مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 821|ئىنكاس: 2

ساغلاملىق مەسلەھەتچىسى(13-قىسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16632
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:39:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى قانچىلىك بولىدۇ؟
ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن باشلاپ ئۆلۈپ كەتكىچە مۇنداق ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ:
بىرىنچى باسقۇچ، تېز خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش مەزگىلى. ئادەتتە، ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئىككى ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ كېسەل ئالامىتى زۇكامنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، تېزلا ساقىيىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىگېنىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ، لېكىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ، كېسەل ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملىنىش مەزگىلى (يوشۇرۇن مەزگىلى ياكى كۆزنەك مەزگىلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىپ تاكى قانغا ئۆتۈپ، تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى شەكىللەنگىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئادەم بەدىنىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بولىدۇ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىق پەرقى چوڭ، قىسقا بولغاندا بىر يىلغا يەتمەيدۇ، ئۇزاق بولغاندا 15 يىلدىن ئاشىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش مەزگىلى. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ تۆۋەن ئىقتىدارىنىمۇ ساقلاپ قالالمىغان چاغدا، داۋالاش قىيىن كۆپ خىل كېسەللەر كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى، ئاساسلىقى، قان سۇيۇقلۇقىدا، ئىسپېرمىدا، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرىدا، سۈتتە، جاراھەتلەردىن چىققان سۇيۇقلۇقلاردا بولىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر ئەيدىز كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۈچ چوڭ تارقىلىش يولىنى كونترول قىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
قان ئارقىلىق يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇنىڭدا زەھەردىن يىراق تۇرۇش، شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبلىك كۆرۈلىدىغان تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغۇچىلارنى مېتادون بىلەن داۋالاش ھەم پاكىز شپىرىس ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش؛ بۇلغانغان قان سۇيۇقلۇقى ياكى قان سۇيۇقلۇقى ياسالمىلىرى، توقۇلما ۋە ئەزالار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قان سۇيۇقلۇقى، قان سۇيۇقلۇقى ياسالمىلىرى ۋە توقۇلمىلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.
جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇنىڭدا بەدەننى پاكىز تۇتۇش، گاندوننى توغرا ئىشلىتىش، جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىنىش كېرەك.
ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، ئەگەر ھامىلىدار بولۇپ قالسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك، داۋاملىق ھامىلىدار بولۇشنى تاللىغانلار ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، بوۋاقنى ئېمىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ئەيدىز ۋىرۇسى ئاجىز ۋىرۇس بولۇپ، سىرتقا نىسبەتەن قارشىلىق كۈچى ئاجىز، ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا شارائىتىدىكى ھاياتلىق مەزگىلى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ. قۇرغاق مۇھىت، يۇقىرى ئىسسىقلىق ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ، نورمال تۇرمۇش، ئورتاق خىزمەت ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى تارقالمايدۇ. مەسىلەن: قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش ياكى سۆيۈشۈش، يۆتەل ياكى چۈشكۈرۈش، ئاممىۋى تېلېفون ئىشلىتىش، دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىش، ئاممىۋى ئاشخانا ئەسلىھەلىرى ياكى يېمەك – ئىچمەك قوراللىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، تازىلىق ئۆيى (ھاجەتخانا) ياكى مۇنچا ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، پاشا چېقىۋېلىش قاتارلىقلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ.
ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمان قىلغان كىشى مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ياكى ئەيدىز كېسىلىنى كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرتىش كېرەك، ئانتىۋىرال دورىلار ئارقىلىق داۋالانغاندا، ئەيدىز كېسىلىنى تەلتۆكۈس ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن كېسەل ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى ھەم تارقىلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، كېسەلنىڭ قوزغىلىشىنى كەينىگە سۈرگىلى، ئاغرىقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.


ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاشتىكى ‹‹ تۆتنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىردە غەمخورلۇق قىلىش›› سىياسىتى
ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاشتىكى ‹‹ تۆتنى كەچۈرۈم قىلىپ ، بىردە غەمخورلۇق قىلىش›› سىياسىتى ئايرىم –ئايرىم ھالدا : يېزا ئاھالىلىرى ۋە شەھەر – بازارلاردىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق داۋالاش كاپالەت تۈزۈمىگە قاتناشمىغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلار ئىچىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى، يەرلىك سەھىيە تارماقلىرى بېكىتكەن يۇقۇملۇق كېسەللىك دوختۇرخانىسى ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك رايونى(بۆلۈمى)تەسىس قىلىنغان ئۇنىۋېرىسال دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ، كېسەللىك ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ھەقسىز ئىچىپ، كېسەللىك ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ؛ بارلىق ئەيدىز كېسىلى بويىچە مەسلىھەت سوراش ۋە كېسەللىك ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان خادىملار ھەر دەرىجىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىش مەركىزى ۋە ھەر دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى بېكىتكەن داۋالاش ئاپپاراتلاردا ھەقسىز مەسلىھەت سوراش ۋە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى ھەقسىز قوبۇل قىلسا بولىدۇ؛ ئەيدىز كېسلى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدارلارغا قارىتا يەرلىك ئەيدىز كېسەللىك ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان دوختۇرخانىلار ساغلاملىق بويىچە مەسلىھەت بېرىش، تۇغۇشتىن بۇرۇنقى يېتەكلەش ۋە تۇغۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئانا بىلەن بوۋاقنى ئايرىش، دورا بويۇملىرى ۋە بالىلارنى تەكشۈرۈش سىناق دورىلىرى بىلەن ۋاقتىدا ھەقسىز تەمىنلەيدۇ؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆپ خىل يوللار بىلەن مەبلەغ غەملەپ، ئەيدىز كېسلى تۈپەيلىدىن يېتىم قالغانلارغا قارىتا پىسخىكىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنى ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
‹‹بىردە غەمخورلۇق قىلىش›› دېگىنىمىز: دۆلەتنىڭ ئەيدىز كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش غەمخورلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىياسىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۇرمۇش ياردىمى بېرىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بار ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى يېقىندا ئەر – خوتۇن زەھەر ئېلىپ – سېتىش شايكىسىنى تارمار قىلىپ، 10 كىلوگرام زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈردى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى يېقىندا ئەر – خوتۇن زەھەر ئېلىپ – سېتىش شايكىسىنى تارمار قىلىپ، 10 كىلوگرام زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈردى .
2010 – يىلى 12 – ئاينىڭ بېشىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى3–چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى، فاڭ فامىلىلىك سىچۈەنلىك ئەرنىڭ ئۈرۈمچىدە زەھەر ئېلىپ–سېتىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن بولغانلىقىنى، 14 – دېكابىر ئۇنىڭ بىر تۈركۈم زەھەرلىك چېكىملىكنى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بىلەن ئۈرۈمچىگە توشۇپ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. زەھەر چەكلەش ساقچىلىرى تېزلىك بىلەن رازۋېدكا قىلىپ، زەھەرلىك چېكىملىك يوشۇرۇلغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنى تاپتى. شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى3– چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ياۋ شىن مۇنداق دېدى: ‹‹ چۈش ۋاقتى سائەت 12 لەر ئەتراپىدا، بىز نىشانلىغان ئاپتوبۇس ئۇلانباي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا پەيدا بولدى، ئاپتوبوس ئۈرۈمچى خۇمدانلىقتىكى ۋۇلوڭ مېھمانسارىيى ئەتراپىغا كەلگەندە جىنايەت گۇماندارى ئاپتوبۇستىن چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى دەرھال قولغا ئالدۇق. ئۇنىڭ يېنىدىن 1 كىلوگرام زەھەرلىك چېكىملىك چىقتى ›› .
سوتلاش ئارقىلىق، ساقچى تەرەپ بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارى جاڭ فامىلىلىكنىڭ پەقەت ۋاڭ فامىلىلىككە زەھەرلىك چېكىملىك توشۇپ بېرىدىغان چوماقچى ئىكەنلىكىنى، ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرى سىچۈەندىن ئۈرۈمچىگە زور مىقداردا زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ كېلىپ ساتقانلىقىنى بىلدى. 30 – دېكابىر ۋاڭ فامىلىلىك خوتۇنى خې فامىلىلىك بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندە، زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى 3 – چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى ئۇلار تۇرۇشلۇق بېيدۇشىڭ ئولتۇراق رايونىدا ئۇلارنى قولغا ئالدى. بۇ دېلوغا چېتىشلىق جەمئىي 4 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان بولۇپ ، 10 كىلوگرامدىن ئارتۇق زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشۈرۈلدى.


ئورۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5789
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 01:19:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا مۇشۇ كىسەلدىن يىراق قىلسۇن بىزلەرنى!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7720
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9889
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 291 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:37:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ساقلىسۇن بۇ كېسەلدىن.
ساغلاملىق  مەسلىھەتچىسى ھەربىر سانىنى ئىزچىل كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن. بەك ياخشى ئىش قىلىپسز . نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم، ھەم باشقا تورداشلارنىڭمۇ شۇنداق بىلىملەرنى ئىگەللىگىنىگە ئىشىنىمەن. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن  سىزگە ئالدى بىلەن تەن ساقلىق تىلەيمەن. ئىشلىرڭىزئۇتۇقلۇق بولغاي.

دىل ئازار، خۇدا بىزار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش