ئانا تىلىمىزنى قوغداش بىز ئەۋلادلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيتى ، ئانا تىلىمىزنىڭ بىزنىڭ قوغدىشىمىزغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز ھېس قىلىپ يىتىۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئانا تىلنى سۆيگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇنۇ كۆڭلۈمدىكى خىتابلىرىمنى سىلەرگە سۇنماقچى بولدۇم ، دىگەندەك قاملىشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ ، لىكىن كۆڭلۈمدىكى خىتابلىرىمنى مۇنبەردىكىلەرگە سۇنغۇم كەلدى
ئانا تىلىم بىباھادۇر
مەھمۇد بوۋام كۆتۈرگەنتى بېشىدا ،
ئەرەب تىلى يۈگۈرگەنتى قېشىدا .
ئاققان ئىدىڭ زەمزەم بولۇپ توختىماي ،
بارچە ھەممە دوست-دۈشمەننىڭ قېنىدا .
ئەلشىر بوۋام ئۈنچە تىزدى يېشىدا ،
شەربەت ئاقتى زىمىن باغرى قىنىدا .
پارىس تىلى يەتمەيدىكەن بەرىبىر ،
ئانا تىلىم ئۇيغۇر يىلى يېنىدا .
ئېسىللىقىڭ داستان بولغان تىلىدا ،
ھەممە بىرلە ھۆرمەت تاپقان دىلىدا .
پاساھىتىڭ گۈزەللىكىڭ دەردىدە ،
بارچە ھەممە قاراپ قالغان تېشىدا .
مىھرىڭ بار ئانا تىل ئىسسىق قېنىمدا ،
ئاقىدۇ سەل بولۇپ تومۇرلۇرۇمدا .
مەڭگۈگە ئەبەدىل كۈيلەيمەن سېنى ،
بولسىلام بۇ جېنىم ئەزىز تېنىمدا .
تاپمايمىز سېنىڭسىز قىلچە ئىناۋەت ،
سەن بىلەن خەلقىمىز سۈرەر سائادەت .
ھەي دوستۇم ئۇنۇتما ، بىلىۋال شۇنى ،
ئانا تىل ئەجداتتىن قالغان ئامانەت .
ئەجداتلار كۆتۈرسە بىزلەر خارلىدۇق ،
ئىشلەتمەي ئۆز-ئارا يىراق تاشلىدۇق .
ئانا تىل دەيمىز يۇ بۇ قۇرۇق شۇئار ،
چىن دىلدىن بىز ئۇنى سۆيۈپ باقمىدۇق .
زامانەم ئۆتمەكتە زار زار يىغاڭدا ،
يۈرەكلەر ئۆرتەندى قالدى پىغاندا .
ئەلۋىدا ئانا تىل تۈگۈشتۇق بىزلەر ،
سەن ئۈچۈن يۈرەكلەر قالدى ئارماندا .
ئەۋلادلار قەلبىگە ئورنىسا يات تىل ،
ياشىما بولدى سەن ئۆلدۈملا دەپ بىل .
بىلىۋال ئۇيغۇرنىڭ پۇشتى بولغانلار ،
ئاناڭغا ئوخشايدۇ ، قانداقمۇ يات دىل .
ئسپاتلار كۇرمىڭدۇر ، تىلىم بىباھا ،
تىلىمنىڭ شەررىگە تۇتاي گۈل-گىياھ .
تىلىمدىن ئايرىلسام ياشاپ ، نە قىلاي ،
بۇ ھايات مەن ئۈچۈن دوزاختۇر گويا .
مەيلى سەن ئۈگەنگىن دۇنيا تىلىنى ،
مەيلى سەن كىزىۋەت بايلار ئېلىنى .
ئۆز ئانا تىلىڭسىز سۈرگەن راھىتىڭ ،
جەننەتكە باشلىماس ھەرگىز سىلىنى .
مەنبە : نىجات نۇرلان شېئىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mator تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-17 11:29 PM