ئالغىنىڭىز خوتۇنمۇ ياكى كارتا؟ تەگكىنىڭىزچۇ
SAYIM
1- ھېكايەت
مەلىمىزدە ئادەتتىكى تايىنى يوق ئىشلارغىمۇ دائىم كۈلۈپ تۇرىدىغان، پات-پاتلا ئادەمنى بىزار قىلىدىغان تىتىقسىز، بىمەنە گەپ، سۆز ۋە قىزىقچىلىقلارنى قىلىپ ئۆزىچىلا كۈلۈپ يۈرىدىغان تۈزى كەم بىرى بار ئىدى. ئوقۇپ مەمۇرمۇ بولدى. بىراق خىلى يىللارغىچە ئۆزىنىڭ شۇنداقلىقىدىن بىرە مۇۋاپىق لايىقمۇ چىقماي ‹‹ئولتۇرۇپ›› قالدى. يەنە موشۇ مەلىدە بۇ مەمۇردىن 4 – 5 ياش كىچىك بىر ياش كەسپىي خادىم چوڭلار قىتىلمىغانلىق سەۋەپلىق باشقا مەھەللىدىكى سۆيگەن يارىنى ئەپ قاچتى. بەك ئەپسۇس، تەقدىر قىسمەت يەنىلا بۇ بىر جۈپلەرگە ئوڭ قارىماي بۇ مەمۇر قىزمۇ يامان ئاتلىق ئاتىلىپ ئولتۇرۇپ قالدى لىكىن بۇ ئولتۇرۇپ قىلىش ئۇزاققا بارمىدى. بۇ مەمۇر قىزنىڭ ئولتۇرۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان، باشقا مەھەللىلىك بۇ قىزنىڭ ئائىلىسى بىلەن ھېچقاندانداق تۇغدارچىلىق، بىرىش-كىلىش، بۇرادەرچىلىك مۇناسىۋىتى بولمىغان ھېلىقى تۇزى كەم يىگىتنىڭ ئائىلىسى بۇ ئائىلىگە ئەلچى ئەۋەتتى. قىزنىڭ ئاتا ئانىسى قىزىنى ئەپ قاچقان يىگىتكە بەرمىگەن بولسىمۇ بىراق تويلاشقان يىگىت تەرەپ قىزنىڭ قاچقانلىقىنى ئاڭلاپ توينى بىكار قىلىۋەتكەچكە ئەمدى بىرە مۇۋاپىق لايىق چىقماسلىقىدىن ئەنسىرەپ تۇرغىنىدا مۇقىم خىزمىتى بار، تۇزى كەم يىگىت ئائىلىسىدىن كەلگەن ئەلچىلەرگە دەرھاللا ماقۇللۇق بىلدۇرۇپ، توينى تىزلا قىلىۋەتتى.
بۇ قىزنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئائىلىمىزنىڭ بىرىش-كىلىش مۇناسىۋىتى بولغاچقا قىزنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە ئاز تولا خەۋىرىم بار. قىز يىگىتنى توي خىتى ئالغىلى بارغىنىدا تۈنجى قىتىم، توي كۈنى 2- قىتىم كۆرگەن ئىدى. قىز گەرچە خالىمىسىمۇ ئانىسى – سىنى ئەپ قاچقان يىگىتكە بەرمەپتۇق، بىز تويلاشقان يىگىت تەرەپمۇ يىنىۋالدى، بۇ يىگىت(ھىلىقى تۇزىكەم يىگىت)كە تەگمىسەڭ يامان ئاتلىق ئاتىلىپ قالغان تۇرساڭ ئەمدى سىنى كىممۇ ئالاتتى. بۇ يىگىتكە تەگمىسەڭ ئۆزەمنى ئۆلتۈرىۋالىمەن، دەپ تەھدىت سالغاچقا ئامالسىز بۇ تويغا قوشۇلغان ئىدى. ھەم ئاللىبۇرۇن بىر نەچچە پەرزەنتلىكمۇ بولۇپ بولدى. تويدىن بۇيان بۇ قىز يولدىشىدىن ئىزچىل ئاجرىشىپ كىتىشنى تەلەپ قىلسىمۇ لىكىن يولدىشى – موشۇ گەپنى قىلمىساڭ ئۆينىڭ قىر-قات، ئاش-تاماق ھەممە ئىشىنى ئۆزەم قىلاي، دەپ قىزنىڭ تەلىپىنى ‹‹سىلىق›› رەت قىلىپ كەلدى.
2- ھېكايەت
ئىدارىمىزدە بىر خىزمەتدىشىمىز دەسلەپتە باشقا بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان بىر قىز بىلەن تۇرمۇش قۇردى. بىراق بۇ قىز ‹‹تىرناقتا توختىماي›› تىزلا ئاجرىشىپ كىتىپ 1 يىلغا بارمايلا باشقا بىر ناھىيەدە ئىشلەيدىغان باشقا بىر قىز بىلەن تۇرمۇش قۇردى. بىراق 3 يىلغا بارمايلا بۇ تۇرمۇشمۇ بۇزۇلۇش گىرداۋىغا بىرىپ قالدى. سەۋەپ ناھايىتى ئاددىي. خىزمەتدىشىم تاكى 2 پەرزەنتلىك بولغىچە بۇ ئايالىنىڭ مۇئاش كارتىسىنى كۆرمىگەنلىكى سەۋەپلىك ئۇنىڭ 2- نىكاھىنىمۇ بۇزۇلۇش ئالدىدا.
3- ھېكايەت
ئىدارىمىزدە يەنە بىر ئايال خىزمەتدىشىمىزمۇ بار. بۇ ئايال ئىلگىرى ئۆزىنى سۆيگەن بوز ئاتلىق شاھزادىسى بىلەن تۇرمۇش قۇرغان بولسىمۇ نەچچە يىلغىچە پەرزەنتلىك بولالمىغاچقا ئاجرىشىپ كىتىشكەن ئىدى. ئۇزاققا بارماي باشقا بىر ئىدارىدىكى 2 بالىسىنى يىتىم قىلىپ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بىر ئەر بىلەن قايتا تۇرمۇشلۇق بولدى. بۇ ئايال خىزمەتدىشىمىزنىڭ گەرچە بىقىۋالغان بىر بالىسى بولسىمۇ بۇ دۇنيادىكى بىردىبىر ئارمىنى ئۆزى بىر بالا تۇغۇش بولغاچقا توينىڭ ئەتىسىلا بۇ يولدىشىنىڭ رايىغا بىقىپ مۇئاش كارتىسى، پىكاپى ھەتتا شەخسىي بىنا ئۆيى ھەممىنى يولدىشىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرغان ئىدى.
دەرۋەقە توي قىلىپلا بۇ ئايال خىزمەتدىشىمىزنىڭ بويىدا قىلىپ ھاياجىنىنى باسالمايلا قالدى. ئەپسۇس بۇ خۇشھاللىق ئۇزاققا بارمىدى. ئۇنىڭ مىڭ تەستە بويىدا قالغان بۇ بالىنى تىنىچ ئامان يەڭگىۋىلىش ئۈچۈن ئىدارىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇئاشىدىن مەلۇم مىقتاردسىكى پۇلىنى تۇتۇپ قىلىش بەدىلىگە بالدۇرلا ئۆيىدە ئارام ئىلىش ھەققىدىكى تەكلىپى يولدىشى تەرىپىدىن كەسكىن رەت قىلىندى. يولدىشىمۇ ئۇنىڭ بالىلىق بولىشىنى خالىمىغان ئىكەن. نەچچە قىتىم تەكرارلانغان تەكلىپنى توغرا كۆرمىگەن يولدىشى بىر قىتىملىق ئائىلە ماجراسىدا ئايال خىزمەتدىشىمىزنىڭ قورسىقىغا دەسلىۋەتكەچكە بالا چۈشۈپ كەتتى. بۇ ئايال خىزمەتدىشىمىز تاسلا قالغان ئىلىشىپ قالغىلى. مىڭ شۇكرى، ھازىر سەللىمازا بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئائىلىمۇ بۇزۇلۇش ئالدىدا.
4- ھېكايەت
خوشنامنىڭ قىزى 4 يىل ئاۋۋال خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى پۈتۈرۈپ ئۆيدە بىر يىل خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇردى. 1 يىلدىن كېيىن قەشقەر ۋېلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى مەلۇم مەكتەپكە ‹‹پىدائىي›› بولۇپ خىزمەتكە چۈشۈپ، خىزمەت داۋامىدا ئىزچىل شەھرىمىزگە يېقىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئىنتاھان بىرىپ تۇردى. ئاخىرى ئالدىنقى يىلى ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە ئىنتاھان بىرىپ ئىشقا چۈشۈۋېدى 4 يىلدىن بېرى ‹‹ئولتۇرۇپ قالغان قىز››غا شاپاققا چېۋىن ئولاشقاندەك، خوشنامنىڭ قىزىنى سوراپ كېلىدىغان ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى بۈگۈنگىچە ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ.
نەزەر سالسام بۇنداق ھېكايەتلەر ئەتراپىمدا تالاي تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە، بۇنداق ھېكايەتلار ئاز ساندا بولسىمۇ بىراق موشۇنداق ھېكايەتلەردىكى پىرسۇناژلار پات-پاتلا ئويناپ تۇرغان ‹‹جىڭجۈ›› تىياتىرىنىڭ جەمىيەتكە بولغان سەلبى تەسىرى يامان بولغاچقا بىزگە كۆڭۈللىك ئائىلىلەردىن موشۇنداق ھېكايەتلەردىكىدەك ئائىلىلەر كۆپتەك تۇيغۇ بىرىدۇ.
ئىدارىمىزدە ياشقا چوڭ بىر خىزمەتدىشىمىزمۇ بار ئىدى(ھازىر پىنسىيەدە). مەن يېڭى خىزمەتكە چىققان چاغلاردا مەن دېمەتلىك ياشلار يىغىلغان سورۇنلاردا مۇنداق ھېكايىنى نەچچە قىتىم ئىيتىپ بەرگەنلىكى ھىلىمۇ ئىسىمدە شۇنداق ئىنىق تۇرۇپتۇ. ئىدارىمىزدە مەندىن نەچچە يىل ئاۋۋال خىزمەتكە چىققان ئاكا خىزمەتدىشىمىز ئۆزىدىن بىر يىل كىيىن ئىدارىمىزگە خىزمەتكە چۈشكەن بىر قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپتۇ. ئۇ يىللاردا مۇئاشنى ئىدارە مالىيە خادىمى قول بىلەن تارقىتىدىكەن. ئۇلار تۇرمۇش قۇرغان تۈنجى يىلى ھەر قىتىم مۇئاش تارقىتىلغاندا مالىيە خادىمى - ئايالىڭىزغا ۋاكالىتەن ئىمزا قويۇۋىتىپ ئايالىڭىزنىڭمۇ مۇئاشىنى ئىلىۋىلىڭ، دىسىمۇ ئاكا خىزمەتدىشىمىز پەقەتلا ئۆزىنىڭ مۇئاشىنى ئىلىپ ئايالىنىڭكىنى ئالمايدىكەن. ئايالى بولسا يولدىشىدىن بۇرۇنراق مالىيە ئىشخانىسىغا كىرىپ قالسا يولدىشىنىڭ مۇئاشىنىمۇ بىرگە ئىلىپ چىقىپ ئىدارىدە ياكى ئۆيگە قايتقاندا ھەممىنى يولدىشىغا بىرىدىكەن. يولدىشى – سىنىڭ يىنىڭدىمۇ ئازراق قالسۇن، دەپ بىر قىسمىنى ئايالىغا قايتۇرۇپ بەرسە – ياق، لازىم بولسا سىزدىن ئالىمەن، دەپ ئالغىلى ئۇنىمايدىكەن. بىر قىتىملىق مۇئاش تارقىتىلغاندا ئاكا خىزمەتدىشىمىزنىڭ زورلىشى بىلەن ئايالى ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ شۇ ئايلىق مۇئاشىنى ئىلىپ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ – دادا مىنى چوڭ قىلىمەن، ئوقۇتىمەن دەپ كۆپ جاپالارنى تارتتىڭ، بۇ بىزنىڭ ئازغىنە كۆڭلىمىز، ياشقىمۇ چوڭ بوپ قالدىڭلار، گۆش ياغ ئىلىپ يەرسىلەر، دەپ مۇئاشىنى دادىسىغا بىرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان دادىسى زۇۋان سۈرمەستىن قاپىغىنى تۈرۈپ قىزىنى يىتىلىگەن پىتى ئۇدۇل قۇدىسىنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قۇدىسىدىن – خەۋىرىڭىز بارمۇ، دەپ سوراپتۇ. دەرۋەقە ئاكا خىزمەتدىشىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق بولغاچقا باش چايقاپتۇ. ئاندىن كىيوغلىدىن سوراپتۇ. ئاكا خىزمەتدىشىمىز ئۆزىنىڭ زورلاپ ئەۋەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئايال خىزمەتدىشىمىزنىڭ دادىسى بۇ پۇلنى قەتئىي قوبۇل قىلماپتۇ. داستىخاندىن قوپقاندىن كىيىن قۇدىسى ۋە كىيوغلىغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ. بۇ قىز تويىدىن ئىلگىرى مىنىڭ قىزىم ئىدى. ھازىر سىلەرنىڭ ھەم مىنىڭ قىزىم ئاساسلىقى سىلەرنىڭ قىزىڭلار ھەم ئايالىڭ. شۇنداق ئىكەن مەن ھىچ سەۋەپسىز، مۇھتاجسىز ھالدا بۇ قىزنىڭ پۇلىنى قەتئى قوبۇل قىلالمايمەن. قىزىمنىڭ ئۆلۈكىمۇ، تىرىكىمۇ جۈملىدىن مۇئاشىمۇ سىلەرنىڭ. پەقەت كۆڭلۈڭلار ئۇنىمىسا قۇدىلارنىڭ خەۋىرى بولغان شەرت بىلەن ھېيت ئايەم ياكى ۋاقتىڭلار چىققان ۋاقتلاردا يوقلاپ قويساڭلار شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە دەپ قايتىپ كىتىپتۇ.
ھېكايىدىن كىيىن بۇ ياشانغان خىزمەتدىشىمىز بىز ياشلارغا – سىلەر ھامان بىر كۈنى تۇرمۇش قۇرىسىلەر، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق چۈشۈنەلمەسلىكلەردىن ھەمىشە خالى بولىمىز دىگىلى بولمايدۇ. بىزدىن ساۋاق بولسۇنكى؛ شۇنداق چۈشەنمەسلىكلەر بولغاندا ياش ئەر ئاياللار كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولىشىڭلار، ئائىلىدە مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىشىڭلار، چوڭلارنى يەنى ئىنىللىرىم ئايالىڭلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى، سىڭىللىرىم يولدىشىڭلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۆز ئاتا-ئاناڭلاردەك كۆرسەڭلار، ئائىلىدىكى چوڭراق ئىشلارنى چوڭلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن قىلساڭلار مۇھىمى ئەر ئەرلىك، ئايال ئاياللىق سۈپۈتىنى ساقلىسا مانا مىنىڭ شۇنداقلا ئىدارىمىزدىكى ئەشۇ ئاكاڭلارنىڭ ئائىلىسىدەك بىر ئۆمۈر بەخىتلىك، خۇشال خۇرام ئۆتىسىلەر، دەپ تەربىيە بەرگەچ ئايالىغا يېشىغا ماس بولمىغان چاخچاقلارنى قىلىپ بىزنى كۈلدۈرەتتى.
تارىختىن بۇيان تالاي يازغۇچى، شائىر، ئەدىب، مەجنۇنلار مۇھەببەتكە ئۆز تەپەككۇرى، ھېس تۇيغۇسى بويىچە تەبىر بىرىپ كەلگەن. ھازىرغىچە مۇھەببەت ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك تەبىر يوق ھەم بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى مۇھەببەتنىڭ ھەر بىر ئىنسانغا ئاتا قىلغان شاتلىق ۋە قايغۇسى شۇنداقلا شۇ سەۋەپلىق ھاسىل بولغان مۇھەببەت ھەققىدىكى ئىنكاسى، تەپەككۇرى ئوخشاش بولماسلىقى شۇنداق بولۇشنى بەلگۈلىگەن. ئادەمدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە سەمىمىيەت، ۋىجدان، غۇرۇر، دوستلۇق، ۋاپا، مۇھەببەت رىشتى، ساداقەتتۇر. شۇڭا مۇھەببەت كىشىنىڭ ئورنى، كىرىمى، چىرايىدا ئەمەس بەلكى چىن يۈرەكتە ئىپادىلىنىدۇ.
چىن مۇھەببەتنى ئومۇمىي مەنىسىدىن ئېيىتقاندا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ياخشى كۆرگەن كىشىگە بەخت تىلەش، شۇ كىشىنىڭ بەختى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ياردىمىنى ئايىماسلىق ، قولىدىن كېلىشىچە ئۇنىڭ بەخت گۈللىرىنى پەرۋىش قىلىش ھەم يەنە ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى قۇربان قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتۇر. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى نىكاھ ۋە كۆڭۈللۈك تۇرمۇش قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، قىز، ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت.
توغرا، پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس. دەرۋەقە نەزەرىيە جەھەتتىن شۇنداق بىراق مۇتلەق ئەمەس. بولۇپمۇ بۈگۈنكى دەۋردە بۇ گەپنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىش ئەس ھۇشى جايىدا ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس. ئەمما ھەر بىر ئىنسان ئىقتىساد بىلەن مۇھەببەتنىڭ چەك چىگرىسىنى ئىنىق ئايرىشنى بىلىشى كېرەك. ئىقتىساد يەنى مۇئاش، ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى، جەمىيەتتىكى ئورنى، خىزمىتى، ئائىلە شارائىتى قاتارلىقلارنى كۆزلەپ قۇرۇلغان نىكاھنىڭ كۆڭۈللۈك، بەختلىك، خۇشھال-خۇرام، سەمىمىي، سادىق بولىشىغا مەڭگۈ ئىشەنمەيمەن.
ساماۋى كىتابلاردا خاتىرىلىنىشىچە ئاياللار مۇنداق 3 نەرسىنى 1- ئۆزىگە ھامىي، يۆلەنچۈك تىپىشنى، 2- بالا تۇغۇشنى، 3- نورمال ئىقتىسادىي تۇرمۇشنى كۆزلەپ ياتلىق بولۇشنى خالايدىكەن. ئەرلەرمۇ شۇلارنى كۆزلەپ تۇرمۇش قۇرسا توغرا دىيىلسە ئۇنداقتا ئەر بىلەن ئايالنىڭ پەرقى پەقەتلا كىچىك تەرەت قىلىش شەكلىدىلا قالغان بولىدۇ دىگەنلىك.
خۇلاسە كالام. ئەرلەر ئەرلىك مەسئۇلىيەت، مەجۇرىيىتىمىزنى، ئاياللارمۇ ئاياللىق مەسئۇلىيەت، مەجۇرىيىتىنى ئاڭلىق تونۇغان ئاساستا ياشىغان بولسا بۇ ئالەم تىخىمۇ گۈزەل بولغان بولاتتى. كۈن ئارىلاپ ھېلىقىدەك بىلەتسىز ‹‹جىڭجۈ›› تىياتىرلىرىنىڭمۇ كۆرۈرمىنىمۇ بولمىغان بولاتتۇق.
دوستۇم بىلىپ باقاي، ئەمرىڭىزگە ئالغىنىڭىز خوتۇنمۇ ياكى كارتىمۇ؟ ياتلىق بولغىنىڭىز ئەرمۇ، داچا، پىكاپ، مىليۇن پۇل ياكى X‹‹جاڭ›› ئاتلىق ئەمەلمۇ؟
مەنبە: http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=18773
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-18 08:00 PM