سېغىنىش
ئاپتۇرى:ئابدۇسالام ئابدۇرېھىم
ئىككى يەردە ئىككىمىز شۇتاپ،
ھېسلىرىمىز چىرماشتۇر لېكىن.
بەكمۇ تەستۇر كۆرۈشمىكىمىز ،
جاھاندىكى بارچە تەسلىكتىن.
غاجىلايدۇ يۈرەكنى ھامان،
سېغىنشقا لىق تولغان ئازاپ.
ئۆرتەنسەكمۇ قانچە ئاھ ئورۇپ،
ھىجران مەغرۇر كۈلىدۇ قاراپ.
جەنۇپ تامان قىلىدۇ پەرۋاز،
ھەر تىنىقتا خىيال قۇشلىرىم.
بېغىشلايدۇ تاتلىق بىر ئازاپ،
سېنى ئەسلەپ كۆرگەن چۈشلىرىم.
ھىجران ئارا تولغۇنۇپ تۇرۇپ،
ئۆز-ئۆزۈمگە قىلىمەن نىدا.
بۇ ئايرىلىش- ۋاقىتلىق ئازاپ،
ئاھ يۈرىكىم چىدىغىن چىدا....!
2006-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى (ئۈرۈمچى)
......گە
ئاپتۇرى:ئابدۇسالام ئابدۇرېھىم
سۈكۈتكە چۆمۇلگەن ئايدىڭ كېچىدە،
تاتلىق چۈش كۆرىدۇ غەمسىز بىر ياتاق.
بارچە جان ئويقۇدا لېكىن بۇ كېچە،
كۆزۈمدە ئويقۇ يوق پەقەت مەن ئويغاق.
كېچىگە تىقىلغان شەكىلسىز بوشلۇق،
كۆزلىرىم ئوپئوچۇق كاللامدا خىيال.
ياش تۆكەر بىر يۈرەك بىلمەس ھېچكىممۇ،
بىلمەيسەن سەنمۇ ھەم بۇنى ئېھتىمال.
بىلسەڭ گەر ۋىسالىڭ مەن ئۈچۈن ئارمان،
شۇ سەۋەپ يۈرەكنى قىينايدۇ ھىجران.
ھەم ئۆزى ئوت قالاپ ھەم ئۆزى كۆيۈپ،
ئاھ ئەجەپ ئىشقىڭدا قىينالماقتا جان...
ئاشۇنداق ئۆتتى ئاھ تالاي كۈن-تۈنلەر..
بىلمىدىڭ ۋە لېكىن سۆيگۇمنى زىنھار.
ئاۋارە بولماقتا نىمجان بىر يۈرەك،
يوشۇرۇن سۆيگۇنى قىلالماي ئىزھار.
يا ماڭا پۇرسەت بەر يا سۆزلە ئۆزۈڭ،
قىيناپ جۇپ يۈرەكنى نېمە تاپىسەن؟
تۇرسىمۇ كۆزلىرىڭ پاش قىپ ھەممىنى ،
نە سەۋەپ سىرىڭنى يەنە ياپىسەن؟
2006-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى (ئۈرۈمچى)
رەنجىمە
ئاپتۇرى:ئابدۇسالام ئابدۇرېھىم
‹‹كۆيدۇم››دېسەم ئىشەنمەي نىگار،
مازاق قىلدىڭ ئۆزۈڭچە بەلكىم.
كۈلمە چۈنكى ئاشىق دەردىنى ،
بىلەر باشقا كەلگەندە ھەركىم.
كۈلگىلى بولىدۇ كۈلۈپ باقاي دەپ،
كۆيگىلى بولامدۇ كۆيۇپ باقاي دەپ؟
بولمىسا ناۋادا چىن ئاشىق يۈرەك،
سۆيگىلى بولامدۇ سۆيۈپ باقاي دەپ؟
سەن مەيلى ئىشەنگىن ۋە يا ئىشەنمە،
سۆيگۈم راسىت زەررىچە يوق بۇنىڭدا شەك.
غالىپ كەلگەچ ئىشقى –پىراقىڭ،
شاش سۆيگۇمگە قويالمىدىم چەك.
ئادەم ئاتا-ھاۋا ئانامدىن،
ئۇدۇم قالغان سۆيگۇ بۇ بىزگە.
خالىي ئەمەس ھېچكىم بۇ دەرىتتىن،
ھەر كىم بىلەر كەلگەندە ئۆزگە.
سۆيدۈم دەپلا بولماس سۆيگىلى،
ۋاز كەچمەكمۇ ئاسان ئەمەس ھەم.
يا سۆيەلمەي يا ۋاز كېچەلمەي،
ئۆتمەكتىمەن غەم ئۈستىگە غەم.
رەنجىمىگىن ‹‹كۆيدۈم››دېگەنگە،
ساڭا كۆيۈش ئەمەسقۇ گۇناھ.
ساڭا بولغان پا ك ئەقىدەمگە،
مىسرالىرىم بىر ئۆزى گۇۋاھ.
2006-يىل (ئۈرۈمچى) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سةلكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-18 03:10 PM