يۈرەكتىكى ياش بەخىت كۈلكىسى
بىلىقىز ئەمەتپاك

سېنىڭسىز قەلبىمنى غاجىغاچ ھىجران ،
تولغاندىم ئازاپتىن بېقىپ يولۇڭغا.
يېنىمدا بولمىساڭ ئەنسىزلىك بېسىپ ،
ئاللاھتىن تىلىدىم ئامانلىق ساڭا .

ئىلتىجا قىلىمەن كۈندە كۆرسەم دەپ،
يېنىمدا ھەركۈنى سېنى يېقىملىق.
غېرىپلىق بېغىدا يۈرسەممۇ يالغۇز،
سەن بولغاچ يۈرىكىم كۈلىدۇ ئىللىق.

ئۈنسىز ياش تۆكتىم سېنى سېغىنىپ،
ئىشەنسەڭ بۇ يېشىم بەخىت كۈلكىسى.
بولغىن سەن يېنىمدا ياكى بولمىغىن ،
سەن كۈلكەم سەن بەختىم ھايات جىلۋىسى .
يېنىڭدا يۈرەلمىسەممۇ

بىلىقىز ئەمەت پاك

بىلىمەن كىرمەيسەن ئەمدى چۈشۈمگە،
باشلىسام كۆرۈشكە جەننەت چۈشىنى.
ئۇزاتقان سەن بولساڭ كەتكىن مەيلىڭ كەت،
سېغىنساڭ يوقلاپ قوي پەقەت يار مېنى.

خەيرىيات كاج تەغدىر ئايرىپتۇ بىزنى،
يىراقلاپ بارىمەن ئەمدى ئۆزۈمگە.
كەچمىشىم قۇچاقلاپ مېنى يەنە بىر،
سۆيمەكچى بولىدۇ پىنھان يۈزۈمگە.

كەتمىگىن ھەرگىزمۇ مېنىڭدىن رەنجىپ.
يېنىڭدا مەن ئەمدى يۈرەلمىسەممۇ،
تىلەيمەن بەختىڭنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن.
كۈلۈپ قال تىلەپ قوي بەختىمنى سەنمۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AynaK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-18 09:43 PM