەنلەر كىشى مەنىۋىيىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ...

   ئەمما بىز ئەمىلىيەتتە شۇنداق بىر قاتار تەرەپلەرگە راستىنلا كۆڭۈل بۆلەلىدۇقمۇ؟ ئىتىراپىمىز مۇشۇ دەرىجىدە چۇڭقۇرلىشىپ باقتىمۇ؟ بەلكىم شۇنداقمۇ بولغاندۇ، بىراق بىزنىڭ بۇ جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويغان ھەم كەچۈرگىلى بولمايدىغان سەۋەنلىككە يول قويغان تەرەپلىرىمىز بەك كۆپ. ئوقۇم جەھەتتىكى خاتلىقلىرىمىزدىن باشقا ئەمەلىي تەسىر كۆرسىتىشتىكى خاتالىقلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس، ئالايلۇق، بالا تەربىيىسىگە ۋاقىت چىقىرالمىغان بولساقمۇ، چاي- ئولتۇرۇشلارغا شۇنچىلىك كۆپ ۋاقىت چىقىرالىدۇق، ھەتتاكى بالىلارنى ئاشۇ شۇرۇنلارغا سۆرەپ بېرىپ، تەپەككۇرىنى، ھەرىكىتىنى قالايمىقانلاشتۇردۇق، قاتىماللاشتۇرۇپ قويدۇق. شۇ ۋەجىدىن بالىلىرىمىز مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن خالىغانچە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلەردە بولسا، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق، ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئىزدەپ بىسەرەمجان بولدۇق. مۇبادا بىز بالىلار ئۈچۈن كىچىك  ۋاقتىدىلا تەربىيە پۇرستى يارىتىپ، ئۆزىمىزنى تەربىيىدىكى ئەڭ ياخشى، نادىر نەرسىلەرگە، مەزمۇنلارغا سىڭدۇرۇپ، بالىلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى خاسلىق، رايىشلىق ۋە پاراسەت بىلەن تۇيۇندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان بولساق، ئۇ چاغدا مۇنداق بىسەرەمجانلىقلارنىڭ شەكىللىنىشىگە يول قويۇلمىغان بولاتتى. سۆزلەپ ئۆتتۇقكى، نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي مۇھىتىمىزدا بىز نۇرغۇن مۇۋاپىق بولغان  توساقلار ھەم  مۇۋاپىق بولمىغان شارائىت بىلەن ئۆزىمىزنى باغلاپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇناسىپ ئىش قىلىش ناھايىتى زۈرۈر. بالىلارنى يەسلىدە چوڭ قىلىشمۇ دەل ئاشۇنداق شارائىتنىڭ مەنبەسى، ھالبۇكى، يەسلىنى، باغچىنى بالا تەربىيەسىنىڭ بولمايدىغان ئۇچىقى دېيىشكە بولمايدۇ، بەلكى ئۇ بالا تەربىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكلىنىش ئۇچۇقى بولسا كېرەك دەپ قاراشقا بولىدۇ، بۇ يەردىكى تۈپ ئامىل بىزنىڭ ئۇ يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىنىلىنىشنى بىلىشىمىزدە. يەنى ئاشۇ يەردىكى تەربىيە مەزمۇنىدىكى ئارتۇقچىلىق بىلەن ئائىلىۋىي تەربىيەدىكى ئارتۇقچىلىقىنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بالا تەربىيەسىدە شەكىللەنگەن قاتماللىقنى چەكلەشتە.  يېڭىسار ناھىيەسىدىكى داڭلىق خەلق قىزىقچىسى تۇرغۇن مۆمىننىڭ «بالا دەردى ئۆزۈڭنىڭ دەردى» دەيدىغان بىر قىزىقچىلىقىدا مۇنداق مەزمۇن بار: بۇ قىزىقچى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوغلىنى ئىشقا ئالىدىغان يەر تاپالماي، ناھىيە، ۋىلايەتتىكى بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ، ئۇلار بۇ بالاڭنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، پاراسىتى بولسا، رىقابەتلىشىشىپ، ئىمتىھان بېرىپ ئىش ئورنى تاپسى بولىدۇ دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاپتونوم رايۇندىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنى ئىزدەپ بېرىپ ئىشخانىسىغا كىرىپ، دەردىنى تۆكۈپتۇ. ئۇ رەھبەر: ئەي تۇرغۇن مەن بىلىمەن سىلەردە بالا دەردىدىن باشقا دەرت، بالا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن باشقا قىيىنچىلىق يوق. چۈنكى بىز سىلەر ئۇيغۇرلارغا ھەممە پۇرسەت، قولايلىقلارنى ھازىرلاپ بەردۇق، نېمە دېسەڭلار ھەممىسى بار قىلىپ بەردۇق.  قىلىپ بەرگمىگەن بىر ئىشىمىز ئۆيۈڭلارغا  بېرىپ بالاڭلارنى بېقىپ بېرەلمىدۇق. لېكىن، بالىسىنى ياخشى باقسۇن دەپ نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى، شارئىتلارنى يارىتىپ بەردۇق، ھالبۇكى سىلەر بۇ چاغدا بالاڭلار بىلەن كارىڭلار بولماي، قاۋاقخانىلاردا شوۋا ئىچىپ، ئەقلىڭلارنى بۇلغاپ، روھىڭلارنى چىرىتىپ يۈردۇڭلار، بالاڭلارغا ۋاقىت چىقىرالمىدىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بالاڭلارنىڭ روھى ئۆلۈپ،ئەقىلىسىز، يارامسىز ئادەم ئەخلەتلىرى توپىغا قوشۇلۇپ كەتتى ، مانا بۈگۈن ئۇلار چوڭ بولۇپ بېشىڭغا بالا بولدى. بالاڭلارغا كىچىك ۋاختىدىن باشلاپلا ھازىرقىدەك كۆڭۈل بۆلگەن بولساڭلار، بالىلار بېشىڭلارغا دەرت بولماستىن، بەخت قۇشى بولۇپ قونار ئىدى. بالاڭلارنىڭ دەردىنى ئۆزۈڭلار پەيدا قىلغان دەرت، بۇ دەرتنى ئۆزۈڭلار تۈگەتمىسەڭلار، ئۆزۈڭلار ھەل قىلمىساڭلار، ھېچكىم ھەل قىلىپ بېرەلمەيدۇ. بالاڭنىڭ دەردى بىلەن مېنىڭ بېشىمنى ئاغرىتساڭ بولمايدۇ، شۇڭا بالاڭنى قايتا يارات، مانا بۇ بالا دەردىنى تۈگىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى!

   ئەلبەتتە، بۇ تەپسلاتنى تۇرغۇن مۆمىن ئاجايىپ ۋەزمىن، ئۆتكۈر، كۈلكىلىك قىلىپ دەيدۇ ۋە ئادەمنى بالىلار ھەققىدە چۇڭقۇر قاتلاملىق ئويلارغا سالىدۇ. دېمەك بالىنىڭ باشقا بالا بولماسلىقى ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرۋىشىگە باغلىق بولىدۇ.

  كېچىكىش يول قويسا بولمايدىغان سەۋەنلىك، ئۇنىڭ بالا تەربىيىسىگە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى بەك كۆپ. ھالبۇكى، كېچىكتىم دەپ قىلىش زۈرۈر بولغان ئىشلارنى قىلماي تاشلاپ قويۇشمۇ سەۋەنلىك. ئاتا- ئانىلار بالا تەربىيەسىدە دائىم ئەستىن چىقىرىپ قويمايدىغان مۇنداق بىر قانچە نۇقتا بار دەپ قارايمەن. بۇنى دائىم تەكىتلەپ،بالىلارنىڭ روھىغا سىڭدۈرۈش زۈرۈر:

   بىرىنچىسى، بالىلاردا توغرا بولغان ئىتىقاد قارىشى تىكلەش كېرەك، ئادەمدە ئىتىقاد بولمىسا، باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇنىيەتلەرگە ئېتىبار بېرىش ئوقۇمى تۆۋەن بولىدۇ، بالىلاردا ئىتىقاد بولغاندىلا، پاراسەت ۋە قانائەت بارلىققا كېلىدۇ. بۇ يەنە بالىلاردا ھەر بىر ئىشقا نىسبەتەن بىلىم، ساپا ھازىرلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  ئىككىنچىسى، رىئاللىق قارىشى تىكلەش كېرەك. بالىلاردا رىئاللىققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئىتىراپ قىلىش تۇيغۇسى بولسا، مۇستەقىل، توغرا ئىش قىلىش، كەسىپكە بېرىلىش، كەسىپنى سۈيۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

     ئۈچىنچىسى، ماسلىشىش ئىقتىدارى بولۇش كېرەك. بالىلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىت ئۇقۇمى، سىياسىي ئوقۇم ۋە قانۇن - تۈزۈم ئۇقۇمى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇشى، ئەدەپ – ئەخلاق، شەرمى – ھايا ۋە ئىسىل پەزىلەت بىلەن بېرىككەن بولۇشى كېرەك.

    تۆتىنچىسى، مۇستەقىل ياشاشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. بۇ يەنە بىر نىگىزلىك تەرەپ. بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ئۇلارنىڭ پىسخىك ئاجىزلىقىنى تۈگىتىپ،ئىگىلىك تىكلەش، كەسىپ ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش جەھەتتىكى خاسلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

     تېرىغاننى ئورغىلى بولىدۇ، بۇ يەردىكى نىگىزلىك نەرسە تېرىش بىلەن ئورۇش ئارىلىقىدىكى پەرۋىشتە، چۈنكى ئۇ ھۇسۇلنىڭ ئاساسى.  بالا تەربىيىسىدە بىزنىڭ قانچىلىك، قانداق پەرۋىش قىلىشىمىز بولسا، بىزنىڭ  قانداق ئورىشىمىز، نېمىنى ئورىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ، شۇڭا بۇ نۇقتىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. يەنى بالىلارنى كىچىك چېغىدىلا چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق – يۇمشاق تۇرمۇش ھاسىلاتلىرى بىلەن چېنىقتۇرۇپ، بېخ ۋاختىدىلا روھىيىتىمىزنىڭ گۈلى، ئىپتىخارى قىلىشقا يول ئېچىش كېرەك. بىز ئۇلارغا كىچىك چېغىدىلا تۇرمۇشنىڭ ، غۇرۇرنىڭ ، ئەدەپ ھايا، پەزىلەتنىڭ ۋە ئادىمىيلىكنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقى تۇنۇتساق، ئۇلارنى قانچىكى بالدۇر ھىدايەت يولىغا سالالىساق، ۋاقىت- پۇرسەت چىقىرىپ، قەلبىنى مايىللىققا تولدۇرالىساق، ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا بىزگە سالىدىغان دەردى شۇنچىلىك بۇرۇن چەكلىنىدۇ ۋە بالىلاردىن بىزگە كېلىدىغان پۇرسەت، سۈيۈنۈشلەرنى شۇنچە بالدۇر تاپالايمىز!

مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ  19-دېكابىر سانى.

2012-12-12- كۈنى، ئۈرۈمچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-19 12:03 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-23 08:58 PM):

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43962
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3050
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 04:20:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ،شۇنداقلا نوپۇزلۇق«قەشقەر گېزىتى»نىڭ ئىستىداتلىق مۇخبىرى ئابلەت جۈمە تۇپىراق ئاكىنىڭ پىشقان قەلىمىدە روياپقا چىققان بۇ ماقالە بارلىق ئاتا-ئانىلار ۋە ئاتا ياكى ئانا بولۇشقا تەرەددۈتلىنىۋاتقان بارلىق ياشلارنىڭ،تەپەككۇر ئىگىلىرىنىڭ تەكىرار-تەكىرار ئوقۇپ بىقىشىغا،مۇلاھىزە،تەھلىل قىلىشىغا،تەتقىقات ئىلىپ بىرىشىغا تولىمۇ ئەرزىيدۇ.بالا تەربىيىسى مەڭگۈلۈك تىما.
تۇپىراق ئاكىنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت ياغدۇرغان ھارۇت رەسۇل قادىرىغا،ئىلھامدىن قۇۋۋەت ئىلىپ،نادىر ماقالىنى روياپقا چىقارغان تۇپىراق ئاكىغا تەن ساقلىق،خاتىرجەملىك يار بولغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87376
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 856
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 09:01:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇنبەردە قالايمىقان پۈچەك ئىنكاس يازماڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2164
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7914
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 10:27:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-21 10:31 AM  


نوپۇس كوپ، ئەمما ئادەم ئاز بولىۋاتقان ھازىرقى جاھاندىمۇ، ئادەملەر يەنىلا ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم بولالايدۇ دىگەننىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90500
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-1-23
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 11:59:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
缘分是幂幂中的安排,不可预知,也不可刻意追求百步。封面漂亮的书容易吸引人的眼球,但值得品味和珍藏的不多;用心血去写书的人往往没有时间和金钱去做装潢;许多书从形式到内容都枯燥无味掌中宝,但平淡无奇确实也是人生的一种












http://www.jiahe315.com   http://www.chuanziguang.com   http://www.kouyu315.com
http://www.baibu315.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش