بىر تۇغقان تىپىلمايدۇ
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
بىر تۇغقان دىگەنلىك ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ.
بىرىنچىسى : ئاتا-ئانىسى بىر بولغان بىر تۇغقانلا بولۇپ بۇلارنى كىشلەرنى جان قىرىنداش بىر تۇغقان دەپ ئاتىشىدۇ.
ئىككىنچىسى : ئانىسى بىر بولغان بىر تۇغقانلار بولۇپ بۇلارنى كىشلەر قىرىنداش بىر تۇغقانلار ( يەنى قىرىن بىر،قوساق بىر دىگەن مەنىدە) دىيشىدۇ.
ئۈچۈنچىسى : دادا بىر تۇغقانلار بولۇپ بۇلارنى كىشلەر قانداش بىر تۇغقانلار ( يەنى قان قىرىنداش،قان بىر دىگەن مەنىدە)دەپ ئاتىشىدۇ.بۇلارنىڭ ئورتاق ئاتالغۇسى بىر تۇغقانلار،قىرىنداشلار دەپ ئاتىلدۇ.
مانا مۇشۇنداق بىر تۇغقان قىرىنداشلىق مۇناسىۋەت،ئۆزىنىڭ چەكسىز مىھىرى-مۇھەببىتى بىلەن،ئۇزاق زامانلاردىن بىرى خەلىقىمىزنىڭ ئىجتىمائى ئەخلاقى ۋە مەنىۋى گۈزەللىكى ئۈچۈن تىگىشلىك ھەسسىسنى قوشۇپ،ئۆزگۈچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇرۇقتۇغقاندارچىلىق،قىرىنداشلىق رىشتىسىنى شەكىللەندۈرۈپ،ئىللىق ئائىلە،ئىللىق دۇنيا ۋە ئىناق جەمئىيەت،گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشقا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملىشىپ،خەلىقىمىزنى مىھمان دوسىت خەلق دىگەندەك شەرەپلىك ناملار بىلەن دۇنياغا تۇنۇتۇپ،ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكىنى ھەقىقى ھىس قىلىشىمىزغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە.
بىر تۇغقان قىرىنداشلار ئاساسەن بىر ئائىلىدە بىللە ياشاپ،تەڭ كۈلۈشۈپ،تەڭ يىغلاپ،ئۆز-ئارا كۆيۈنۈپ چوڭ بولىدۇ.بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كىتىپ قالسا،ئوغۇل بىر تۇغقانلار دادا ئورنىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى بولۇپ ئۆزىدىن كىچىكلەرگە ۋە قىز بىر تۇغقانلىرىغا ئىگە بولۇپ ھەم قوغداپ دادىسىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ياشاپ ئۆزىنىڭ بىر ئوغۇل بالىلىق بۇرچىنى بۇ دۇنيادىن كەتكۈچە ئادا قىلىدۇ.قىز بىر تۇغقانلار بولسا ئوغۇل بىر تۇغقانلىرىغا دادىسىغا ھۆرمەت قىلغاندەك ھۆرمەت قىلىپ،سىزغان سىزىغدىن چىقماي،ئۇلاردىن ئەيمەنگەن ھالدا ياشاپ دۇنيادىن كىتىدۇ.بۇلار ئارىسىدا ھازىرقىدەك نە مەنپەئەت،نە مال دۇنيا،نە ئەر ياكى نە خوتۇن بولماستىن پەقەتلا قىرىنداشلىق مىھرى-مۇھەببەتلا بولىدۇ. مانا بۇ قىرىنداشلىق مىھرى ئەجداتلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ھەقىقى ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر تۇغقانلىق،قىرىنداشلىق مىھرى-مۇھەببەتتۇر.ئەپسۇس يىقىنكى يىللاردىن بىرى ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى،شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشى شۇنداقلا كىشلەرنىڭ پۇلغا بولغان ئىھتىياجى ۋە چوقۇنىشىنىڭ تەدرىجى يۇقۇرى كۆتۈرلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن مىھرى-مۇھەببىتىمىزدىن ئىبارەت ئۇلۇغ بايلىقىمىز تەدرىجى سۇسلىشىشقا باشلىدى،ھەتتا بىزنىڭ مىھرى-مۇھەببەتكە تولغان بىر تۇغقانلىق ۋە قىرىنداشلىق رىشتىمىزگىمۇ دەز كىتىشكە باشلىدى.
بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋىردىكى خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە كەسپى تىجارەتلەرنىڭ جىددىلىقى،تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تىزلىقى سەۋەبىدىن بىر قىسىم كىشلەر ئۆزلىرىنىڭ ئالدىراشلىقىنى بانا قىلىپ،بىر تۇغقانلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئىزدىشىدىغان، يوقلىشىدىغان ئەنئەنىۋى ئېسىل ئادىتىمىزگىمۇ ۋاقت چىقىرالمايدىغان،ھەتتا بۇ ئىشلارنى بىر خىل ئاۋارەچىلىق،ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق دەپ قارايدىغان ئەھۋاللار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە.بۇ سەۋەبتىن بۇلارنىڭ باللىرىمۇ بىر-بىرىنى تۇنۇمايدىغان،ئۆيلىرىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالماقتا. يەنە بىر قىسىم بىر تۇغقان قىرىنداشلار ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كىتىپ بولغۇچە ئۆز-ئارا مىراس تالىشىدىغان،مال- مۈلۈك تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالىدىغان ھەتتا ئەرىز-داۋا قىلىدىغان،بۇ ئارقىلىق ئۆمۈرلۈك ياتلىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە.بىر تۇغقان قىرىنداشلارنىڭ ياتلىشىپ كىتىشىدەك يامان ئادەت خەلىقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىغا ئىگە ئېسىل ئەنئەنسىگە،ئەخلاق مىزانىغا ۋە ئىتقادىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن،جەمئىيەت ئىناقلىقىغا،مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ۋە ئەۋلاتلارنىڭ ساغلام تەربىيلىشىگە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ.بۇ جەھەتتە ئەجداتلاردىن قالغان ھىكايە بار. مىسالەن سۈپۈتىدە كەلتۈرەي.
بۇرۇنقى زاماندا بىر دانىشمەن پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. بۇ پادىشاھ بىر قىتىملىق ۋەتەننى قوغداش جېڭىگە ئۆز ئوغۇللىرىنى بىر تۇغقان قىرىنداشلىرىنى لەشكەرلىرىگە قوشۇپ ئەۋەتىپتۇ.بىر كۈنى بىر خەۋەرچى كىلىپ پادىشاھ ئالەم دىگىنىچە بىر ھازا يىغلىۋىتىپ،ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك پارىلىرى بولغان چوڭ ئوغۇللىرى جەڭدە ئۆلۈپ كەتتى دەپتۇ.بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ ھىچقىسى يوق ئوغلۇمنى ئاللاھ ئۆزى بەرگەن يەنە ئۆزى ئەكىتىپتۇ دەپتۇدە سەۋىر قىلىپتۇ.يەنە بىر كۈنى بۇ خەۋەرچى يەنە كىلىپ پادىشاھقا،ئىككىنجى ئوغلىنىڭمۇ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلىپتۇ.بۇ قىتىممۇ پادىشاھ ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئولتۇرۇپ بىرىنجى ئوغلىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىگە بەرگەن جاۋاپنى بىرىپتۇ.ئۈچىنچى قىتىمدا بۇ خەۋەرچى يەنە كىلىپ پادىشاھقا بۇ قىتىم بىر تۇغقان ئىنىلىرى ئۆلۈپ كەتتى دەپ خەۋەر قىلىپتۇ.بۇ خەۋەردىن پادىشاھ چۈچۈپ كىتىپتۇدە ئۆزىنى كاچاتلاپ،يەرگە ئۆزىنى ئىتىپ يۇمۇلنىپ،قوللىرىنى چىشلەپ چىدىغۇسىز ئازاپ بىلەن ھۆكىرەپ يىغلاپ كىتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن خەۋەرچى ھەيران قىلىپ،پادىشاھتىن پادىشاھ ئالەم ئالدىنقى قىتىمدا جان جىگەر يۈرەك پارىلىرى بولغان ئوغۇللىرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئىلىپ كەلسەم بۇنچىۋالا يىغلاپ كەتمىگەن ئىدىلە،ئەمدى بىر تۇغقان قىرىنداشلىرىنىڭ ئۆلۈمىنى ئاڭلاپ بەكمۇ يىغلاپ كەتتىلە دەپ سوراپتۇ.پادىشاھ ھەي نادان ئاڭلاپ تۇر،ئوغلۇم ئۆلۈپ كەتكەن بولسا،قايتىدىن يەنە ئۆيلەنسەم ئاللاھ يەنە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلار ئىدى،ئەمما بىر تۇغقان قىرىندىشىم ئۆلۈپ كەتسە بىر تۇغقان تۇغۇپ بىرىدىغان ئانام بولمىغاندىكىن بۇ دۇنيادا كىممۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بىرەلىسۇن دەپتۇدە بۇ خەۋەرچىگە نەسىھەت قىلىشىقا باشلاپتۇ. بۇ جاھاندا تىپىۋالغىلى ياكى پۇلغا سىتۋالغىلى بولمايدىغان ئۈچ تۈرلۈك نەرسە بار. بىرنچىسى ئاتا-ئانا،ئىككىنچىسى بىر تۇغقان قىرىنداش،ئۈچىنچىسى ۋاقىتتۇر.ئىنسان بۇ ئۈچىنىڭ قايسىدىن ئايرىلسا ئوخشاشلا ئورنىغا كەلتۈرەلمەيدۇ.
بۇ دۇنيادا ئادەم ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ كىم بولىشىنى،ۋەتەننىڭ قەيەر بولىشىنى ۋە بىر تۇغقان قىرىندىشىنىڭ كىم بولىشىنى تاللىۋالالمايدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن ئاناڭ كىمنى تۇغقان بولسا ئۇ قانداق ۋە كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر،ئۇ سىنىڭ بىر تۇغقۇنۇڭ،قىرىندىشىڭ،ئۇنى قەدىرلىشىڭ ئاخىرغىچە ئىناق ئۆتۈپ يار-يۆلەك بولۇشۇڭ كىرەك.شۇنى بىلگىنكى بۇ دۇنيادا ھىچقانداق دوست بىر تۇغقان قىرىنداشنىڭ ياكى ئۇرۇق تۇغقاننىڭ رولىنى ئالالمايدۇ يەنى بىشىڭغا كۈن چۈشكەندە،ئاغىرىپ ياتقىنىڭدا بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققىنىڭدا،ئۆلۈپ كەتكىنىڭدە،دوسىتلىرىڭ سىنى ئۇنتۇپ كىتىشى مومكىن،بىراق سەن ئىزدىگىلى خوش ياقمىغان، سەن ياراتمىغان،سەن ئەسكى دىگەن ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ بىر تۇغقان قىرىنداشلىرىڭ سەن ئۈچۈن قايغۇرىدۇ،ياردەمدە بولىدۇ،ساڭا ئەسقاتىدۇ.
ئاپتور: قاغلىق ناھىيە شاتلىق دوختۇرخانسىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-18 11:46 AM