كەچۈر قىزچاق سېنى سۆيەلمەيمەن
ئاپتۇرى دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
قىزچاق ، سەن بىلەن قاچاندىن باشلاپ تونۇشتۇم ، مانا شۇ كۈندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە سېنى ھەقىقى دوستۇم دەپلا ھىس قىلىپ كەلدىم .
ئۆزەڭمۇ بىلىسەن مېنىڭ سۆيگۈنۇم قايسى چاغلاردا مېنى تاشلاپ توي قىلىپ كەتتى شۇنىڭدىن بىرى ھىچقانداق بىر قىز بىلەن مۇھەببەت بېغىغا قەدەم بىسىپ باقمىدىم . شۇ ۋاقىتلاردا سەن تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالدىڭ . گەرچە سەن بىلەن يۇرۇش خىيالىغا كەلگەن بولساممۇ لىكىن ۋىجدانىم بۇنىڭغا پەقەت يول قويمىدى . چۈنكى سەن بىلە تىزلا ئارلاشسام پەقەت { ئۇ } نى ئۇنتۇش ئۈچۈن سەن بىلەن ئارلاشقان بولىمەن خالاس .
شۇنىڭ ئۈچۈن سېنى ئۆزۈمدىن يىراق تۇتتۇم . لىكىن دوسلۇقىمىزنى بولسا يىراقلاشتۇرمىدىم . ھەر كۈنى سەن بىلەن كۆرۈشكىنىمدە بىر خىل ھىسىيات يەنى مۇھەببەت قەلبىمنى ئۇنسىز تەۋرىتىپ كەلگەن بولسا مەن بۇ تەۋرىنىشلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلدىم !! چۈنكى بايام ئىتقاندەك ئۆزۈمگە ئەمەس بەلكى ساڭا ئازار يېتىشنى خالىمىدىم !!
كۆڭلۈمدىكىنى ئىتىقاندا شەخسىيەتچى بولغۇم يوق قىزچاق .
شۇنداق قىزچاق ، بەلكىم كۆزلىرىمدىن قانداقتۇر بىر خىل سىزىملارنى ھىس قىلىپ يەتكەن بولىشىڭ مۇمكىن ، لىكىن بۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .
ئىسىڭدىمۇ سەن بىلەن كوچا ئايلانغان شۇ چاغلاردا يەنى خىياللار ئىلكىدە سەن گەپ قىلساڭمۇ ئاڭلىماي ماڭغان ۋاقىتلىرىمدا سەن مەندىن :
نېمە بولدىڭىز ؟ نېمە خىيال قىلۋاتىسىز ؟ دەپ سورىغان سوئاللىرىڭ؟ شۇ سوئالىڭغا قىسقىلا قىلىپ :
ھېچ ..... ھېچنىمە دەپلا بەرگەن جاۋاپلىرىم ئىسىڭدىمۇ؟
دىمەك مېنىڭ خىيالىمدا يەنىلا { ئۇ } بار . گەرچە { ئۇ } توي قىلىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئۇنى سېغىنىمەن شۇنداقلا ئەسلەيمەن !! ئۇنى خىيالىمدىن چىقارماي تۇرۇپ باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرەلمەيمەن سېنىمۇ ھەم شۇنداق .
بىلىسەن ئىككىمىزمۇ خۇددى ئاشىق مەشۇقتەك ئۆتۈپ كەلدۇق . لىكىن ئوتتۇرىمىزدا چوڭ بىر چىگرا يەنى دوستلۇق چىگراسىنى بۇزمىغان ھالەتتە دوسلۇقىمىزنى ساقلاپ كەلدۇق . شۇ مەزگىللەردە نۇرغۇنلىغان كەچلىك سەيلە ساياھەتلەردىمۇ بىللە بولدۇق . شۇ چاغلاردىمۇ دوسلۇقىمىز پاك ساقلىنىپ كەلدى .
ھەتتا سەن بىلەن ماڭغانلىرىمنى كۆرگەن ئەل ئاغىنلىرىم :
ئاداش قاچان تويۇڭنى ئوينايمىز ؟ دىگەنلەرمۇ بولدى . بەلكىم سېنىڭ دوستلۇرۇڭمۇ سەندىن شۇنداق سورىغان بولىشى مۇمكىن ! ئەلۋەتتە . لىكىن مېنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جاۋابىم :
چاقچاق قىلماڭلار ، ئۇ قىز پەقەت مېنىڭ دوستۇم دەپ ئىتقىنىم بولدى خالاس . شۇ ئاغىنلىرىم سورىغان سوئالنى ھەتتا ئۆزۈمگىمۇ قانچە _ قانچىلاپ قويدۇمكىن بىلمەيمەن ! لىكىن ئۆزۈمگىمۇ بىرىدىغان جاۋابىم : ياق ئۇ قىز مېنىڭ ھەقىقى دوستۇم دىگەن جاۋاپ بولدى خالاس .
ئەمما سەندىن سورىغان دوستلۇرۇڭغا نېمە دەپ جاۋاپ بەردىڭ بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ !
مەن ئەسلا ئاغىنلىرىمدىن ئاڭلىغان سوئالنى دەل سەندىن ئاڭلايدىغىنىمنى بىلمەپتىمەن ؟
يەنى سېنىڭ ماڭا قاراپ تۇرۇپ :
ئىككىمىز دوستمۇ ؟ ياكى ......
.
نىمىشقىكىن ئاخىرنى سورىمىدىڭ . بەلكىم مېنى بىلىۋالسۇن دىگەن بولىشىڭ مۇمكىن . مەنمۇ بۇ سوئالىڭغا ھەيران بولمىغان ھالەتتە :
شۇنداق ، بىز پەقەت دوسىت . دەپلا جاۋاپ بەردىم . مېنىڭ بۇ جاۋابىم ساڭا ئېغىر كەلدىمۇ چىرايىڭ بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى . شۇنداقتىمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشتىڭ . ھەم يەنە ئارقىدىن :
ماڭا ئوخشاش دوستلىرىڭىز كۆپ بەلكىم شۇلارنىڭ ئېچىدىن بىرەسىنى ياقتۇرۇپ قالمىدىڭىزمۇ ؟ دەپ سوراپ قالدىڭ .
بۇ سوئالىڭنىڭ تىگىدە مەلۇم بىر مەنا بارلىقىنى بىلدىم . چۆنكى سەن مەن بىلەن تونۇشقاندىن تارتىپ مېنىڭ باشقا قىزلار بىلەن پاراڭلاشمايدىغىنىمنى سەن بىلەن پۈتۈن كۈن بىللە بولۇپ يۇرسەممۇ ماڭا بىرەر قىزلاردىن تىلفۇن كەلمەيدىغىننى ئېنىق بىلەتتىڭ . بىلىپ تۇرۇپ بۇ سوئالنى ماڭا تاشلىغان ئىدىڭ . مەنمۇ بايامقىغا ئوخشاشلا جاۋاپ بەردىم يەنى :
ئۆزەڭ بىلىسەن ، مەن ھېچكىم بىلەن ئالاقە قىلمايمەن ، مۇھەببىتىمدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ سەن بىلەن تونۇشتۇم سەن بىلەنلا بىرگە بولدۇم . باشقا قىزلار دىگىدەك قىزلار بىلەنمۇ تونۇشمىدىم . شۇڭا مەن ئانچە ئۇ تەرەپلەرنى ئويلاپ كەتمىدىم.
سەن بۇ جاۋابىمدىن تېخىمۇ مەيۈسلەندىڭ . مەن ھەممىنى سىزىپ تۇراتتىم .
كۆڭلۈڭدىكىنى دەي دىسەڭ قىزلىق ۋىجدانىڭ بىلەن ئېغىز ئاچالمايتتىڭ . مەن شۇنىمۇ بىلگەن ئىدىم .
بىلىمەن سەن مېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭ ، مەنمۇ سېنى ياخشى كۆرىمەن بۇنى مەن يوشۇرۇپ بولالمايمەن . گەرچە سەن بىلەن بىللە بولۇپ يۇرسەممۇ لىكىن { ئۇ } نى قىلچىلىك ئۇنتالمىدىم . شۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا بىرىدىغان بىردىن بىر جاۋابىم . كەچۈرگىن ئەڭ ياخشىسى مەندىن :
مېنىمۇ ياخشى كۆرمەمسىز ؟ دەپ سوئال سورىمىغىن .
ئەگەر شۇ سوئالنى سوراپ قالساڭ تىخىمۇ ئۈمۈدسىزلىنىپ قالىسەن . چۈنكى مېنىڭ بىرىدىغان جاۋابىم :
كەچۈر قىزچاق سېنى ياخشى كۆرمەن لىكىن مۇھەببەت تەرەپتىن ئەمەس بەلكى ھەقىقى پاك دوستلۇق جەھەتتىن خالاس . شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغىن . مەنمۇ ھەم سېنى مۇھەببەت جەھەتتىن ياخشى كۆرەلمەيمەن ھەم سۆيەلمەيمەن !!!!
بۇنداق قىلىشىم ھەم سەن ئۈچۈن ھەم ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
غۇلجا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-18 09:55 PM