مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 425|ئىنكاس: 1

تەسىرات ( نەسىر ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89921
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1542
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:59:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                   تەسىرات (موزىي خاتىرىسى )   

       مانا كېتىۋاتمەن ،تەقەززارلىق ئىلكىدە چوڭ-چوڭ دەسسەپ كېتىۋاتىمەن ،ئالدىرىغانسىرى يول شۇنچە ئۇزىراپ كېتىۋاتقاندەك ،موزىي بولسا ئۆزىنى مەندىن قاچۇرۋاتقاندەكلا ،ياق ! ئۇنى كۆزدىن قاچۇرۇپ قويسام قەتتىي بولمايدۇ ،بارا-بارا قەدەملىرىمنى تىزلەتتىم ، قەدەملىرىم تىزلا  مېنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق موزىينىڭ قېشىغا باشلاپ كەلدى -ۋاھ ! مۇئەللىم ، مۇئەللىم بىزنى تەقەززارلىق ئىلكىدە ساقلاپ تۇرۇپتۇ ،خۇددى مىھرىبان ئانام يەسلىدىن چىققان چاغدا تەقەززارلىق ئىلكىدە ساقلاپ تۇرغاندەك                           

       مانا مەن كىردىم ،نەچچە مىڭ يىللىق قىسمەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن تارىغ قوينىغا كىردىم كۆزئالدىمدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ تەكشىلىك خەرىتىسى نامايەن بولدى ، -پاھ ! نىمە دىگەن  كۆپ تاغلار ،نىمە دىگەن كەڭرى كەتكەن قۇملۇقلار بۇ ، تەڭرىتاغلىرى زىمىن باغرىدا يىلان باغرى سوزۇلۇپ ياتاتتى ، تارىم دەرياسى تەكلىماكان قۇملۇقىدا تومۇردىكى قىپقىزىل قان بولۇپ ئاقاتتى ،چوگىر چوقىللىرى بۇزىمىننىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە بۇ زىمىنغا تەشنالىق ئىلكىدە قاراپ تۇراتتى ،تۇيۇقسىز كۆزۈم دۇنيا سىرلىرىنىڭ ئاچقۇچى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدىنىيەت بۆشۈكى قەشقەرگە چۈشتى ،

    مانا كۆز ئالدىمدا يۈسۈپ ،مەھمۇد بوۋامنىڭ گۈزەل سىماسى نامايەن بولدى ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىغا قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسى كۆكتىكى نۇرلۇق قۇياش كەبى چاقنايتى ، مانا ئالدىمدا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قولىدا قىلىچ تۇتقان ھالدا تاغىسى بىلەن كەسكىن ئېلىشماقتا ، ئۇنىڭ ئىسلام يولىدىكى فەتىھلىرى زىمىن باغرىدا نۇر بولۇپ يانماقتا                                                  

   مانا تەكلىماكان قۇملىقىنى بويلاپ مېڭىپ كېتىۋاتىمەن ، چەكسىز كەتكەن بۇ قۇملۇقتا تۇيۇقسىز گۈزەل بىر رەنانى ئۇچىراتتىم  ،  ئۇنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي ۋارقىراپ تاشلىدىم                    !

-كىرورەن گۈزىلى !!!  ئاھ  ! تەڭرىم  بۇ ئۆمۈرۈمدە كىرورەن گۈزىلىنى كۆرەلەيمەن دەپ ئەسلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن   ، نىمە دىگەن گۈزەل ، نىمە دىگەن لاتاپەتلىك پەرىشتە سۈپەت قىز بۇ ، سېنىڭدەك گۈزەل ئۇيغۇر قىزىنىڭ بولغىنىدىن جىمى جاھان ئەھلى ھەيران قالماي تۇرالمايدۇ ئەلۋەتتە ، ئۇنى بىرلا كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولدۇم ، ئۇنىڭدىن پەقەتلا ئايرىلغۇم كەلمىدى ،  بىراق ئۇنىڭ ھىدلىرى مېنى ئۇچۇرۇپ كىرورەن قەدىمىي شەھرىگە ئەككىلىپ تاشلىدى .  قارسام بەھەيۋەت سېپىللار ، سودا-سېتىق بولاۋاتقان قايناق بازارلار ، تېرقچىلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىپ ھوسۇل شاتلىقىنى تەنتەنە قىلىۋاتقان دېھقانلار كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى ،  بىرلا قاراپ بۇ شەھەرنىڭ ھەقىقەتەن ئاۋاتلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم ، قەدەملىرىم مېنى توختاۋسىز ئالدىمغا مېڭىشقا ئۈندەيتى ، يولۇمنى يەنە داۋام ئەتتىم  .

      مانا يولۇمنى داۋام قىلىپ كۇچاغا كەلگىنىمدە  بۇددا دىنىنىڭ ئىككىنجى ئۇستازى كومۇراجىۋا ماڭا سەپەرداش بولدى ، ئۇنىڭ بۇددا دىنىغا قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى ، قاتار كەتكەن قىزىل مىڭ ئۆيلەر ۋە نۇرغۇنلىغان بۇددا ئىبادەتغانىللىرىنى كۆرۈپ ئازىراق بولسىمۇ ھېس قىلغاندەك بولدۇم ،ئۇزۇنغا بارماي ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ يەنە ئۆز يولۇمغا راۋان بولدۇم                                                      

      مانا ئۆزۈممۇ بىلمەي تەبىئەت ئانىنىڭ زىمىن باغرىدا ئاپىرىدە قىلغان ئۇلۇغ مۆجىزىسى كارىزنىڭ قېشىغا كېلىپ قاپتىمەن ، ئانىنىڭ قەلبىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان مىھرى-مۇھاببەت ئوتىدەك ،يەرنىڭ قىنىدىن توختاۋسىز ئېتىلىپ چىقىۋاتقان زەمزەم كەبىي كارىز سۈيى قەلىب تەشنالىقىمنى قاندۇرۇپ تېخىمۇ ئىلگىرلەپ مېڭىشىمغا تۈرۈتكە بولدى ، ئۇنىڭ سۇلىرىنى ئىچىپ قەدەملىرىم ئىتتىكلىدى ، كەيپىيات بۆلەكچىلا جانلاندى ، ئالدىمدا ئېگىزلىكىدىن ئاسمان بىلەن بوي تالىشىۋاتقان  ، مەدەنلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن ئۆزىدىن ماختىنىۋاتقان مەرد ، سېخىي تاغلار نامايەن بولدى ،تاغ باغرىدا توپ-توپ  بولۇپ ئاقىللار ئىيتىشى قىلىۋاتقان قازاق خەلقىنى،ئۇلارنىڭ قاتار-قاتار كەتكەن كىگىز ئۆيىلىرىنى كۆرۈپ ئۇلار بىلەن كۆرۇشۇپ ئۆتۈش مەخسىتىدە ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلار بىلەن ھەمداستىغان بولدۇم ،ئۇلارنىڭ پىشۇرغان قوي گۆشلىرىگە ، قىمىزلىرىغا ،قۇرۇتلىرىغا ئېغىز تەگدىم ، ئۇلارنىڭ مېھمان دوستلىقى مىنى بەك سۆيۈندۈردى                                                                                      

تارىخ يەنە داۋام ئەتمەكتە                                                                 !

   مانا ھونلار خەلىقنى بۇلاپ تالىماقتا ! ئۇلار قۇتىرىغان بۆرىدەك چىن سۇلالىسىگە پەقەت ئارام بەرمىدى ، مانا  ! پەرمانمۇ ئاخىرى چۈشتى ،سەددىچىن سېپىلى كۆزنى يۇمۇپ  ئاچقۇچە ھونلارنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالدى                                                                                 

   مانا جاڭچىيەن بىلەن غەربىي يۇرۇتقا ئاتلاندۇق ،نۇرغۇن ئىسسىق سوغوقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ يىپەك يولىنىڭ تۇنجى كارۋانچىسى بولۇپ قالدۇق ،                                                      

  مانا كۆز ئالدىمدا زىمىن ئەركىسى چىڭگىزخان نامايەن بولدى ، قولىدا قىلىچ تۇتقان ھالدا لەشكەرلىرىنى جەڭگە چاقىرماقتا ،ئۇلارنىڭ قەلبىگە ھەممىنى باش ئەگدۈرۈشتن  ئىبارەت يۈكسەك ئارزۇنىڭ ئۇرقىنى چاچماقتا ،                                                                              

    مانا كۆز ئالدىمدا ئابدىرىشىت خاننىڭ ھەيۋەتلىك قەلئەسى كۆرۈندى  ، قەلئە ئۈستىدە تۇرۇپ يەكەننى تويماي كۈزۈتتىم ،  تۇيۇقسىز  يىراقتىن خەلقىمىزنىڭ شائىرەسى 12مۇقامنىڭ رەتلىگۈچىسى ئاماننىساخان كۆرۈنگەندەك بولدى  ، كۆزۈمگە ئىشىنەلمەيلا قالدىم ، دەرھەقىقەت شۇ ئىدى ،ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلىگىنىمدىن تولىمۇ خوش بولدۇم ،ئۇنىڭغا خەلقىمىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى ،  ۋە ئۇنىڭ 12 مۇقامغا قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىگە خەلقىمىزنىڭ كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى خەلقىمىزنىڭ قوللايدىغانلىقىنى ئېيىتتىم                                                      

   مانا  ئارقامدا ئاپاق خوجا سوپىزىمنى كەڭ تارقاتماقتا ، خەلىقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش ، خەلىقنىڭ قېنىنى شۇراپ تۈگۈتۈشنى مەخسەت نىشان قىلىپ تىزلىنىپ تۇرۇپ دالاي لاماغا يالۋۇرماقتا ، مانا جۇڭغارلار ئىپلاس قىلىچلىرىنى پۇلاڭلىتىپ باستۇرۇپ كەلدى ، ئاھ ! خۇدا ! يەكەن خانلىقى ، قىپقىزىل قانلار زىمىن باغرىغا ئازابلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى ،                                             

  كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم ، قەدەملىرىم مېنى ئىختىيارسىز قاياقلارغىدۇر باشلايتى ، قەلبىمنى ئاچچىق بىر ئازاب چىرمىۋالدى ،كۆزۈممۇ ئۆز رولىنى يوقاتقان ،يۈركۈمنىڭ قانداقتۇر بىر يىرىدىن پۈتۈن بەدىنىمنى لەرزىگە سالىدىغان بىر سادا ياڭرايتى ، تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدا مەردانە قەدەملەر بىلەن كېلىۋاتقان ئابدۇقادىر داموللام بىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر كۆرۈنگەندەك بولدى ،كۆزۈمگە ئىشەنمەي چوڭ ئېچىپ قارىۋىدىم ھەقىقەتەن شۇلار ئىدى ، ئۇلارنى كۆرۈپ قەۋەتلا خوش بولدۇم ، ۋە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇلارغا قاراپ يۈگۈردۈم ، تولىمۇ ئەپسۇس مەن شۇنچە يۈگۈرگەنسىرى ئارلىقىمىز بارغانسىرى يىراقلاشماقتا ... بارا-بارا ئۇلار كۆزدىن خايىپ  بولدى  ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئاياغ ئىزىدىن باشقا نەرسە كۆرنمىدى ،                                                                                    

كۆڭلۈم يەنە يېرىم بولدى ،يەنە شۇ ئازاپ يەنە مېنى ئازاپلاشقا باشلىدى ،ئامالسىز ئاياغ ئىزىنى بويلاپ ئارقامغا ماڭدىم ، ئۇزۇنغا بارماي يىراقتىن بىر توپ كىشىلەر  كۈلكە سادالىرىنى ياڭرىتىپ مەن تەرەپكە كېلىۋاتاتتى ،ئۇلارنى كۆرۈپ  خوشلۇقۇمنى باسالمايلا قالدىم ، ئۇلار يېقىنلاشقاندا بولسا تېخىمۇ ھەيران قالدىم ، چۈنكى ئۇلار بايىقى ئىزنى بويلاپ كېلىۋاتقانلار ئىدى.........                                       

تۇيۇقسىز چۈشەندۈرگۈچىنىڭ بۈگۈنكى ئېكىسكۇرسىيە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، دىگىنى بىلەن تارىغتىن قايتىپ چىقتىم  ، كۆز ئالدىمدا يەنىلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ تەكشىلىك خەرىتىسى بىلەن مۇئەللىم ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى ،                                 

موزىيدىن قايىتقاندا بولسا ھەقىقىي ھاياتنىڭ نىمىلىكىنى ، ئەمدە قايسى يولنى بويلاپ مېڭىش كېرەكلىكىنى بىلگەندەك بولدۇم                                                                   .

مەنبە : نىجات نۇرلان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mator تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-18 12:10 AM  


ئانا تىلىمىز بىزدىن يىراقلاشقىنى يوق ، بەلكى بىز ئانا تىلىمىزدىن يىراقلىشىۋاتىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70206
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3144
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2011-12-14
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 06:49:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشىم  بۇ تەسىراتنىڭ بېشىنى ئوقۇپ  تېتىقسىز ئوخشايدۇ دىسەم ھەممىنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىغانلىقىنى ھىس قىلدىم!!! قۇلاڭلىغا  دەت بەرمىسۇن!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش