|
|
|
|
ۋېيشىندىن يىراق تۇرۇپ،مۇھەببەتكە سادىق بولايلى! (1) ئىشلەتمەمدۇق ۋېيشىننى (2) خىيالى كۈنلەپ قاپتۇ مۇھەببەت، ۋېيشىندىكى قىزلاردىن . كۈندە جىدەل قۇرمايدۇ ، ئىشلەتمەمدۇق ۋېيشىننى. كۈندە جىدەل تۈگىمەيدۇ، قىلىدۇ ھەركۈن سوراقنى. قۇلاق،مېڭە ئاغرىدى، ئىشلەتمەمدۇق ۋېيشىننى. يۇيۋەتتىم ۋېيشىندىن، پەرى گۈزەل قىزلارنى. يەنە كۈنلەپ يۈرىدۇ، ئىشلەتمەمدۇق ۋېيشىننى. كۈنلەپ يۈرۈپتۇ ئەمدى، ۋېيشىندىكى ئوغۇللاردىن. توۋا،توۋا ،ۋاي مىڭ توۋا، ئىشلەتمەمدۇق ۋېيشىننى. دوست بۇرادەر قېرىنداش، ۋەي،ۋەي قىلىپ يۈرىدۇ. كۈنلىمەي قالامدۇ بۇنى، ئىشلەتمەمدۇق ۋېيشىننى. دەپ بىقىڭلار تورداشلار، ۋېيشىن ئويناپ يۈرەمسىز. كۈنلەمدۇ مۇھەببەت ھەم، ئىشلەتمەمدۇق ۋېيشىننى. (1) بۇ سۆزنى مەلۇم بىرەيلەندىن ئاڭلىغان.ھەم بۇ شېئىرنى يېزىشقا ئىلھام بولغان. (2)بۇ شېئىر مەزمۇنى ئاپتۇرنىڭ سەرگۈزەشتىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز،ئەگەر تورداشلارنىڭ بىرەرسىنىڭ سەرگۈزەشتىسىگە ئوخشاپ قالسا،بۇ پەقەت دەل كېلىپ قىلىش.ھەرگىزمۇ بىراۋگە قارتىلمىغان.
|
|
|
|
|
|