شىرئەلىجاننىڭ 20 مېتىر ئارىلىقتىن ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىر ...
شىرئەلىجان 20 مېتىر ئارىلىقتىن ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا CBAنىڭ 23-ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە كومەندىسى بىلەن شەرىقى شىمال يولۋىسى دەپ ئاتالغان جىلىن كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشۈپ شىنجاڭ كوماندىسى 92 گە قارشى 102 نەتىجە بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئومۇمىي رەت تەرتىپتە 4- ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ مۇسابىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىدىن كۇلۇب خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش لېدىرى دۇڭ جىنشەنمۇ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئىككىنچى قېتىم مۇسابىقە كۆرۈشكە كەلگەنلىكى ھېسابلىناتتى. مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئاخىرلىششىقا 28 سېكۇنت قالغاندا شىنجاڭ كوماندىسى 22 گە قارشى 23 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنىدى. ھالبۇكى دەل مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئۆزىنىڭ تولىمۇ چىرايلىق ئاتقان بىر توپى بىلەن پۈتۈن مەيداننى زىلزىلىگە سالدى. تۇنجى باسقۇچنىڭ نومۇر كۆرسىتىش تاختىسىدىكى ۋاقىت توشايلا دەپ قالغان بولۇپ، بۇ ۋاقىىتتا شىرئەلىجان ئارقا مەيداندا (يەنى ئۆزىنىڭ مەيدانىدا) ئۈچ نومۇرلۇق سىزىقنىڭ ئىچىدە گاردىن قايىتقان توپنى تۇتۇۋېلىپ قارشى تەرەپ گارىغا كۈچەپ ئاتتى. توپ 20 مېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۇپ قارشى تەرەپ گارىغا چۈشكەندىن كېيىن نومۇر كۆرسەتكۈچ تاختا بۇ توپنىڭ چۈشكەنلىكى جەزملەشتۈرۈپ بۇ باسقۇچلۇق مۇسابىقىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. نەق مەيداندىكى مۇخبىرلار بۇ ئۈچ نومۇرلۇق توپنىڭ ئېتىلىش ئارىلقى NBA دىكى ئەڭ ئۇزۇن ئارىلىقتىن ئېتىلغان 3 نومۇرلۇق توپتىنمۇ يىراق ئارىلىقتىن ئېتىلغان دەپ باھا بېرىشتى. شىرئەلىجاندىن بۇ توغرىلىق سورالغاندا، ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا « مەن ئۆزەمنىڭ مۇشۇنداق ئىقتىدارىم بارلىقغا ئىشىنىمەن» دېدى. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى تەلەي كەلگنلىكنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمما،بۇ شىرئەلىجاننىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىراقتىن ئاتقان ئۈچ نومۇرلۇق توپى ئەمەس. ھەم ئەڭ يىراق ئارىلىقىتن ئاتقان توپىمۇ ئەمەس. 2010-2011 مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ بىلەن جىياڭسۇ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە شىرئەلىجان ئارقا مەيداندىكى جازا توپ ئېتىش سىزىقىدا تۇرۇپ قارشى تەرەپ گارىغا توپ تاشلاپ كىرگۈزگەن. شۇ چاغدىمۇ مۇسابىقە ئاياغلىشىش پۇشتىكى چېلىنىپ توختىغىچە بولغان ئارىلىقتا چۈشكەنىدى ( بۇنداق توپ خەنزۇچىدە 压哨球دەپ ئاتىلىدۇ). بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى كۆپ مەشىق قىلغانلىقىنىڭ يەنى بىر كۈندە 600 قېتىمدىن ئارتۇق 3 نومۇرلۇق توپ نومۇرلۇق توپ ئېتېىش مەشىقى قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنى تەلەي كەلگەنلىك دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇ توغرىسىدا شىرئەلىجان مۇنداق دەيدۇ« مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن ئىلگىرى مەن ھەركۈنى 600 قېتىمدىن ئارتۇق 3نومۇرلۇق توپ ئېتىش مەشىقى قىلاتتىم، مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان كۆپ ۋاقتىمىز يولغا سەرپ بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا ھازىر كۈندە 200 قېتىم 3 نومۇرلۇق توپ مەشىقى قىلالايمەن.» شىرئەلىجاننىڭ بۇتوپى يى جيەنليەن، مەيدى(چىڭداۋ كوماندىسىنىڭ ئامېرىكىلىق ئەزاسى) قاتارلىق ماھىرلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ بۇ ئايلانمىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئۇرۇلغان 5 توپنىڭ بىرىنچىسى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
تۆۋەندىكىسى CCTVنىڭ بۇ ئايلانمىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئېتىلغان 5 توپ توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ ئادرېسى:
[media=x,500,375][/media] http://sports.cntv.cn/20130117/101750.shtml
خەۋەر مەنبەسى: http://sports.cn.yahoo.com/ypen/20130117/1558454.html
تەرجىمە قىلغۇچى: نىجات بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-18 12:05 PM
|