قەلب سادالىرى
سېنىڭ قەلب سادايىڭنىلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقىلى ناھايىتى ئۇزۇن بوپتۇ . ئۇنتۇشمۇ ئادەمنى قاتتىق غەپلەتتە قالدۇرىدىكەن . تۆۋە، ئادەم ئۆزىنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلاپ بېقىشنىمۇ شۇنچە ئۇزۇن ئۇنتۇپ كېتىشىنى قايسى ئىبارە ، تەلىم بىلەن چۈشەندۈرەي ...
سەن پەقەت ئۆزۈڭنى چۈشەنمەيسەن ، بىلمەيسەن ! دېگىنىڭدىلا چۆچۈدۈم . قەلب سادالىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئادەمدىن يەنە نېمىنىمۇ كۈتكىلى بولسۇن . قەلبىم ئاللىقاچان ھوسۇلسىز سۇسىراپ چۆلگە ئايلانغىلى تۇرۇپتۇ . مەن مۇشۇنداق چۆللۈككە كۆنۈپ قالمىغاندىمەن ...
قاقاس ، چۆللۈكلەرنى يەر يۈزىدىلا بولامدىكىن دېسەم ئەسلى ، چۆللۈك ، قاقاسلىقلارنىڭ قەلبىمگە ماكانلىشىپ بولۇشىنى سەزمەپتىمەن . مەن يامغۇر ئىزدەشكە باشلىدىم ، مەن سۇ ئىزدەشكە باشلىدىم . ئەمما ھېچيەردىن ئۇلارغا ئېرىشەلمىدىم . چۈنكى مەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇلارنى تاشلىۋەتكەچكە ، ئۇلارمۇ مېنى تەرك ئېتىپتۇ ...
قەلبىم يەنىلا شۇنداق قۇرغاق . ئۇنىڭ ساداسى ئەۋجىگە چىقماقتا : سەندەكلەر كۆپىيىپ كەتتى ، ھەممىڭ تېشىڭغا ئىشلەپ ئىچىڭ بىلەن كارىڭ بولمايۋاتىدۇ ، بۇ بىر زور پاجىئە . ساغلام قەلب دېمەك ، ھەقىقىي ئىنسان دېمەك ، بىز سىلەرنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتكەندە تولىمۇ كېچىكىسىلەر...
مەن قەلب توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسەم ، مېيىقىڭدا كۈلۈپ قويدۇڭ . توغرا دەيسەن ، كىشىلەر ئىدىيە ئۆزگەرتىش يولىدا ناھايىتى زور بەدەل تۆلەپ كەتتى . ئەمما شۇ غەلبىلىرى بەدىلىگە ساپ قەلبلەردىن ئايرىلىپ قالدى . قەلبلىرىمىزنىڭ پىنھان سادالىرى ئىدىيە ئۆزگەرتىش دولقۇنىغا غەرق قىلىندى ...
قەلب توغرىسىدىكى ئويلىنىشلاردىن ئۆزۈمنى تارتىپ يۈرگىنىمدە شۇنداق بىر ساغلام قەلب مېنى خىجىل قىلدى . " بۇنى سىزگە ساتالمايمەن ! " - نېمىشقا ؟ "چۈنكى بۇ تۈنۈگۈنكى مەھسۇلات . " -
ئۇنداق بولسا سىزگە كۆپ زىيان بولغىدەك ، " - مەن زىياندىن قورقمايمەن ، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن ، مەن ئاساسلىقى ئىشەنچ تىكلەش سودىسىنى ئالدىدا قىلىپ ئارقىدىن مەھسۇلات سودىسى قىلىمەن ." مەن نېمە دېيىشنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم . قەلبلەردىن ئارتۇقچە گۇمانلىنىپ كېتىپتىمەن ، ئەسلى گەپ يەنىلا مېنىڭ قاقاسلىققا تولغان قەلبىمدىكەن ئەمەسمۇ ....
قەلب پاكلاش توغرىسىدا ئوقۇپ كەتكەن كىتابلاردىن خىجىل بولدۇم ، - ياق بۇ ئاددىي تېجارەتچىدىن ،كىتابلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ، ئەمەلىيىتىمدە كۆرۈپ باقمىغان ، ( بەلكىم كۆزۈم كۆرسىمۇ ، قەلب كۆزۈم كور بولغاچقا بىلەلمىگەندىمەن .) بۇ كۆرۈنۈش ، ياق كۆرۈنۈشلا ئەمەس " قەلب تازىلاش " ئەمەلي دەرسلىكىدىن قەلبىم ئۆرتەندى . " بۇلغانغان قەلبنى تازىلاش ھاجەتخانىنى تازىلاشتىنمۇ تەس " دېگەن ھېكمەتلەر قۇلىقىمدا قايتا - قايتا جاراڭلىغاندەك بولدى ...
ئەتراپىمغا قاراپ باقتىم . ھەممە يەر پاك - پاكىز ، سۆيۈندۈم . ئەمما بارلىق مەينەتچىلىكلەر قەلبىمگە ئورۇنلىشىۋالغاندەك بولۇپ يىرگىنىپ كەتتىم . بۇ يىرگىنىشىم قەلب سادالىرىمغا قۇلاق سېلىشىمنىڭ باشلىنىشى ئىدى ...
گۈزەل قەلب سائادەتتۇر ، ئاڭا كۈلپەتمۇ راھەتتۇر ...
خۇنۈكلۈك باسسا قەلبىڭنى ، ھەسەل ئىچسەڭ نە لەززەتتۇر ؟!
گۈزەل قەلب كائىنات گويا ، پەرىزات مىسلى ئىدراك ، ھېس .
ئىپار چاچماق ئاڭا دائىم ، كۆڭۈل باغىغا ئادەتتۇر .
- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن .
مەنبە : ئۆزۈم . 2013- يىل 1- 18 -كۈنى . ئەبەي تارىم . شەھىرى شىخو .