|
|
|
|
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غالىبىيەت يولى بىلەن يەنئەن يولى گىرەلەشكەن كوچا ئاغزىنىڭ غەرب تەرىپىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان،ئۆزگىچە مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە مەسچىت -- نوغاي مەستچىتىدۇر. نوغاي مەسچىتى
ئەتىگەنلىك مەنزىرسى
gooogle خەرىتىسىدىكى رەسىمى
يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ ئەتىراپتا ئۆزبېك ،تاتارلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا ،ئۆزبېكلەر ۋە ئۇيغۇرلار <ياڭخاڭ مەسچىتى >(يەنئەن يولى كونا سەنئەت ئىنىستىتوتى ئىچىدە سوۋېت كونسولخانىسى بولغاچقا ياڭخاڭ دەپ ئاتىلىپ قالغان بولىشى مۇمكىن 洋行 )،<نوغاي مەسچىتى>دەپمۇ ئاتىغان ، بۇ مەسچىت131يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ،تاتار، ئۆزبېك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان سورۇنىغا ئايلانغان.
بۇمەسچىتكە ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ تاتار دىنى ئۆلىمالىرىدىن سەئىدى غىنى ، ئابدۇلھەق ھەزرەت ،شاكىر ھەزرەتلەر ئىمام بولغان. نوغاي مەسچىتىنىڭ قۇرۇلىشى 1871-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۆزبېك تاتار بايلىرى مەسلىھەتلىشىپ ،رامزان ھاجى ،شاكىر ۋەلىيولار مەبلەغ سېلىپ 10مو يەر سېتىۋېلىپ مەسچىتنىڭ ئاساسى قىسىمىنى سالدۇرغان .ئارلىقتا 35يىل ئۆتكەندىن كېيىن ،يەنى 1919-يىلى كېڭەيتىپ سېلىنغان .
نوغاي مەسچىتىنى سېلىشتا قازان تاتار مەسچىتىنىڭ چېرتيوژىدىن پايدىلىنىپ ،شەرق ۋە غەرىبنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى ئاساسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بىناكارلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۇرگەن ئۆزگىچە ئۇسلۇبنى نامايان قىلغان مەسچىتدۇر.
تامام
مەنبە:ئەسىر خاتىرلىرى .
رەسىم مەنبەسى:ئۆزەم
|
|
|
|
|
|